قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بايلىق ئىشىكى تاقىلىپ قالغاندىن كېيىن، قاقاس تاغلىقتىن ئالتۇن قېزىش' ماۋزولۇق ماقالىنىڭ1- قىسمى

2018-01-23 12:06:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ بىر ئاجايىپ تۇخۇم، بۇ تۇخۇمنى تاشلىسا چېقىلمايدۇ. بۇ بىر غەلىتە توخۇ، چوڭايغاندىن كېيىن ھەر قانچە كەسپىي خادىم بولسىمۇ، توخۇنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ، خوراز ياكى مىكىيان ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمايدۇ. نىڭشيانىڭ شىجى شەھىرىدىكى جاڭ جىڭياڭ ئەنە شۇ توخۇلارنى بېقىپ، ئەنە شۇنداق غەلىتە تۇخۇملار ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەپ بېيىغان دېھقان. ئەينى ۋاقىتتا كىيىدىغان كىيىمى يوق، ئاكىسى بىلەن بىر ئىشتاننى تەڭ كىيگەن، ئائىلىدىكى بىر نەچچە نوپۇس ھېچقانداق بىساتى يوق كىچىك ئۆيدە جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەن جاڭ جىڭياڭ قانداق قىلىپ نەچچە ئون مىليون يۈەن كىرىم قىلالايدىغان كاتتا بايغا ئايلىنالىدى، قانداق قىلىپ توخۇ ۋە تۇخۇم سېتىش ئارقىلىق يىلىغا 40 مىليون يۈەن كىرىم قىلالىدى؟
  مۇخبىر جاڭ جىڭياڭنىڭ باقمىچىلىق بازىسىغا زىيارەت قىلىش ئۈچۈن بېرىپ، ئەمدىلا ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىۋىدى، جاڭ جىڭياڭ ئىسىملىك بۇ كىشى چوقۇم مۇخبىرنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىغا بېرىپ كۆرۈپ كېلىشىنى، ئۇ يەردە ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان تەسىراتقا ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. جاڭ جىڭياڭنىڭ يېنىغا ئەمدىلا يېتىپ بارغان مۇخبىر نىمە ئۈچۈن بۇنچە جىددىي باقمىچىلىق بازىسىغا بارىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەن ئىدى، ئۇ مۇخبىرلىق ئەمەلىيىتىدە ھازىرغىچە بىۋاسىتە بېرىپ، زىيارەت قىلغان توخۇ باقمىچىلىق مەيدانلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، توخۇ فېرمىسى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ئىدى. ئادەتتىكى بىر توخۇ باقمىچىلىق مەيدانىدا يەنە قانداق تەسىراتقا ئىگە بولماقچى ئىدى؟
 ئۇلار ناھايىتى تېزلا جاڭ جىڭياڭنىڭ توخۇ باقمىچىلىق مەيدانىغا يېتىپ باردى. جاڭ جىڭياڭ يېڭى تۇغۇلغان تۇخۇمدىن بىرنى ئېلىپ، مۇخبىرنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ: «بۇ تۇخۇم ئىسسىقمىكەن؟» دەپ سورىدى، تۇخۇم تېخى بايىلا تۇغۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ھېچقانداق ھارارەت يوق بولۇپ، مۇزدەك تۇراتتى. مۇخبىر ئۇنىڭغا: «ياق، مۇزدەككەن» دەپ جاۋاب بەردى. جاڭ جىڭياڭ مۇخبىرغا ئېيتقان ھەيران قالدۇرىدىغان مەخپىيەتلىك دەل موشۇ يەردە ئىدى. جاڭ جىڭياڭ مۇخبىرغا تۇخۇمنى يەرگە ئېتىپ بېقىشنى ئېيتتى، تۇخۇمنى يەرگە ئاتسا ئەلۋەتتە چېقىلىدۇ- دە! مۇخبىر ئارىسالدىچىلىق ئىچىدە بىر تال تۇخۇمنى ئېلىپ يەرگە ئېتىۋىدى، تۇخۇم چېقىلمىدى. تۇخۇمنىڭ چېقىلمىغانلىقىغا مۇخبىرنىڭ تازا ئىشەنچ قىلالمىغانلىقىنى كۆرگەن جاڭ جىڭياڭ يەنە بىر تال تۇخۇمنى بېرىپ، تۇخۇمنى تېخىمۇ ئىگىزرەك يەردىن ئېتىپ بېقىشقا دەۋەت قىلدى. مۇخبىر تۇخۇمنى ئىگىز كۆتۈرۈپ يەرگە ئاتتى، نەتىجە ئوخشاش بولۇپ، تۇخۇم چېقىلمىدى. ئارقا- ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم سىناق قىلغاندىمۇ نەتىجە ئوخشاش بولۇپ، تۇخۇم قانداقلا قىلسا چېقىلمىدى.
  جاڭ جىڭياڭنىڭ تۇخۇملىرىنى ئۈستىدىن ئۇرسىمۇ چېقىلمايدىغان بولۇپ، مۇخبىر ھەيرانلىقتا قايتا- قايتا ئۇرۇپمۇ چاقالمىدى. مۇخبىر يەرگە ئاتسىمۇ، ئۇرسىمۇ چېقىلمايدىغان بۇنداق قاتتىق تۇخۇمنىڭ زادى قانداق تۇخۇم ئىكەنلىكىنى سورىغاندا ئۇ بۇنىڭ تاش تۇخۇم ئىكەنلىكىنى، بىر تال تۇخۇمنىڭ سېتىلىش باھاسى 4 يۈەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. جاڭ جىڭياڭنىڭ توخۇ باقمىچىلىق مەيدانىدا بۇ خىل تۇخۇمدىن بىر يىلدا 3 مىليون دانە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان بولۇپ، بىر تال تۇخۇمنى 4 يۈەندىن سېتىش دېگەنلىك، ئادەتتىكى تۇخۇمدىن 10 ھەسسە يۇقىرى باھا دېگەنلىك ئىدى. بۇنداق بولغاندا پەقەت تۇخۇم سېتىش ئارقىلىق بىر يىلدا نەچچە ئون مىليون يۈەن كىرىم قىلغىلى بولاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ماۋۇ بايا بازاردىن بىر كىلوگىرامىنى 3 يۈەن 6 مودىن ئېلىپ كەلگەن تۇخۇم، بۇنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەپ باقساق، 10 تال تۇخۇم 527 گىرام چىقتى. شۇنداق بولغاندا 10 تال تۇخۇمنىڭ باھاسى 4 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ بىر تال تۇخۇمنىڭ باھاسى بۇ بىر تەخسە تۇخۇم بىلەن تەڭ، دېگەنلىك.»
  جاڭ جىڭياڭ مۇخبىرغا بىر توخۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «قاراڭ، بۇ خورازمۇ ياكى مىكىيانمۇ؟» دەپ سورىدى. مۇخبىر: «مەن بىلمەيدىكەنمەن» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى، جاڭ جىڭياڭمۇ مۇخبىرغا: «سىزگە راستىمنى دېسەم بۇنى مەنمۇ بىلمەيمەن، توخۇ باقمىچىلىقى بىلەن شوغۇللانغىنىمغا بەش يىل بوپتۇ، ھازىرغىچە خوراز بىلەن مىكىياننى ئايرىيالمايمەن» دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ. قىززىق يېرى شۇكى، بۇ خىل توخۇلار قارىماققا ھەممىسى ئوخشاش بولۇپ، سىرتقى شەكلىدىن خوراز ياكى مىكىيان ئىكەنلىكىنى ئايرىۋېلىش تەس ئىدى. كەسپىي خادىملارمۇ سىرتقى شەكلىگە قاراپ خوراز ياكى مىكىيان ئىكەنلىكىنى ئايرىيالمايدىغان بولۇپ، ئۇلارمۇ چۈجە تۇخۇمدىن چىقىپ ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئاندىن خوراز ياكى مىكىيان ئىكەنلىكىنى ئايرىيتتى. جاڭ جىڭياڭ مانا موشۇنداق ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان توخۇ ۋە ئالاھىدە تۇخۇمغا تايىنىپ تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا 40 مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپقان ئىدى.
  جاڭ جىڭياڭنىڭ تۆت يىلدىلا 40 مىليون يۈەن پۇل تاپالىشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ 20 نەچچە يىل ھېچكىمگە تىنماي ساقلىغان مەخپىيەتلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. مۇخبىرلار بىرىنچى قېتىم ئۇنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىدا ئۇ بۇ مەخپىيەتلىكنى ئېيتمىغان ئىدى ھەمدە ئېيتىشنىمۇ خالىمىغان ئىدى. مۇخبىر ئۇنىڭدىن نىمە ئۈچۈن ئېيتمىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ ئېيتىشنى خالىمىدىم، دېدى. كېيىن مۇخبىر ئۇنىڭدىن يەنە ئىچكىرىلەپ سوراپ، سىز چوقۇم بىرەر ئىشتىن قەستەن ئۆزىڭىزنى قاچۇرىۋېتىپسىز، دېگەندە ئۇ: «توغرا، مەن دائىم بۇ ئىشتىن ئۆزۈمنى قاچۇرۇۋاتىمەن، مەن ھېچكىمگە بۇ توغرىلىق ئېغىز ئېچىپ باقمىدىم، بۇ ئىش يادىمغا يەتسىلا ناھايىتى بىئارام بولىمەن، ئىنتايىن بىئارام بولىمەن، كۆڭلۈم ناھايىتى يېرىم بولىدۇ، بۇ ئىشنى تىلغا ئالساملا كۆزۈمگە ياش كېلىدۇ» دېدى. ئۇنىڭ ئايالى دۇڭ شيا ئۇنىڭ بۇ ئىشنى تىلغا ئالسىلا ناھايىتى بىئارام بولىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئادەتتە ئۇمۇ بۇ ئىشنى تىلغا ئالمايتتى. 
  مۇخبىر جاڭ جىڭياڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ ئۆيىگە باردى. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ناھايىتى پاكار بولۇپ، ئىشىكتىن باشنى تۆۋەن قىلىپ كىرمىسە ئۈسۈۋالاتتى. بۇ ئۆي ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ئولتۇرغان شۇنداقلا ئۇ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۆي ئىدى. جاڭ جىڭياڭ بۇ يىل 42 ياشقا كىردى. ئۇ مانا موشۇنداق نامرات كەنتتە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان بولغاچقا، 1987- يىللىرى ئۇ 12 ياشقا كىرىپ قالغان ۋاقىتلىرىدىمۇ، ئائىلىسىنىڭ نامراتلىقى سەۋەبىدىن، كىچىك ۋاقتىدا ئاكىسى بىلەن بىر ئىشتاننى تەڭ كىيەتتى. يەنى، ئاكىسى سىرتقا چىققاندا ئۇ ئىشتاننى ئاكىسى كىيىپ چىقاتتى، جاڭ جىڭياڭ سىرتقان چىققاندا ئۇ كىيىپ چىقاتتى.
  جاڭ جىڭياڭ تۇرۇشلۇق كەنت نامرات كەنتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيى بار رايون يەنى شىخەيگۇ بولسا، ھازىرمۇ گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن نۇقتىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان ئېغىر دەرىجىدىكى نامرات رايۇنلارنىڭ بىرى. مانا موشۇنداق نامرات شارائىتتا چوڭ بولغان جاڭ جىڭياڭ ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ ھامان بىر كۈنى بۇ نامرات كەنتتىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىشنى ئويلايتتى. بۇ يەردىكى كىشىلەرگە شۇ نەرسە ئېنىقكى، بۇ نامرات ھالەتنى ئۆزگەرتىپ، بۇ يەردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتىشنىڭ بىردىنبىر ئامالى ئوقۇش ئىدى. پەقەت ياخشى ئوقۇغاندىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىن ئۈمىد بار بولۇپ، ئوقۇماي تۇرۇپ باياشاد تۇرمۇشقا ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. جاڭ جىڭياڭ تۇغۇلغان كەنتنىڭ ئوقۇش شارائىتى ناھايىتى جاپالىق بولۇپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى دېگۈدەك ھور نان بىلەن چىلىغان كۆكتات يەيتتى. مانا موشۇنداق شارائىتتىمۇ جاڭ جىڭياڭنىڭ ئوقۇش ئىرادىسى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ھەرقانداق جاپا- مۇشەققەت ئۇنىڭ ئوقۇش ئىرادىسىنى سۇندۇرالمايتتى. 1994- يىلى ئۇ ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ، ھاياتلىقتىكى ئۈمىد نۇرىنى كۆرگەندەك بولدى. ئەمما، 1996- يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا تۇيۇقسىز تاپشۇرۇۋالغان بىر تېلېفون جاڭ جىڭياڭنى تولىمۇ مۈشكۈل ئەھۋالغا قويدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كۆزىگە پۈتكۈل يەر- جاھان كۆۈنمەي قالغان بولۇپ، ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك بولدى، مانا موشۇ بىر تېلېفون ئۇنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى توغرىسىدا قايتىدىن ئويلىنىپ، تۇرمۇش يولىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى...
  ئەسلىدە، جاڭ جىڭياڭنىڭ ئاپىسىغا راك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، ئۆيدىكىلەر ئون مىڭ يۈەن ئوپىراتسىيە پۇلىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىدى. ئون مىڭ يۈەن-- بۇ بىر ئائىلە ئۈچۈن ناھايىتى نۇرغۇن پۇل بولۇپ، بۇنچىلىك كۆپ پۇلنى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى 20- 30 يىلدا ئاران يىغالايتتى. ئانا بىلەن ئارزۇ- ئارمان ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن تاللاش جاڭ جىڭياڭنى ئىنتايىن ئازاپقا قويدى. جاڭ جىڭياڭ ئۆزىنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىپ، ئانىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن پۇل تېپىشى كېرەك ئىدى. ئوقۇش ئارزۇسىدىن ۋاز كېچىش دېگەنلىك ئۇنىڭ ئۈچۈن كەلگۈسى ئىستىقبالىنى تاپىدىغان بىردىنبىر پۇرسەتتىن ۋاز كېچىش بىلەن باراۋەر ئىدى. ئۇ نەچچە كېچىنى يوتقان ئىچىدە ئۈنسىز يىغلاپ ئۇيقىسىز ئۆتكۈزدى. ئۆزى تەلپۈنىدىغان ئاشۇ گۈزەل ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئەسلىگىنىدە ھازىرمۇ ئۇنىڭ كۆزىگە ئىختىيارسىز ياش كېلىدۇ. ياشلىق ھاياتىدا ئاران ئىككى يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ھاياتىدىن بەھىر ئالغان بولسىمۇ، ئارزۇ- ئارمانلىرىدىن ۋاز كېچىپ، قىيالماسلىق ئىچىدە قايتىپ كەلگەن ئاشۇ مېھرى ئىسسىق ماكانغا ئۇ يەنىلا ئىنتىلەتتى.  1996- يىلى 7- ئاي. ئەمدىلا ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققان جاڭ جىڭياڭ ئوقۇشتىن چېكىندى. ئۇ ئىشلەپ پۇل تېپىپ، ئانىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالاتمىسا بولمايتتى... گەرچە ئوقۇشتىن چېكىنىپ ھازىرغىچە ئارىدىن 20 نەچچە يىل ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، جاڭ جىڭياڭ ئۇ ۋاقىتتىكى سەرگۈزەشتىسىنى تىلغا ئېلىشتىن، ھەتتا ئويلاشتىنمۇ قورقاتتى. ئوقۇشتىن چېكىنگەن ۋاقىتتىكى كىتاپلىرىنى ئۇ ھازىرغىچە شۇ پېتى ساقلاپ قويغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ ئازاپلىق ئەسلىمىلىرىگە گۇۋاھ بولۇپ، ئۆيىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا قويۇپ قويۇلغان ئىدى....

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى