قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ئومۇمىي ئىقتىساد مىقدارى تۇنجى قېتىم 80 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى

2018-01-23 13:02:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 دۆلەت ئىستاتېستىكا ئىدارىسى 1- ئاينىڭ 18- كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2017- يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 82 تىرىليون 712 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم 80 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن. ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھىسابلىغاندا، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2016- يىلىدىكىدىن %6.9 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 2016- يىلىدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان. بۇ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يىللىق ئېشىش سۈرئىتىنىڭ 2011- يىلى تۆۋەنلىگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېشىشى. پەسىل بويىچە قارىغاندا، 1- پەسىل ۋە 2- پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2016- يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوتتۇرىچە %6.9؛ 3- پەسىل ۋە 4- پەسىلدە 2016- يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.8 ئاشقان.
 دۆلەت ئىستاتېستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادى 2017- يىلى مۇقىم ئاساستا ياخشىلىنىپ، مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى. ئىقتىسادىي ھاياتىي كۈچى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچى ئۈزۈكسىز نامايان بولدى. مۇقىملىق، ماسلىق ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىق كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. مۇقىم، ساغلام تەرەققىيات ئىشقا ئاشتى.
 ئېھتىياجدىن قارىغاندا، پۈتۈن يىلدا مەملىكەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى 2016- يىلىدىكىدىن %7.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 2016- يىلىدىكىدىن 0.9 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. پۈتۈن يىللىق ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 2016- يىلىدىكىدىن %10.2  ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 2016- يىلىدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىگەن. پۈتۈن يىللىق ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2016- يىلىدىكىدىن %14.2 ئېشىپ، ئۇدا ئىككى يىل داۋاملاشقان تۆۋەنلەش ۋەزىيىتى ئوڭشالغان.
 ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىن قارىغاندا، ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىنغان، چارۋىچىلىق مۇقىم تەرەققىي قىلغان. پۈتۈن يىلدا مەملىكەت بويىچە كۆلەملىك سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2016- يىلىدىكىدىن %6.6 ئەمەلىي ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 2016- يىلىدىكىدىن 0.6 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان. پۈتۈن يىلدا مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى 2016- يىلىدىكىدىن %8.2 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى 2016- يىلىدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» خىزمىتى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش نىسبىتىدە بەش يىلدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. ئىجادىي تەرەققىيات سىجىل كۈچ قوشۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە داۋاملىق بىر قەدەر تېز ئاشقان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى