قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ «رەڭلىك بۇلۇت جىلغىسى» دا يېڭى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولى يورۇتۇلدى

2018-01-17 12:20:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 تاشقورغان ناھىيەسى مارياڭ يېزىسىنىڭ نامى تاجىك تىلىدا «رەڭلىك بۇلۇت جىلغىسى» دېگەن مەنىدە. يېزىنىڭ سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى كونىراپ بۇزۇلغانلىقتىن، بۇ يەر بىر مەزگىل توك يوق ھالەتتە تۇردى. بۇلتۇر، تاشقورغان ناھىيەسى كۆپ يوللار ئارقىلىق 7 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ، 6 ئاي ۋاقىت ئىچىدە گېنېراتور سىغىمچانلىقى 275 كلوۋاتلىق سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، «رەڭلىك بۇلۇت جىلغىسى» غا قايتىدىن يورۇقلۇق ئېلىپ كەلدى.
  ھەركۈنى كەچتە، قادىر مىرزا بىر ئائىلە كىشىلىرى تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر» پىروگراممىسىنى كۆرەتتى. تېلىۋىزور كۆرۈش قادىر مىرزا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرى ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى چۈشىنىشتىكى يېڭى يولى بولۇپ قالدى. مارياڭ يېزىسىغا توك يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، قادىر مىرزا ئۆيىگە چوڭ بىر تېلىۋىزور سېتىۋېلىشقا تەييارلىق قىلدى. يېڭى يىل كىرىشى بىلەن ئۇ ئالايىتەن ناھىيە بازىرىغا بېرىپ، بىر تېلىۋىزور سېتىۋالدى. قادىر مىرزا مۇنداق دېدى: توك بولغىنىدىن بەك خۇش بولدۇق. پارتىيەنىڭ سىياسەتلىرى بەك ياخشى، كەچتىمۇ يوپيورۇق بولۇپ كەتتى. ھازىر ھەر كۈنىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىشىمىز تېلىۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇش بولۇپ قالدى.
  مارياڭ يېزىسىنىڭ تۆت ئەتراپىنى تاغلار ئوراپ تۇرىدۇ، يەر شەكلى مۇرەككەپ. تاشقورغان ناھىيە بازىرىدىن مارياڭ يېزىسىغا بېرىش ئۈچۈن، دېڭز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 4 مىڭ 500 مېتىر كىلىدىغان تاڭلى داۋاندىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. يېزىدىكى ئەسلىدىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى 1998- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، گېنېراتور سىغىمچانلىقى ئاران 40 كلوۋات ئىدى، ياز پەسلىدىكى سۇ كۆپ مەزگىلدە پەقەت يېزىلىق ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنى توك بىلەن تەمىنلىگىلى بولاتتى. سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ گېنېرتورلار گۇرۇپپىسى كونا، ئۆستەڭ بۇزۇلۇپ كېتىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، 2002- يىلى سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسىنى ئىشتىن توختاپ قالدى. دېڭىز يۈزىدىن ئىگىز بولۇشتەك ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئورنى تۈپەيلىدىن ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش ناھايىتى قىيىن بولۇپ، مارياڭ يېزىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئېلېكتىرلەشكەن دەۋرىدىكى كەم ئۇچرايدىغان «قاراڭغۇ بۇلۇڭ» بولۇپ قالغان، بۇ يەردىكى دېھقانلار ئاممىسىمۇ ئىزچىل «كۈن چىقسا چارۋا بېقىپ، كۈن پاتسا ئارام ئېلىپ، كىرسىن چىراق يېقىپ» كۈن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنىدى. بۇلتۇر يېڭى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى ھەمدە بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، مارياڭ يېزىسىدىكى ھەممە ئادەم «يۇرتىمىزدا توك بار بولىدىغان بولدى» دەپ خۇش بولۇشتى. يېزىدا دۇكان ئاچىدىغان دولقۇن ئىززەتىك خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: توك بولغاندىن كېيىن تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن قۇلايلىق بولۇپ كەتتى، مەن بىر چوڭ توڭلاتقۇ ئالماقچى، بۇنىڭدا يېمەكلىكلەرنى سوغۇق ساقلىغىلى بولىدۇ. بېيىش باشلامچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تىجارەت كۆلىمىمنى كېڭەيتىپ، مارياڭ يېزىسىدىكى دېھقان- چارۋىچىلارغا ئۈلگە بولىمەن.
  مارياڭ يېزىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇراخمان جاۋارى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېڭى سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مارياڭ يېزىسىنىڭ 58 يىلدىن بۇيان تۇراقلىق توك بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى. بۇ يەرلىك ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرۈشىدە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. توك يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، بەزى ئىلغار ئەسلىھەلەرنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەچلىك تەكرار قىلىشىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ ياخشىلاندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى