قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى 51 كىشى 5-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرى تىزىملىكىگە كۆرسىتىلدى

2018-01-20 17:58:30     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

خەلق تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 15-يانۋار مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تورىدىن ئىگىلىشىچە، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭىنىڭ 5-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك تۈرلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنى ئېلان قىلىش ئۇقتۇرۇشى»نى تارقاتقان، شىنجاڭدىن جەمئىي 51 كىشى بۇ تىزىملىككە كىرگەن.

  ھەر قايسى باھالاش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ھەر قايسى جايلار كۆرسەتكەن نامزاتلار ئاساسىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرىدىكى نامزاتلارنى باھالىغان، باھالاش ھەيئىتى ئاخىرىدا 5-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك تۈرلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى نامزاتىنى (جەمئىي 1113 كىشى) ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسلار تېخى بېكىتىلىپ باقمىغان تۈرلەرگە 827 كىشى، دۆلەت دەرىجىلىك ۋەكىللىك ۋارىسلار بېكىتىلىپ باققان تۈرلەرگە 286 كىشى كۆرسىتىلگەن.

  ئېلان قىلىنغان تىزىملىكتىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئىلى ئوبلاستى ۋە قەشقەر ۋىلايىتىدىن تىزىملىككە كىرگەنلەرنىڭ سانى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئەڭ كۆپ ئىكەن، بۇلار ئەخمەتجان يۈسۈپ(چاقچاق ۋارىسى)، ئابدۇۋەلى داۋۇت(ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنىڭ ۋارىسى)، جەڭسىگۈل نۇرداناقىن(قازاق كىيىم-كېچەك ۋارىسى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ۋارىسلار نامزاتىنى كۆرستىش ئۇقتۇرۇشى 20 كۈن(2017-يىلى 28-دېكابىرغىچە) ئېلان قىلىنىدىكەن، ئەگەر ئۇلارغا باشقىچە پىكىر چۈشمىسە بۇ ۋارىسلار رەسمىي ھالدا 5-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسلىرى، دەپ ئەنگە ئېلىنىدىكەن.

  غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى دېگىنىمىز غەيرىي ماددىي فورماتسىيەسىگە ئىگە، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەۋلادمۇئەۋلاد تارقىلىپ كېلىۋاتقان تۈرلۈك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئاغزاكى ئەنئەنە، ئەنئەنىۋى ئورۇنداش سەنئىتى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيىتى، مۇراسىم-بايراملار، تەبىئەت دۇنياسىغا ۋە ئالەمگە ئالاقىدار ئەلئىچى ئەنئەنىۋى بىلىملىرى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشلىرى، ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر ماھارىتى قاتارلىقلارنى ۋە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت شەكىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت بوشلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بېكىتىلگەن ۋارىسلار بۇ تۈرلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى