قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن» دا، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى چۆرىدەپ قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى

2018-01-24 12:55:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
بۇ يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن» دا، ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى چۆرىدەپ قىزغىن مۇھاكىمە قىلدى. كۆپچىلىك ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، باشتىن-ئاخىر مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىزنىڭ «مەدەنىيەت ئىشەنچى نامايان بولۇپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى». ئىككى يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى نەسىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ لياڭچېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىر سىياسىي كېڭەش ئەزاسىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىشتەك شەرەپلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىمەن. مەدەنىيەتتە ئۆزىگە ئىشىنىش پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئىشى، ئۇ ئالدى بىلەن خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدە، ئۆزىدىن رازى بولۇپ بەختلىك، خۇشال ياشىشىنىڭ ئۆزى ئەڭ ئاساسىي ئومۇمىي خەلق مەدەنىيەت ئىشەنچىسى ھىسابلىنىدۇ. غايە- ئېتىقاد، مېھرى- مۇھەببەت، خۇشاللىق ۋە قايغۇ، ھايات- مامات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ تەركىبىي قىسمى. مەن بۇنداق مەدەنىيەتكە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا «مەدەنىيەت- سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ، شىنجاڭ ھېكايىلىرىنى ياخشى سۆزلەش، نادىر ئەسەرلەر بىلەن كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ، تەسىرلەندۈرۈپ، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىكانتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە ئىشخانا مۇدىرى دىلنار مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دوكلاتتىكى ئەمەلىي سۆز- جۈملىلەر ماڭا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرغان خىزمەت كەچۈرمىشىم ۋە تەسىراتىمنى ئەسلەتتى. چىللىدە يېزىدىكى قوش تىللىق يەسلىدىكى بالىلار بىلەن بىللە تۈگرە تۈگۈپ، ئۇلارغا چىللە، پانۇس بايرىمى، خۇاڭمېي تىياتىرى، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت جەۋھىرى بولغان جىڭجۈ تىياتىرى دېگەنلەرنى بىلدۈردۇق. يەنە ئۇلارغا 12 مۈچەل ناخشىسىنى ئۆگەتتۇق. مەدەنىيەت ئىشەنچىسى بولسىلا، بىز تاشقى ئامىللارنىڭ كاشىلىسىغا ئۇچرىمايمىز. شۇڭا، مەن چوقۇم تىرىشىپ بىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرىمەن.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى خەتتاتلىق، رەسساملىق يۇرتىنىڭ باشلىقى شۈ يۈنچۈن مۇنداق دېدى: مەن بىر ئاساسىي قاتلام ئەدەبىيات- سەنئەت خادىمى. شۇڭا، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشىم كېرەك. مەكتەپلەردە خەتتاتلىقنى دەرسخانىغا كىرگۈزۈش جەھەتتە بىز دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ھەر يىلى «مامكاپ» خەتتاتلىق ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ خەتتاتلىق ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلىدۇق. تەربىيىلەنگەن ئوقۇتقۇچىلار ئەنئەنىۋى جۇڭگو خەتتاتلىقىنى مەكتەپلەرگە ئېلىپ كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگەتتى. بىز جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئەنئەنىۋى كىلاسسىك مەدەنىيەتنى ئۆگىنىشكە تۈرتكە بولدۇق. جۇڭگونىڭ بۇ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە چوقۇم ۋارىسلىق قىلىش كېرەك.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى