قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق12- نۆۋەتلىك كومىتېتى1- يىغىنى دائىمىي رەئىسلەر يىغىنىنىڭ1- قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

2018-01-23 12:46:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق12- نۆۋەتلىك كومىتېتى1- يىغىنى دائىمىي رەئىسلەر يىغىنىنىڭ1- قېتىملىق يىغىنى1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچ، ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.
سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق12- نۆۋەتلىك كومىتېتى1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنى سايلام چارىسىنىڭ سىناق لايىھەسى، باش بىلەت نازارەتچىسى ۋە بىلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى، دائىمىي ئەزالىرىغا تەكلىپ تەرىقىسىدە كۆرسىتىلگەن نامزاتلار ئىسىملىكى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى1- يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارىنىڭ سىناق لايىھەسى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق12- نۆۋەتلىك كومىتېتى1- يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارىنىڭ سىناق لايىھەسىگە قاراپ چىقىلدى. يىغىندا يەنە يۇقارقى لايىھەلەرنى سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق12- نۆۋەتلىك كومىتېتى1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ2- قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىشقا سۇنۇش قارار قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىدىكى تەكلىپ تەرىقىسىدە كۆرسىتىلگەن نامزاتلار ئىسىىملىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.
سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق12- نۆۋەتلىك كومىتېتى1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېڭ جىنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، جاڭ بو، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، دۇ ۋەنگۈي، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىيازلار يىغىنغا قاتناشتى.
سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى1-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچ، يەنە2- قېتىملىق يىغىن ئاچتى. ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 2- قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ئەزا 120 كىشى بولۇپ، ئەمەلىي قاتناشقان ئەزا 108. بۇ-- بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق12- نۆۋەتلىك كومىتېتى1- يىغىنى سايلام چارىسىنىڭ سىناق لايىھەسى، باش بىلەت نازارەتچىسى ۋە بىلەت نازارەتچىلىرىنىڭ ئىسىملىكى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپى، دائىمىي ئەزالىرىغا تەكلىپ تەرىقىسىدە كۆرسىتىلگەن نامزاتلار ئىسىملىكى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى1- يىغىنىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارارىنىڭ سىناق لايىھەسى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق12- نۆۋەتلىك كومىتېتى1- يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارىنىڭ سىناق لايىھەسىگە قاراپ چىقىلدى ھەمدە پىرىنسىپ جەھەتتىن ماقۇللاندى. يىغىندا يەنە يۇقارقى قارارلار ۋە ئىسىملىكلەرنى بارلىق ئەزالارنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ۋە كېڭىشىشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈن سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىدىكى تەكلىپ تەرىقىسىدە كۆرسىتىلگەن نامزاتلار ئىسىملىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.
سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېڭ جىنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيىتقامزا، جاڭ بو، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، دۇ ۋەنگۈي، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىيازلار يىغىنغا قاتناشتى.
تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى