قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئۇزاققىچە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرايلى

2018-01-23 18:08:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 

ئاقتۇ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كادىرى يەن خۇەيچيەن (سولدا) 2016- يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئۈژمە يېزىسى يۇقارقى ھويلا كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئوبۇلخەيرى مەمەتئېلىنىڭ ياڭاقلىرىنى ئاپتاپقا سېلىشىپ بەرمەكتە. (مۇخبىرىمىز ئۆتكۈر نىجاد فوتوسى)

  «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە».

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە يۈكسىلىشىنىڭ ئۇل تېشى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2017- يىلى 3- ئاينىڭ 10- كۈنى 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق ياخشى قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئۇزاققىچە پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك.

  بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان چوڭقۇر غەمخورلۇقى، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇنىڭغا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقتىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدى سىڭدۈرۈلگەن. 2017- يىلى ئاپتونوم رايونىمىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  2017- يىلى 3- ئاينىڭ 25- كۈنى سائەت 12دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە گۈدۈك ئاۋازى بىلەن تەڭ، تۇنجى قېتىملىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ناملىق يولۇچىلار پويىزى ئۈرۈمچى ۋوگزالىدىن خوتەنگە قاراپ يولغا چىقتى، 900گە يېقىن كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىشقا بېرىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش قەلب كۆۋرۈكىنى سالدى. بۇ بىر يىلدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى شىنجاڭ زېمىنىدا قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوندىكى 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى- خىزمەتچى 1 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، تۇغقانلىرى بىلەن ئېتىز بېشىدا، ئوچاق ئالدىدا، كاڭدا ئولتۇرۇپ، كەڭ- كۇشادە پاراڭلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ، كەلگۈسىدىكى ياخشى كۈنلەرنى بىرلىكتە پىلانلىدى.

  ھەقىقىي مېھىر- مۇھەببەت بېرەلىگەن ئادەم ھەقىقىي مۇھەببەتكە ئېرىشەلەيدۇ. قوشماقلاشقان تۇغقانلار ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، تۇرمۇشتا ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىپ، ئۆزئارا كۆڭۈل بولۇپ، قەلب جەھەتتە ئۆزئارا قوشۇلۇپ، بىر- بىرىنىڭ ھالىغا يەتتى. ھازىر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلاپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتى. ھەر بىر چوڭقۇر مۇھەببەت يەتكۈزۈش مۇساپىسى، ھەر بىر ھال- ئەھۋال سوراش كۆرۈنۈشى، ھەر بىر خوشلىشىدىغان چاغدىكى قىيماسلىقلار... «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ ئىللىق مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرغان ئاساسىي مېلودىيەسىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ياڭراتتى.

  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىگە تەشۋىق قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2017- يىلى 12- ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك جايلار، تارماقلار، ئورۇنلاردىكى بارلىق كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەر بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، يۈك- تاقلىرىنى يۈدۈپ، سوۋغاتلارنى ئېلىپ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلار بىلەن تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولدى.

  تۇغقانلىرى بىلەن خېمىر يۇغۇرۇپ نان يېقىش، تۇغقىنىنىڭ قىزىنىڭ تويىغا قاتنىشىش، تۇغقىنىنىڭ بالىسىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، تۇغقىنىنىڭ پاختىسىنى تېرىپ بېرىش، تۇغقىنىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ كېسىلىنى كۆرسىتىش... تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكىدە كۆپچىلىك دېھقانلارنىڭ ئۆيىدە تاماق يەپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيىدىكى كاڭدا يېتىپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، تۇغقانلىرى بىلەن كەڭ- كۇشادە سىردىشىپ، تۇغقانلىرىنىڭ كەلگۈسى بەختلىك تۇرمۇشىنى بىرلىكتە پىلانلىدى. مەشتىكى گۈرۈلدەپ كۆيۈۋاتقان ئوت، قىزىق چاي، سەمىمىي غەمخورلۇقلار ھەر دەرىجىلىك كادىرلار بىلەن ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، قەلبداش قىلىپ، ئۇلار ئارىسىدا چىن مۇھەببەت ئورناتتى، بېرىش- كېلىش قىلىش، كەڭ- كۇشادە سىردىشىش، ھال- ئەھۋال سوراش جەريانىدا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىلدى. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ غېمىنى يېيىش، ئۇلار ئويلىغاننى ئويلاش، ئۇلار ئارزۇ قىلغاننى ئارزۇ قىلىش ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئەڭ چوڭقۇر رىشتىسىگە ئايلاندى، ئۇلار ئاممىنىڭ ئەڭ قىيىن، ھەل قىلىشنى ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ھەل قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ياخشى ئوبرازى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزىنى ئاساسىي قاتلام ئامما ئارىسىدا تىكلىدى!

  ...

  بۈگۈنكى شىنجاڭدا ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈپ، بىر- بىرىنىڭ ھالىغا يېتىپ، چىن رىشتە باغلاپ، جاپا- مۇشەققەتنى تەڭ تارتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قىممەت ئىستىكى قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىدىيەسىگە سىڭدۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش» دېگەن گۈزەل ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرماقتا.

  بۈگۈنكى شىنجاڭدا «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىللە تۇرۇش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئەمگەك قىلىش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش جەريانىدا دوستلۇق ئۇلىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ پولات ئىستىھكامىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتتى.

  بۈگۈنكى شىنجاڭدا ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە بولۇپ، ھەممىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ياخشى ئىشلارنى قىلىپ، ھەممە ئادەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىمەكتە.

  «ئوت سوغۇقنى يېڭەر، بىرلەشكەن ياۋنى (يېڭەر)» ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ماقال- تەمسىلى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ چىن يۈرىكىدىن چىققان سادا، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسىدۇر. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 20 مىليوندىن ئارتۇق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلىرىنىڭ تەسىرلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەر سىزماقتا!

 

  كۇچا ناھىيەلىك شەھەر باشقۇرۇش- ئۇنىۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ كادىرى خې جيەنخۇڭ (ئوڭدا) 2017- يىلى 11- ئاينىڭ 19- كۈنى كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئوچا بازىرى قارا بۇقا كەنتىگە كېلىپ، تۇغقىنى ئازادەم ھېكىمنى يوقلىدى ھەم بۇ مومايغا قىشلىق چاپان، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سوۋغا قىلدى. (شۈ مىڭمىڭ فوتوسى)

 

  

    قەشقەر ۋىلايەتلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ ساقچىسى لىن گاۋفېڭ (ئوڭدىن 3- كىشى) 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى قوشماقلاشقان تۇغقىنى تۇرغۇن (ئوڭدىن 2- كىشى) ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئەمگەك قىلماقتا. (مۇخبىرىمىز شيې لۇڭ فوتوسى)

 

  

    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىكى كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىلەر 2017- يىلى 12- ئاينىڭ 11- كۈنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» سەپىرىگە ئاتلاندى. (مۇخبىرىمىز جېن شىشىن فوتوسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى