قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئېلېكترونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىش ناھىيەسى 55 گە يەتتى

2018-01-18 12:00:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جاڭ شېڭ مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇدا يامغۇرلۇق، نەم ھاۋارايى كۆرۈلسە، ھەسەل ھەرىلىرى كۈن بويى ساندۇقتىن چىقالماي، ئۆزى چىقارغان ھەسەللەرنى ئۆزى يەۋالىدۇ، يېڭى ھەسەل ئىشلەپچىقارمايدۇ». جاڭ شېڭ نۇرغۇن ئويلىنىش ئارقىلىق، جۇ جىچياڭنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلۇق ھېس قىلىپ، ئۇ قويغان باھانى قوبۇل قىلدى. ئەمما، جۇ جىچياڭ بولسا يەنە ئانچە خاتىرجەم بولالمايۋاتاتتى. جۇ جىچياڭ مۇنداق دېدى: «ئادەتتىكى ھەسەلنى ئالىدىغان خېرىدارلار يەنىلا كۆپ. شۇڭا، ئادەتتىكى ھەسەللەرنىڭ سېتىلىشىمۇ تېز بولىدۇ. ئەمما، پىشقان ھەسەلنى سېتىۋالىدىغانلار بولسا ناھايىتى ئاز. شۇڭا، تەننەرخىمۇ يۇقىرى بولۇپ كېتىپ، سېتىپ چىقىرىش تەس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. جاڭ شېڭنىڭ ھەقىقىي ئېلىش نىيىتى بولسا، سېتىپ چىقىرىشقا كۆزى يەتسە ئاندىن بىز ئىشلەپچىقارساق بولىدۇ، بولمىسا ئىشلەپچىقارمايمىز» دېدى. جاڭ شېڭ ھەسەل كەسپىدىكى ئەنئەنىۋى سېتىش ئۇسۇلىغا نىسبەتەن ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولۇپ، ھەسەلنىڭ سېتىلىشى دەۋرىيلىككە ئىگە، سېتىلىش ۋاقتى نىسبەتەن مۇقىم ئىدى، ئادەتتىكى ئەھۋالدا سودىگەرلەر ھەسەل ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن ۋاقتىدا ھېسابات قىلمايتتى. شۇڭا، جاڭ شېڭمۇ %10 ھەقنى ئالدىن تۆلەپ، قالغىنىنى بىرەر يېرىم يىلغىچە تۆلەپ تۈگەتسىمۇ بولاتتى. ئەمما، جاڭ شېڭ ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىرىنىڭ پىششىق ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ ئانچە يۇقىرى ئەمەسلىكىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى ھېسابات قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرۇش ئارقىلىق، 5 توننا پىششىق ھەسەل سېتىۋېلىش، ھەسەل تەييار بولغاندىن كېيىن، بىر قولدا نەق پۇل بېرىش، بىر قولدا مال ئېلىشقا كېلىشتى. بۇنداق بولغاندا، دېھقانلار خاتىرجەم ھالدا ھەسەل ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولۇپ، سېتىپ چىقىرىشتىن غەم قىلمايتتى. ياڭشۇ ناھىيەسى ھەسەلچىلىك بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى جۇ جىچياڭمۇ جاڭ شېڭنىڭ قارارىدىن خاتىرجەم بولدى. بۇنىڭدا، زاكاز مالنىڭ دېھقانلارغا بولغان خەۋپ- خەتىرى ئۇنچىلىك چوڭ بولمايتتى. ئۇ ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىرىنى خاتىرجەم ھەسەل ئىشلەپچىقىرىشقا رىغبەتلەندۈردى. ئەمما، ئالدىن زاكاز قىلىنغان مىقدارغا يەتكۈزگىلى بولامدۇ- يوق، بۇنىڭغا بىر نىمە دېيىش تەس ئىدى. مۇخبىر زىيارەت داۋامىدا ھەسەل ھەرىسى باقمىچىلىرىنىڭ ھەسەل ھەرىسى ساندۇقلىرىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، بۇ ئۇلارنىڭ بىر يىللىق كىرىمىنىڭ ياخشى- يامان بولىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇنداقتا ئۇلار نىمىنى تەكشۈرىدۇ، ئۇلار شۇنچە يېقىن ئارلىقتا تەكشۈرسىمۇ، ھەسەل ھەرىلىرى نىمىشقا ئۇلارنى چاقمايدۇ؟ مۇخبىرمۇ سىناپ باقماقچى بولۇپ، ساندۇققا يېقىن بېرىۋىدى، بىر دەمدىلا بىر ھەرە كېلىپ چېقىۋالدى. دېھقان ئۇنىڭغا: «ھەسەل ھەرىلىرى ئوخشىمايدىغان پۇراققا ناھايىتى سەزگۈر، ئۇلار پۇراققا ئەگىشىپ قوغلاپ چاقىدۇ. ئەگەر ھەركىتىڭىز بەك تېز، قوپال بولسىمۇ چېقىۋېلىشى مۇمكىن، ھەسەل ھەرىسىنىڭ سۈرئىتى بەك تېز، ئۇنىڭ سىزگە قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ بولغىچە كېلىپ چېقىپ بولىدۇ» دەپ چۈشەندۈردى. مۇخبىر «بەك ئاغرىپ كەتتى، پاشا چاققاندەك ئەمەسكەن، خۇددى قان- تومۇرلىرىڭىز سوزۇلۇپ كەتكەندەك ھېسسىياتتا بولىدىكەنسىز، بىر تەرىپىم مەس قېلىش ئوكۇلى ئۇرۇلغاندەك بولۇپ قالدى» دېدى. ھەسەل ھەرە باققۇچىسى ئۇنىڭغا: «ھەسەل ھەرىسى ئۇۋىسىغا ئاستا يېقىنلىشىپ، ناھايىتى سىلىق ھەركەت بىلەن ھەسەلنى ئالىمىز، ھەسەل ھەرىلىرى ئۆزلىرىگە ھېچقانداق خەۋپ- خەتىرى يوقلىقىنى بىلگەندە ئاندىن چاقمايدۇ، ئالغاندا چوقۇم تىك تۇتۇپ ئېلىشىمىز، ياندىكى ھەسەل ھەرىلىرىگە تېگىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك. بولمىسا ھەسەل ھەرىلىرىنى يارىلاندۇرۇپ قويىمىز. شۇڭا، چوقۇم ئاستا، سىلىق ھەركەت قىلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ» دەپ چۈشەندۈردى. ئۇنداقتا، ھەسەل ھەرە باققۇچىلىرى نىمىنى تەكشۈرىدۇ؟ ئۇلارنىڭ تەكشۈرىدىغىنى ساندۇقتا ھەسەل بار يوقلىقى بولۇپ، ھەسەل يوق بولسا، بۇ يەرنىڭ ھەسەل مەنبەسى ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، باشقا يەرگە ئالماشمىسا بولمايدۇ. دېھقانلار قولى بىلەن ھەسەل ھەرىلىرىنى ئاستا ئىتتىرىپ، ھەسەلنىڭ ئەھۋالىنى كۆرىدۇ. مۇخبىرمۇ دېھقاننى دوراپ، ئاستا ھەركەت بىلەن سىناپ باققان ئىدى، دەرۋەقە، ھەسەل ھەرىلىرى ئۇنى چاقمىدى.  2015- يىلى 11- ئاي، بۇخىنىيە دەرىخىنىڭ گۈل ئېچىلىش پەسلى ئاخىرلاشقان ئىدى. جاڭ شېڭ بىلەن جۇ جىچياڭ كېلىشىم بويىچە بۇخىنىيە دەرىخى ھەسىلى يىغىشقا باشلىدى. ئويلىمىغان يەردىن ھەسەل ھەرىسى باققۇچىلىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدى. بۇنىڭدىكى سەۋەب، جاڭ شېڭ ھەسەلنىڭ ساپلىقىنى ئۆلچەيدىغان بىر خىل ئەسۋاپ ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ئەسۋاپ كۆرسەتكەن قويۇقلۇق سانى قانچە يۇقىرى بولسا، شۇنچە سۈپەتلىك ھەسەل بولۇپ ھېسابلىناتتى. جاڭ شېڭ قويۇقلىقى 42 دىن يۇقىرى بولغان ھەسەلنى يىغىشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما، نۇرغۇن دېھقانلارنىڭ ھەسىلى ئۆلچەمدىن قويۇقلۇق جەھەتتە خېلى تۆۋەن چىقىپ قالغان بولۇپ، ئۇ ھەسەللەرنى ئەگەر جاڭ شېڭ ئالمىسا، باشقىلارغا ئادەتتىكى ھەسەل نەرقىدە سېتىشقا توغرا كېلەتتى، بۇنىڭغا دېھقانلار ئەلۋەتتە قۇشۇلمايتتى. ئەسلىدىكى كېلىشىم بويىچە سېتىۋالمىسا دېھقانلارنىڭ زىيىنى ئېغىر بولۇپ كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن جۇ جىچياڭ جاڭ شېڭغا خىزمەت ئىشلەپ، ئۇنىڭ دېھقانلارنىڭ بارلىق ھەسەللىرىنى سېتىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئەمما، جاڭ شېڭ يەنىلا رەت قىلدى. جاڭ شېڭ مۇنداق دېدى: «بۇنداق ئۆلچەم قويۇشۇمدا سەۋەب بار، موشۇ نۇقتىغا يەتكەندىن كېيىن ھەسەل تەييار بولىدۇ. بۇ نۇقتىغا ئازراقلا كەم قالدى، دېگەنلىك نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ پىرىنسىپى بويىچە ئۆلچەمنى نەزەردىن ساقىت قىلدىڭىز دېگەنلىك. شۇڭا، بىز يەنىلا ئەسلىدىكى ئۆلچەم بويىچە ئېلىشىمىز كېرەك». ئۇ يىلى ياڭشۇ ناھىيەسىدە يامغۇر ناھايىتى كۆپ ياغقان بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارى زور دەرىجىدە كېمىيىپ، ئۆلچەمگە توشىدىغان ھەسەل ئەسلى جاڭ شېڭ ئالماقچى بولغان ھەسەلنىڭ پەقەت تۆتتىن بىرىچىلىك بولغان ئىدى. شۇڭا، جۇ جىچياڭ جاڭ شېڭنىڭ خاپا بولىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى. «ئۇ ئالدىن زاكالەت پۇلى تاپشۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇنىڭغا شۇنچە كۆپ مالنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن، ئاخىرىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا ۋەدە قىلغان مالنى ۋاقتىدا بەرمىسەم ئۇنىڭ خاپا بولۇشى يوللۇق» دېدى جۇ جىچياڭ. ئەمەلىيەتتە، جۇ جىچياڭنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە، جاڭ شېڭ خاپا بولمايلا قالماستىن، بەلكى، ئۇمۇ ئۇھ دېگەن ئىدى. چۈنكى، ئۇ زاكاز مالنىڭ مىقدارى ئاز بولۇپ قالسا جۇ جىچياڭنىڭ ئاز زاكازنى قوبۇل قىلماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، يۈرىكىنى چوڭ قىلىپ، زاكازنى كۆپ بۇيرۇتقان ئىدى. ئەمما، زاكاز كۆپ، تەجرىبە ئاز شارائىتتا ئۇنى سېتىپ چىقىرىشمۇ بىر گەپ بولۇپ، ئۇنچىلىك كۆپ ھەسەلنى بىر تەرەپ قىلىپ بولۇش ئۈچۈن بېسىممۇ ھەقىقەتەن ئېغىر ئىدى. جاڭ شېڭ تەمى ئاچچىقراق بۇخىنىيە دەرىخى ھەسىلى سېتىپ كىرىم يارىتىشتىن باشقا، يەنە ئومۇملاشقان جىغان ھەسىلى، لىپا دەرىخى ھەسىلى قاتارلىق ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى تاللىدى. بۇ ئارقىلىق، سېتىپ چىقىرىشقا ھەممە جەھەتتىن تەييارلىق قىلغان ئىدى. گۈيلىن شەھىرىنىڭ ياڭشۇ ناھىيەسى ئاسىيا بويىچە تىك قىياغا يامىشىش ئورنى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن تاغقا يامىشىش ھەۋەسكارلىرى بۇ يەرگە كېلىپ تىڭ قىياغا يامىشىپ، ئۆزىنىڭ جاسارىتىنى سىنايتتى. جاڭ شېڭمۇ تىك قىياغا يامىشىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، بۇ يەردە يېڭى دوستلار بىلەن تونۇشتى ھەمدە ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا بەزى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدى. ئۇلار پائالىيەتنى تۈگىتىپ قايتىش ۋاقتىدا تەبىئىي ھالدا يەرلىك مەھسۇلاتلاردىن سېتىۋېلىپ، ئۇرۇق- تۇققان، دوست- بۇرادەرلىرىگە سوۋغات قىلىشنى ئويلىشاتتى ۋە جاڭ شېڭدىن ياخشىراق بىرەر يەرلىك مەھسۇلات بولسا تونۇشتۇرۇشنى ئۆتۈنەتتى. جاڭ شېڭ تاغقا يامىشىش ھەۋاسكارلىرىدىكى مۇنداق بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكنى بايقىدى، ئۇ بولسىمۇ، تاغقا يامىشىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىچە شەيئىلەرنى سىناپ بېقىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت ئىدى. «بەزى كىشىلەر يەپ باقمىغان نەرسىلەرنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە دەماللىققا رەت قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولىدۇ. ئەمما، بۇ ھەۋەسكارلار ئوخشىمايدىكەن، ئۇلار ھەر قانداق نەرسىنى سىناپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە بولىدىكەن، بۇ مەن ئۈچۈن مەھسۇلاتىمنى تونۇشتۇرىدىغان ياخشى پۇرسەت بولدى» دېدى جاڭ شېڭ. ھەۋەسكارلار تىك قىياغا يامىشىش جەريانىدا ئېغىر ھەرىكەت بىلەن شوغۇللىنىدىغان بولغانلىقتىن، ئېنىرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى بولۇپ كېتەتتى. جاڭ شېڭ بۇ خىل ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، قۇلايلىق، كىچىك قاپلىق ھەسەل ئىشلەپچىقىرىپ، كۆپچىلىكنىڭ تاغقا ياماشقاندا ئىستېمال قىلىشىغا قۇلايلىق ياراتتى ھەمدە تاغقا چىققانلارنىڭ ئاسان ئۇسسايدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئەمەلىي مەسىلىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇسسۇزلۇقنى باسىدىغان مەھسۇلات تەييارلىدى. بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك ئۆزلىكىدىن بۇ خىل مەھسۇلاتنى ئائىلىسىدىكىلەر، دوست- بۇرادەرلىرىگە ئېلىپ، ئۇلارنىمۇ بۇ ئالاھىدە تەمدىن بەھرىمەن قىلىشنى ئويلاپ، قايتقىچە جاڭ شېڭنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ قايتىدىغان بولدى.    2015- يىلى جاڭ شېڭ تور دۇكىنى ئېچىپ، مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىشنى ئاساس قىلىشقا باشلىدى. بۇنداق بولغاندا، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن خېرىدار چىقىدىغان بولۇپ، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتكىلى بولاتتى. ئۇ ھەر كىلوگىرام ھەسەلنىڭ باھاسىنى 200 نەچچە يۈەندىن بېكىتتى. چۈنكى، ئۇ ھەر بىر جەريانغا ئىنچىكىلىك بىلەن ئەجىر سىڭدۈرۈپ ئىشلەپچىقارغان ھەقىقىي ساپ ھەسەلنىڭ ياخشى سېتىلىشىغا ئىشەنچ قىلغان ئىدى. ئەمما، ئەمەلىيەت بىلەن ئۇنىڭ ئويلىغىنىنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ كەتتى. كۈندە بىر بوتۇلكا، ئىككى بوتۇلكا ساتقاندا، شۇنچە كۆپ ھەسەلنى سېتىپ بولۇشتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇ مەسىلىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئىستېمالچىلارنىڭ مەھسۇلاتقا بولغان ئىشەنچىنىڭ يۇقىرى ئەمەسلىكى، ھەقىقىي مەھسۇلات بىلەن ساختا مەھسۇلاتنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بولغانلىقىنى بايقىدى. جاڭ شېڭ بۇنداق كۈتۈپ ئولتۇرىۋەرسە بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاخىرى مەھسۇلاتلىرىنى ئېتىبار باھادا سېتىشنى قارار قىلدى. نەتىجىدە، ئېتىبار باھادا سېتىش ئارقىلىق بىر مىنۇتتا مىڭ بوتۇلكا ھەسەل سېتىشتەك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما، جاڭ شېڭ بۇنىڭدىن خۇش بولالمىدى. ئەكسىچە، ئۇ يەنە بىر ئورەككە چۈشۈپ كەتكەندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالغان ئىدى. چۈنكى، بۇ خېرىدارلار تۆۋەن باھانى كۆزلەپ كەلگەن بولۇپ، باھا ئۆسكەندىن كېيىن قايتا سېتىۋالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇنداق قىلسا نەتىجىنىڭ ئوخشاشلا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، دەرھال پائالىيىتىنى توختاتتى. ئۇ سودىدا شەھەردىكى مائاشلىقلارنى نىشان قىلغان ئىكەن، چوقۇم ئۇلارنى قىزىقتۇرىدىغان بىرەر ئۇسۇل ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك ئىدى. زىيارەت داۋامىدا مۇخبىر ئۇنىڭ سۈرەتكە تارتىشقا ئامراق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى بايقىدى. جاڭ شېڭ مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، دېيىشىدۇ. شۇڭا، مەن سۈرەتكە ۋە سىنغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەرنى كۆپچىلىككە تور ئارقىلىق يوللايمەن. سۈرەتكە تارتىش، سىنغا ئېلىش تېخنىكام ئۇنچىلىك يۇقىرى بولماسلىقى تەبىئىي. لېكىن، نەق مەيداندا، ئەڭ ئىپتىدائىي ھالەتتە ئېلىنغان كۆرۈنۈشلەر ھەقىقىي ماتېرىيال بولىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، خېرىدارلار ئوخشاش بىر ۋاقىتتا سېتىۋالغان رەڭڭى سۇس ۋە قېنىق ھەسەلنىڭ پەرقىدىكى سەۋەبنى، تەمىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى، ئاسان كرىستاللىشىش سەۋەبى قاتارلىقلار توغرىسىدا ئۆزلىكىدىن ئۇقۇمغا ئىگە بولىدۇ ۋە ئوخشاش سېتىۋالغان ھەسەلدىكى ئوخشىماسلىقنىڭ تەبىئىي ئەھۋاللىقىنى چۈشىنەلەيدۇ. ئەگەر ئوخشاش بىر ۋاقىتتا قۇتىغا قاچىلانغان ھەسەلنىڭ بىرىنىڭ ئاغزىنى 10 مىنۇتتا ئەتكەن بولساق، يەنە بىرىنىڭ ئاغزىغا سەل ئۇزۇنراق ۋاقىت كەتكەن بولسا، كېيىن ئېتىلگىنىدە ئاسان كرىستاللىشىش ئەھۋالى كۆۈلۈشى مۇمكىن. مانا موشۇنداق سەمىمىي تىجارەت قىلىش، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق جاڭ شېڭنىڭ كىرىمى بارا- بارا ئېشىپ، ئۇنىڭ يىللىق كىرىمى 7 مىليون يۈەنگە يەتتى. جاڭ شېڭ مۇنداق دېدى: «بىر ئىشنىڭ ئۈنۈمىنى 0.99 غا يەتكۈزۈش بىلەن 1.01 گە يەتكۈزۈشنىڭ پەرقى قەيەردە؟ بىز دېمەكچى بولغان ھۈنەرۋەن روھى، بىز دېمەكچى بولغان جېنىنىڭ بارىچە تىرىشىش روھى -- دەل قىلىۋاتقان ئىشىمىزنى ياخشى قىلىش، تېخىمۇ ياخشى قىلىش ئۈچۈن».

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى