قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالى بەس- بەستە ئۆزگىچە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىشنى كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقتىن «ئالاھىدە» ماركىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۆزۈكسىز تەرەققىي قىلىپ كېڭەيتىلدى

2018-01-17 11:43:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالى بەس- بەستە ئۆزگىچە دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىشنى كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقتىن «ئالاھىدە» ماركىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئۆزۈكسىز تەرەققىي قىلىپ كېڭەيتىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ داڭقى ۋە نامى پەيدىنپەي ئۆرلەپ، بازىرى بارغانسېرى كېڭەيدى. ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى يەنمىننىڭ ئېيتىشىچە: ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ئىسىم كارتىسىغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان مەھسۇلاتلار بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئالاھىدىلىكى بارغانسېرى گەۋدىلەنگەن، مەسىلەن: ئۈزۈم ئۇرۇقى يېغى، زاراڭزا يېغى، جىغان مەھسۇلاتلىرى، ئەتىرگۈل مەھسۇلاتلىرى، يەنە بىر قىسىم جۇڭگو تىبابتىتى دورا مەھسۇلاتلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدىن چىقىرىلىپ ئىچكىرى ئۆلكە ۋە خەلقئارا بازارلىرىغا كىردى. ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك كەسپى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا تېز گۈللىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى بېيىش يولىغا مېڭىشقا ئۆلۈكسىز يېتەكلىمەكتە.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى