قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالتۇن كەنتىنىڭ قىياپىتى يېڭىلاندى

2018-01-17 12:31:51     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قومۇل شەھىرىنىڭ ئېۋىرغول رايونى شەھەر ئىچى يېزىسى ئالتۇن كەنتى دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كەنتى بولۇپ، بۇ كەنتتە ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق يەتتە مىللەت ئاھالىلىرى ياشايدۇ. بۇ كەنت ئەزەلدىن داڭلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مول مەدەنىيەت تىندۇرمىسى ۋە مىللىي ئۆرپ- ئادەت خاسلىقلىرى بىلەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ كەلگەن. ئېۋىرغول رايونى تەرەققىيات شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپلەپ جەلپ قىلىش ئۈچۈن، «گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى» قىلىپ، ئالتۇن كەنتىنىڭ قىياپىتىنى ھەقىقىي تۈردە يېڭىلىدى.
ئېۋىرغول رايونىدىكى بوغاز كوچىسى ئالتۇن كەنتىنى كېسىپ ئۆتىدىغان غول كوچا بولۇپ، شەھەر رايونى بىلەن قومۇل ھەدىيە قوغۇن باغچىسىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى. بۇ كوچا ئىلگىرى تار، ئېگىز- پەس بولۇپ، كوچا بويىدىكى ئۆيلەرمۇ كونىراپ كەتكەنىدى. بۇ يىل ئەتىيازدا بۇ كوچىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى، بۇ كوچىدا ياشاپ كەلگەن نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا يېپيېڭى بىر كوچا نامايان بولدى. 28 مېتىر كەڭلىكتە ياسالغان بۇ كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئىككى قەۋەتلىك مىللىي ئۇسلۇبتىكى ئۆيلەر ئالاھىدە گەۋدىلەندى. شەھەر ئىچى يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئارسلان ئەمەت مۇنداق دېدى: بۇ كەنتتە «گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى» قىلىشتا كەنت قىياپىتىنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشانلىدۇق. ئۆرپ- ئادەت تارىخى، يەرلىك مەدەنىيەت ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلاندۇق، تۆت خىل ماركا (كەشتە يۇرتى، دېھقان رەسساملار يۇرتى، قاپاق سەنئىتى يۇرتى، مۇقام يۇرتى) نىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق ھەمدە 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى ئۆلچىمى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرىنى ساياھەتچىلىك مۇلازىمىتى، ساياھەتچىلىككە خاس ئالاھىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۆزگىچە ئۆرپ- ئادەت قول- ھۈنەر بۇيۇملىرىنى سېتىشقا يۈزلەندۈرۈپ كىرىمىنى ئاشۇردۇق.
ئالتۇن كەنتىدىكى باھارگۈل مەمەت ۋە ئېرى ئەخمەتجان گايىت يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى بىلەن ھويلىسىدا «ئۈچ يۈەنلىك تائاملار ئاشخانىسى» ئېچىپ، كۈنىگە مىڭ يۈەندەك كىرىم قىلدى. بۇ بىر باشلىنىش بولدى. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ كوچىدا قاتار- قاتار ئاشخانا، دۇكانلار ئېچىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ھالەت شەكىللەندى.
قاپاق سەنئىتى كۆرگەزمە سارىيى بۇ كوچىنىڭ ئاۋاتلىشىشىغا ھەسسە قوشتى. شەھەر ئىچى يېزىسىدىكى دېھقانلار ئۆز قولى بىلەن نەپىس نەقىشلەرنى ئويۇپ تەييارلىغان چوڭ- كىچىك ھەر خىل قاپاقلار بۇ كۆرگەزمە سارىيىغا قويۇلغان. بۇ قاپاقلار باراڭدىن ئۈزۈپ كېلىنگەن چاغدا كۆپ پۇلغا يارىمايتتى، لېكىن دېھقان سەنئەتكارلار كۆڭۈل قويۇپ نەقىشلىگەندىن كېيىن نەچچە يۈز يۈەن، ھەتتا نەچچە مىڭ يۈەنگە يارىدى. بۇنىڭ بىلەن، شەھەر ئىچى يېزىسىدىكى دېھقانلار ئارىسىدىن بىرمۇنچە قاپاق سەنئىتى ھەۋەسكارى يېتىشىپ چىقىپ، كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىش يولىغا مېڭىپ كىرىمىنى ئاشۇردى.
ئويۇن قويۇش سەھنىسى بۇ كوچىنىڭ جەلپكارلىقىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. بۇ سەھنىدە ھەركۈنى كەچقۇرۇن قومۇل مۇقاملىرىدىن ئارىيەلەر ئورۇنلىنىپ تۇرىدۇ.
ئالتۇن كەنتىدە كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدىغىنى يەنە ئالتۇن قەدىمىي كوچىسىدۇر. بۇ كوچا ئىناق، مۇقىم «گۈزەل يېزا- كەنت قۇرۇلۇشى» قىلىشتىكى قومۇل ۋاڭلىقى قەدىمىي كوچىسىنى تەقلىدىي ياساش تۈرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى مىڭ مېتىر كېلىدۇ. كوچا پۈتۈنلەي ئاسفالتلاشتۇرۇلدى، سۇ، تەبىئىي گاز، پار تۇرۇبىلىرى ۋە توك سىملىرى يەر ئاستىغا كۆمۈلدى. كوچا بويىدىكى 76 ئۆينى ئۆزگەرتىپ ياساش ۋە ھويلا- ئارانلارنى كۆكەرتىش قۇرۇلۇشى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلدى، ئاھالىلەرمۇ ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ ماسلاشتى، بۇنىڭ بىلەن بۇ كوچا تېزلا يېڭىچە قىياپەتكە كىردى.
ئالتۇن قەدىمىي كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق يۈسۈپ ئەمەتنى كىشىلەر «پولۇچىلارنىڭ باشلىقى» دەپ ئاتىشىدۇ. بۇلتۇر 4- ئاينىڭ 26- كۈنى قەدىمىي كوچىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەنىدى، يۈسۈپ ئەمەت ئىشچىلارغا پولۇ ئېتىپ بېرىش ئۈچۈن ئەتىگەندىلا گۆش، گۈرۈچ، سەۋزە سېتىۋالدى. كەنت ئاھالىلىرى شۇ كۈندىكى مەنزىرىنى ئەسلەپ «شۇ كۈنى چۈشتە 80 نەچچە ئادەم ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ تاماق يېدى، كۆپچىلىك ئۆزئارا پاراڭلىشىپ ۋە كۈلۈشۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئوخشاپ قالدى» دېدى. بۇ كوچىدا ھەركۈنى ئۇچراپ تۇرىدىغان مۇشۇنداق «بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» مەنزىرىسى ئالتۇن كەنتىنىڭ يېڭى قىياپىتىگە يېڭى ھۆسن قوشتى. ئىگىلىشىمچە، ئالتۇن كەنتىنىڭ قىياپىتى يېڭىلانغاندىن كېيىن، كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلى تېخىمۇ ياخشىلانغان، كەنت «ئىككى كومىتېتى» نىڭ ئىناۋىتى ئۆسكەن، ئۇيۇشۇشچانلىقى ئاشقان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى يەنىمۇ كۈچەيگەن.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى