قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 ئىقتىسادتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ ئورتاق ئادەتلىرىگە نەزەر

2018-01-23 13:01:08     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ئارىسىدا: «ياخشى ئادەت مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ۋە ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ ئاچقۇچى» دەپ قارايدىغانلار خېلىلا كۆپ. ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزگە خاس كىشىلىك تۇرمۇشى، دۇنيا قارىشى بولىدۇ. ئەتراپىمىزدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان نۇرغۇن كىشى بار. شۇڭا، بىز ھۆرمەت قىلىدىغان، بىز قىزىقىدىغان كارخانىچى، سودىگەرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش سەۋەبلىرى،  ياخشى ئادەتلىرىنىڭ بەزىلىرى سىزگە ماس كېلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.
1. كىتابنى كۆپ ئوقۇڭ. ئەرزىمەس ژۇرناللار ئۈچۈن پۇل خەجلىمەڭ. كوچا خەۋەرلىرىگە، پىتنە-پاساتلارغا ئىشەنمەڭ. خەۋەرگە مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەرنى كۆپرەك كۆرۈڭ. تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلماڭ. ھۆججەتلىك فىلىملەرنى كۆرىدىغان ئادەت يېتىلدۈرۈڭ.
2. پاراڭ سورۇنلىرىغا كۆپ قاتناشماڭ. پايدىسىز مۇنازىرە، لېكسىيە، نۇتۇقلارنى بەك كۆپ ئاڭلىماڭ.
3. بىر ئادەمنىڭ خىزمەت ياكى ئۆگىنىشتە، ھەپتە ئاخىرى ۋە كەچتىكى بىكار ۋاقىتلىرىنى قانداق ئۆتكۈزىدىغانلىقى شۇ ئادەمنىڭ باشقىلاردىن قانداق پەرقلىنىدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
4. خىزمەت ئۈستەللىرى قالايمىقان، كومپيۇتېر ئېكرانى مەينەت ھالەتتە خىزمەت قىلغان ئادەم، ھېچقاچان ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلالمايدۇ. تۇرمۇشنى رەتلىك ئۆتكۈزۈش مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يەنە بىر ئاچقۇچى.
5. قىسقا ئۇچۇر، ئۈندىدار، مىكروبىلوگ قاتارلىقلار ھەر ۋاقىت سىزنىڭ دېققىتىڭىزنى چېچىپ تۇرۇشى مۇمكىن. شۇڭا، سىز كۆڭۈل قويۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، تەپەككۇر قىلىۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، چوقۇم ئۇلاردىن يىراقلىشىشىڭىز لازىم.
6. بىكار قالغان ۋاقىتلىرىڭىزنى ھەرگىزمۇ بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋەتمەڭ. بۇ ۋاقىتلاردا قىلىشنى خالىغان، ئەمما قىلىشقا ۋاقىت ئاجرىتالمايدىغان ئىشلارنى قىلىڭ. مەسىلەن: چەتئەل تىلىدىكى سۆزلۈكلەرنى يادلاڭ، چېنىقىڭ. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سودا خەۋەرلىرىنى، دۆلىتىمىزنىڭ سودىغا ئائىت ياخشى سىياسەتلىرىنى، ئۇقتۇرۇشلىرىنى كۆرۈڭ. مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تارىخىنى ئۆگىنىڭ ۋە ئۆزىڭىزگە تەدبىقلاڭ.
7. بۇرۇنقىلار ئېيتقان «ئەرزان گۆشنىڭ شورپىسى يوق» دېگەن ماقال-تەمسىل ئېسىڭىزدە بولسۇن. مەيلى تۇرمۇش بۇيۇملىرى، ياكى كىيىم-كېچەكتە ئېلىشتا ئەرزان نەرسىلەرنى ئاۋۋال تاللىماڭ.
8. پۇل تېجەشنى ئۆگىنىڭ. ئىقتىسادنى ياخشى باشقۇرۇش سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىڭىزدە كەم بولسا بولمايدىغان ھۈنەر.
9. مەيلى سىزدە بالدۇر قوپىدىغان ياكى كەچ ئۇخلايدىغان ئادەت بولسۇن، پەقەت تىنچ مۇھىتلا سىزنىڭ خىزمەت قىلىشىڭىزغا ئەڭ مۇۋاپىق ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ.
10. كۆپرەك چوڭ شەھەرلەرنى كۆرۈپ ئايلىنىڭ. چۈنكى، چوڭ شەھەرلەردە سودا پۇرسىتىمۇ كۆپ بولىدۇ. بەلكىم چوڭ شەھەرلەردىكى بەزى تېخنىكىلىق- سودا ئۇسۇللىرى سىز تۇرىۋاتقان جايدا بولماسلىقى مۇمكىن. پۇرسەت بولسا، دۆلىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆرۈپ كېلىڭ.  بۇ ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش بولماستىن، بەلكى سىزنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىڭىز جەريانىدا يېڭىلىق يارىتىشىڭىزغا ناھايىتى زور ياردىمى بولىدۇ.
11. ئۆزىڭىزنىڭ تارىخىدىن، ئۆزىڭىزنىڭ كەسپىدىن نومۇس قىلماڭ. مەيلى سىز قايسى جايدا بولۇڭ، تىرىشىپ خىزمەت قىلسىڭىزلا، توختىماي يېڭىلىق يارىتىپ ئىگىلىك تىكلىسىڭىزلا سىز ھامان نەتىجە يارىتالايسىز.
12. سىزنى تەنقىدلىگەن، سىزنى تىللىغان، سىزنىڭ ئارقىڭىزدىن غەيۋەت قىلغان كىشىلەرگە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ. بۇ سىزنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىڭىزگە ناھايىتى پايدىلىق. چۈنكى، «ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ، كارۋانلار يۈرىۋېرىدۇ».
13. ھېچقانداق ئىشتىن ئاغرىنماڭ، ئەكسىچە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىڭ. ھېچقانداق نەرسە مۇكەممەل بولمايدۇ، سىز باشلىقىڭىزدىن، خىزمىتىڭىزدىن، خېرىدارىڭىزدىن ئاغرىنغان چاغدا، ئۆزىڭىزنى ئويلاپ بېقىڭ. سىزنىڭمۇ ئارتۇقچىلىقىڭىز، كەمچىلىكىڭىز بار؟ «مۇكەممەل بولماسلىقنىڭ ئۆزى گۈزەللىك» دېگەن كۆزقاراشنى تۇرمۇشىڭىزنىڭ مىزانىغا ئايلاندۇرۇڭ.
14. خاتالىق سادىر قىلىشنىڭ سەۋەبى بىر نەچچە خىل بولىدۇ. خاتالىق سادىر قىلىشتىكى ئورتاق پىسخىكىلىق سەۋەبلەر ھورۇنلۇق، مەنمەنچىلىك، قوپاللىق، ئاسان ئاچچىقلىنىش، ئاچكۆزلۈك قاتارلىقلاردۇر.
15. سودا، ئالاقە، كىشىلىك مۇناسىۋەت ياكى نىكاھ تۇرمۇشىدا بولسۇن مەسىلىنى قارشى تەرەپنىڭ مەيداندا تۇرۇپ ئويلاش سىزنى ئەڭ چوڭ پايدىغا ئېرىشتۈرىدۇ.
16. مۇۋەپپەقىيەتنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى ۋە ئۇسۇللىرى بولىدۇ. مەسىلەن: توغرا بولغان نىشان، كۈچلۈك بولغان كارخانا قوشۇنى ۋە سۈپىتى ياخشى مەھسۇلات قاتارلىقلار. ئەمما، شۇ جەرياندا سىز خىزمىتىڭىزنى، ئۆگىنىشىڭىزنى، ياكى سودىڭىزنى، ئىگىلىكىڭىزنى بەل قويىۋەتمەي ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرالىسىڭىزلا ئەستايىدىل ۋە تىرىشچانلىق بىلەن قىلسىڭىزلا چوقۇم ئاخىرقى مەقسىتىڭىزگە يېتەلەيسىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىزنىڭ نىيىتىڭىز مۇۋەپپەقىيىتىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. سودىدا، كىشىلىك تۇرمۇشتا كۆڭلىڭىزدە ھىيلە-مىكىر ياكى يامانلىق ئويلىسىڭىز، سىز ھامان مەغلۇبىيەتچى ھىسابلىنىسىز. بۇنداق كىشىلەر مەڭگۈ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ. ۋاقتىنچە مۇۋاپىقىيەت قازانسىمۇ «ياغاچ قازاندا بىر قېتىم ئاش پىشىدۇ».
17. نۇرغۇنلىغان خاتا چۈشۈنۈشلەر، سودىدىكى بىرلىككە كېلەلمەسلىكسىلەر، ئالاقە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ توغرا بولماسلىقىدىن بولىدۇ. شۇڭا، سىز ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق ئالاقە ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشىڭىز لازىم. شۇنداق بولغاندىلا ھەمكارلىق كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ.
18. مۇھىم ئىشلارنى خاتىرىلىمەكچى بولسىڭىز ھەرگىزمۇ تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىق مەۋھۇم «خاتىرلەرگە» خاتىرىلىمەستىن، ئەمەلىي نەرسىلەرگە، مەسىلەن خاتىرە دەپتەر، يانچۇق خاتىرىسى قاتارلىقلارغا خاتىرىلەپ قويۇڭ. ئەمەلىي نەرسىلەر سىزنىڭ ئىش ئۈنۈمىڭىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
19. مۇۋاپپەقىيەت قازانغۇچىلارنىڭ يەنە بىر ئادىتى بولسا ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كۈندىلىك خاتىرە، ھەپتىلىك خاتىرە ۋە تۈرلۈك سودا خاتىرىلىرىنى يازىدۇ. ئۇلار شۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن تەجرىبىلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ ياكى باشتىن كەچۈرگەنلىرىنى خاتىرىلەيدۇ.20. بۇ دەۋر ياشلارغا نىسبەتەن ئۈمىدكە، ئىشەنچكە، پۇرسەتكە تولغان دەۋر. سىز چوقۇم راھەت بەلۋاغدىن ئايرىلىپ، سىرتلارغا چىقىپ جاھان كۆرۈپ بېقىشىڭىز، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق-سوغۇقنى باشتىن كەچۈرۈپ بېقىشىڭىز كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى