قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىل، شىنجاڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»دا شىمالىي، ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئۈچ چوڭ يول ۋە جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ غول يول قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق تېزلىتىدۇ

2018-01-17 13:27:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ يىل، شىنجاڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»دا شىمالىي، ئوتتۇرا، جەنۇبىي ئۈچ چوڭ يول ۋە جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭ غول يول قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق تېزلىتىدۇ. قاتناشتا نۇقتىلىق تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى 2017- يىلىدىكى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن تەڭلەشتۈرۈپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا تۇتىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ. «13- بەشيىللىق» پىلاندىكى «ناھىيەلەرنى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا، يېزىلارنى ئاسفالىت يوللارغا تۇتاشتۇرۇش، كەنت يوللىرىنى قاتتىقلاشتۇرۇش» نىشانىغا ئاساسەن، شىنجاڭ قاتناش- تىرانسپورت نازارىتىنىڭ شۇ دەرىجىلىك ئورۇنلىرى قاتناش سېلىنمىسىنى تىرىشىپ 49 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈپ، يېڭىدىن 772 كىلومېتىر دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەلىرىنى ئۆزگەرتىپ ياساپ، يېڭىدىن 224 كىلومېتىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول ياساپ، ناھىيە يوللىرىنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا تۇتاشتۇرۇش نىسبىتىنى 7 پوئىنت ئاشۇرۇپ %70كە يەتكۈزىدۇ. بۇ يىل، شىنجاڭ ناھىيە بازارلىرىنى تۇلۇق قاپلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئادەتتىكى تاشيول تورى بەرپا قىلىشنى داۋاملىق تېزلىتىپ، «ئۈزۈك يول»لارنى ئاساسىي جەھەتتىن يوقىتىپ، ھەممە يوللارنى ئاسفالىتلاشتۇرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى