قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بايلىق ئىشىكى تاقىلىپ قالغاندىن كېيىن، قاقاس تاغلىقتىن ئالتۇن قېزىش

2018-01-24 11:49:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جاڭ جىڭياڭ شۇنچە يىل جاپالىق ئوقۇپ قوبۇل قىلىنغان، گۈزەل غايە- ئىستەكلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ھاياتىدىن ۋاز كەچتى. چۈنكى، ئۇ ئانىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالاتمىسا بولمايتتى، شۇ ۋاقىتتىكى كەچمىشلىرى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئازابلىق سەرگۈزەشتىلىرى بولۇپ، ئۇ بۇ ئازابلارنى قەلبىنىڭ پىنھان جايلىرىغا كۆمۈۋەتتى. گەرچە ئوقۇشتىن چېكىنىپ ھازىرغىچە ئارىدىن 20 نەچچە يىل ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، جاڭ جىڭياڭ شۇ چاغدىكى سەرگۈزەشتىسىنى تىلغا ئېلىشنى، ھەتتا ئويلاشنىمۇ خالىمايتتى. جاڭ جىڭياڭ ئەپسۇسلانغان ھالدا «شۇ ۋاقىتلارنى ئويلىسام تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈۋالغان بولسام قانداق ياخشى بولاتتى، ئەگەر شارائىت يار بەرسە، چوقۇم ئوقۇشۇمنى تاماملايمەن، مەن شۇ ۋاقىتلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن»دېدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۆتۈلگەن دەرسلىكلەر جاڭ جىڭياڭنىڭ ھازىرمۇ ئىسىدە بولۇپ، گەرچە ئارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، شۇ ۋاقىتتىكى ئۆتۈلگەن مەزمۇنلارنى ئۇ ھازىرمۇ دەپ بېرەلەيتتى.
1996- يىلى، جاڭ جىڭياڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتى بىلەن خوشلىشىپ، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تېپىشقا باشلىدى. زېھنى ئۆتكۈر جاڭ جىڭياڭ بىر نەچچە يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق خېلى كۆپ پۇل تاپتى. 2002- يىلى، ئۇ ئېلان كەسپىدە خېلى كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى بايقاپ قالدى ۋە ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلى بىلەن بىر ئېلانچىلىق كەسپىي شىركىتى ئاچتى. ئۇ ئون يىل ئېلانچىلىق كەسپى بىلەن شوغۇللىنىپ، نەچچە ئون مىليون يۈەن پۇل تاپتى ۋە «گاداي يىگىت» تىن «پۇلى بار ئادەم» گە ئايلاندى. جاڭ جىڭياڭ «شۇ ۋاقىتتىكى سەرگۈزەشتىلىرىمگە رەھمەت ئېيتىمەن، ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا مەن ئالىي مەكتەپنى تولۇق تاماملاشنى ساقلاپ ئولتۇرغان بولسام، بەلكىم ھازىرقىدەك ئىگىلىكنى يارىتالمىغان بولىشىم مۇمكىن» دېدى. 2012- يىلى، جاڭ جىڭياڭ ئېلان ساھەسىدە رىقابەتنىڭ كۈندىن كۈنگە كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، سودا قىلماقنىڭ بارغانسېرى تەسلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇ يىلى ئۇ پۇل تاپالمايلا قالماستىن، بەلكى 300 مىڭ يۈەن زىيان تارتتى. ئەگەر ئۇ ئېلان كەسپى بىلەن داۋاملىق شوغۇللىنىۋەرسە، پايدا ئالالمايلا قالماي، ئىلگىرى يىغقان پۇللىرىنىمۇ بۇنىڭغا سېلىۋېتىشى مۇمكىن ئىدى. شىركەتتىكى خادىملار قىلغىلى ئىش يوق، ئەتىگەندىن كەچكىچە بىكار ئولتۇرىدىغان بولۇپ، ئىش ئۈنۈمى ئەسلىدىكىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىغىمۇ يەتمەيتتى.
جاڭ جىڭياڭ ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بەدىلىگە نەچچە ئون مىليون يۈەننىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىپ، ئىلگىرىكى نامرات تۇرمۇشىغا خاتىمە بەرگەن. ئۇ نامراتلىقتىن قورقاتتى، ئۇ بايلىقىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىدىن، ئىلگىرىكى ھالىتىگە قايتىپ قېلىشتىن قورقاتتى. شۇڭا، ئۇ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، كەسىپ ئالماشتۇرمىسا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ ئۇيان چېپىپ، بۇيان چېپىپ، نۇرغۇن يەرلەرگە بېرىپ، كۆرۈپ، ئۆگىنىپ، ئاخىرى ئەتراپىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر قارارنى چىقاردى. يەنى ئۇ، بىر تاشلاندۇق يەرگە مەبلەغ سالماقچى بولغان ئىدى. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونى شىجى ناھىيەسى جېنخۇ يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى مۇنداق دېدى:«بۇ يەر ئەسلىدە ئولتۇراق رايون بولۇپ، ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرغاندىن كېيىن ئاق قالغان يەرلەر ئىدى». جاڭ جىڭياڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئۇنىڭ بۇ قارارىغا ھەيران قالغان ۋە قوشۇلمىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئىنىسى جاڭ جىڭيىمۇ:«بۇ يەردىكى كىشىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تېخى يېڭىلا بۇ يەردىن كۆچۈپ كەتكەن تۇرسا، سەن بولساڭ بۇ تاشلاندۇق يەرگە مەبلەغ سالىمەن دەيسەن، بۇ پۇلنى قاراپ تۇرۇپ سۇدا ئېقىتىۋەتكەندەك ئىش بولمامدۇ، بۇ يەردە نىمە ئىش قىلغىلى بولىدۇ؟» دېگەن ئىدى.
  شىجى ناھىيەسى 2000- يىلىدىن باشلاپ تېرىلغۇدىن بوشىغان يەرنى ئورمانغا قايتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئون نەچچە يىل جەريانىدا پۈتۈن ناھىيە بويىچە تېرىلغۇ يەرنى ئورمانغا قايتۇرۇش ئومۇمىي كۆلىمى 750 مىڭ موغا يەتكەن ئىدى. ئەمما، تېرىلغۇ يەرنى ئورمانغا قايتۇرغان كۆلەم كۆپ بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئىشلىتىلمىگەن ئىدى. «قاراڭ، بۇ يەردە ئۆرۈك دەرىخى، تۈكلۈك شاپتۇل بار، مانا بۇ ئورمان تېلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ ئورمان ئەھيا قىلىشتىكى رولى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشتىكى رولى چوڭ»دېدى ئۇ مۇخبىرغا چۈشەندۈرۈپ. سەزگۈر جاڭ جىڭياڭ مانا موشۇ ئورمانلىقتىن سودا پۇرسىتىنى بايقاپ قالدى، ئۇ بۇ ئورماننىڭ ئۇنى بايلىقىنى ئاشۇرىدىغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. «بىزنىڭ بۇ يەردە باشقا بايلىق يوق، پەقەت تېرىلغۇ يەردىن قايتۇرۇلغان ئورمان بار، ئەگەر جايىدا ئىشلىتەلىسىڭىز ئالتۇن تاغ، كۆمۈش تاغ دېگەن موشۇ» دېدى جاڭ جىڭياڭ.
جاڭ جىڭياڭ تېرىلغۇ يەرنى ئورمانغا قايتۇرغان كەڭرى مەيداندا توخۇ بېقىشنى پىلانلىدى. ئۇ توخۇ باققاندىمۇ ھېچكىمنىڭ توخۇسىغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل ئالاھىدە توخۇنى باقماقچى بولدى. مانا موشۇنداق توخۇنى تېپىش ئۈچۈن ئۇ بارلىق كۈچىنى سەرپ قىلىپ، مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نامى بار توخۇ باقمىچىلىق بازىلىرىنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئەڭ ئاخىرى گۇاڭدۇڭغا بېرىپ، ئۆزى ئىزدىگەن، ئويلىغىنىدەك توخۇنى تاپتى، بۇ مەرۋايىت توخۇ، دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل توخۇ بولۇپ، بۇ توخۇنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى ئالاھىدە ئىدى. ئۇ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغىچە بۇنداق توخۇنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدى بىردىنلا يورۇپ كەتكەندەك بولدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى روھىي ھالىتىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى:«مەرۋايىت توخۇ، مەن ئەزەلدىن مەرۋايىت توخۇ دېگەننى ئاڭلاپ باقمىغان ئىدىم. توخۇلارغا يېقىن بېرىپ قاراپ، ھەقىقەتەن بەكمۇ ھەيران قالدىم، پاھ، ھەقىقەتەن ئالاھىدە ئىكەن!».
مەرۋايىت توخۇنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى مەرۋايىت قۇش بولۇپ، ئەسلى ياۋا قۇش تۈرىگە كىرەتتى. ئۇنىڭ تۈكلىرى قارامتۇل بولۇپ، پەيلىرىدە سانسىز ئۇششاق ئاق چىكىتلەر بار ئىدى. ئۇ قارىماققا ئاق مەرۋايىت تون ئارتىۋالغاندەك تولىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدىغان بولغاچقا، ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىل ھايۋاناتلار باغچىسىدا ئاز ئۇچرايدىغان ئەتىۋارلىق ئەرمەك قۇش قاتارىدا بېقىلىپ كەلگەن ئىدى. مەرۋايىت توخۇ تۇخۇمىنىڭ باھاسى يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە بىر تال تۇخۇمنى 4 يۈەندىن ساتقىلى بولاتتى. بۇ ئادەتتىكى تۇخۇم باھاسىنىڭ 10 ھەسسىسىگە توغرا كېلەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەرۋايىت توخۇنى بېقىش ناھايىتى ئاسان ئىدى. جاڭ جىڭياڭ ئاخىرى ئۆزى كۈتكەن پۇرسەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بايقىدى ۋە تەييارلىقلىرىنى پۇختا تۈگەتكەندىن كېيىن، 2013- يىلى مەرۋايىت توخۇدىن بىر قېتىمدا 16 مىڭنى بىراقلا كىرگۈزدى ۋە تاشلاندۇق يەردىكى باقمىچىلىق ھاياتىنى باشلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى تاللىشىدىن ناھايىتى رازى بولۇپ، نەچچە ئون مىليون يۈەنلىك بايلىق يارىتىش مەنزىلىنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولغان ئىشەنچى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. 
 تۇرمۇشتا ھەممە ئىش ئويلىغىنىمىزدەك راۋان، ئوڭۇشلۇق بولۇپ كېتىشى ناتايىن. جاڭ جىڭياڭ ئون نەچچە مىڭ مەرۋايىت توخۇنى كىرگۈزۈپ، ئىگىلىكىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، نۇرغۇن پۇل تېپىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقىنىدا، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنىڭ مەرۋايىت توخۇلىرىدىن مەسىلە كۆرۈلدى. «ئۇلار ئۈچ كۈن بۇرۇن باقمىچىلىق بازىسىغا كېلىپ مەرۋايىت توخۇلارنى كۆرگەندە، مەن مەغرۇرلانغان ھالدا توخۇلارنى ئۇلارغا كۆز- كۆز قىلغان ئىدىم. ئەمما، ئۈچ كۈن ئۆتمەيلا توخۇلارنىڭ ھەممىسى يىقىلدى. بۇ قانداق بولغىنى؟» دېدى جاڭ جىڭياڭ. ئۇ مەرۋايىت توخۇ باققان نەق مەيدانغا بېرىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن، بېقىش ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىگەن ئىدى، ئەسلىدە بۇ توخۇنى بېقىش ناھايىتى ئاسان ئەمەسمىدى؟ «شۇ ۋاقىتتا مەن بىر كۈنلۈك بولغان، يېڭىلا تۇخۇمدىن چىققان چۈجىلەرنى چوڭ توخۇنى باققاندەك بېقىپتىمەن» دېدى جاڭ جىڭياڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ...

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى