قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 شۆھرەت زاكىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بەرگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2018-01-24 12:52:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ1- يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ22- كۈنى باشلاندى. ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن بەرگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك، يېڭى دەۋردە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭ فاڭجىن- سىياسەتلىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. 
ۋەكىللەر ۋە ئەزالار «دوكلاتتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسى ۋە پارتىيە19- قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسى ئىپادىلەندى» دەپ قارىدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى مۇزەپپەر مۇنەۋۋەر مۇنداق دېدى: دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ماڭا ھەممىدىن  چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى-- 5 يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭ فاڭجىن- سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش ئىشلىرى جەھەتتە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى؛ خەلق تۇرمۇشىدا ياخشىلىنىش بولۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى بولدى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىلدا، مەركەزنىڭ غەمخورلۇقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىشلىرىمىز كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىنتىلىشى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا، «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرلەشتەك خىزمەت ئىدىيەسى ۋە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش؛ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىشى شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي ئومۇمىيلىقنىڭ سىجىل مۇقىم ۋە ئىناق بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى چېن شىجۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ-- ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك كادىرلارغا يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ «شى جىنپىڭ: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومىدا، «ئاساسىي قاتلام-- پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئاساسىي، كۈچ مەنبەسى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغاندىلا، پارتىيەنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملىگىلى، پارتىيەنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. بۇ يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تىمۇ ئاساسىي قاتلام تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مېنىڭچە، بۇ-- باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى كونكرېت تەدبىر ھىساپلىنىدۇ.
«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا، «خەلق تۇرمۇشىغا زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئىھتىياجىنى ئۈزۈكسىز قاندۇرۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، خوتەن ئابدۇرەقىپ دوختۇرخانىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ئابدۇرەقىپ ئابدۇجىلىل بۇنىڭدىن بەكمۇ تەسىرلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بىلەن بىردەك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئۇيغۇن. داۋالاش- سەھىيە مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ساقلىقنى ساقلاش ۋە داۋالاش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش مەخسۇس تىلغا ئېلىندى. بۇ بىزگە زور ئىلھام ئاتا قىلدى. بۇنىڭدىن كېيىن، تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەپ، ساغلام جۇڭگو بەرپا قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمىز.
 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى يۇ لياڭيىڭنىڭ ئۇيغۇر قېرىندىشى مەمەتتۇرۇپ مۇساقنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا قاراپ مېڭىشىغا ياردەم بەرگەنلىك ھىكايىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا كەڭ تارقالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش» پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. ئىشىنى يېنىمدىن باشلاپ، ھەر مىللەت يۇرتداشلارنى يېتەكلەپ، بىرلىكتە بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشىشكە تىرىشىمەن. بىز خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئىناق ۋە مۇقىم بولغان شىنجاڭ قۇرۇپ، ئانارنىڭ دانىسىغا ئوخشاش زىچ ئۇيۇشۇپ، تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىمىز.
 يېڭى نىشان-- يېڭى بۇرچتىن دېرەك بېرىدۇ، يېڭى دەۋر-- يېڭى مۇساپىگە ئۈندەيدۇ. «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان- ۋەزىپىلەر ۋە تەدبىر- لايىھىلەر-- ئەمەلىي ئىشلەپ، دادىل ئالغا ئىلگىرلەپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ سېگنالىنى ياڭراتتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، نىلقا ناھىيەسى ئۈزەن يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى يى سەنچىن مۇنداق دېدى: دوكلاتتىكى يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستىراتېگىيەسى-- يېزا ئىگىلىكىنى ئۈمىدلىك كەسپكە، دېھقانلارنى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە كەسپكارلارغا، يېزىلارنى خەلقنى ئەمىن تاپقۇزىدىغان گۈزەل يۇرت- ماكانغا ئايلاندۇرىدۇ. بۇنىڭدىن تولىمۇ ئىلھاملاندىم. ئاساسىي قاتلامدا بولغانىكەنمىز، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ 3 جۈملە سۆز-- ماڭا ئىشەنچ ۋە غەيرەت ئاتا قىلدى. «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا تىلغا ئېلىنغان خىزمەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەھەر- يېزا مۇھىت تازىلىقى، ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا تىرىشىمەن.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى گو شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسى 5 يىللىق خىزمەت تەسەۋۋۇرى بولۇپمۇ 2018- يىلدىكى ھەر قايسى ساھەلەرگە چېتىلىدىغان 10 نەچچە جەھەتتىكى كونكرېت نىشان- ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلۇغۋار پىلانلارنى كۆرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر بىر كادىرنىڭ تىرىشىش نىشانىنى كۆرۈپ يەتتۇق.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى