قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېڭى دەۋرنىڭ تۈۋرۈكى بولايلى

2018-01-24 12:57:17     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىزنىڭ «يېڭى دەۋرنىڭ تۈۋرۈكى بولايلى» ماۋزۇلۇق خەۋىر
ھازىر ئېچىلىۋاتقان ئاپتونوم رايوننىڭ «ئىككى يىغىن» نى بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھۇجۇم سىگنالىنى ياڭراتتى. ھالقىلىق ئاز سانلىقلار بولۇش سۈپىتى بىلەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قانداق ئىستىل بىلەن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى «پىلان خەرىتىسى» نىڭ ئىشقا ئېشىش- ئاشماسلىقى، «ۋەزىپىنامە» نىڭ ئورۇنلىنىش- ئورۇنلانماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تەمىنات- سودا مەبلەغ سېلىش گۇروھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرىيەت رەئىسى، باش دىرېكتورى لى شۇەن مۇنداق دېدى: چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى خىرىس ئالدىدا، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا ئاندىن خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، يېڭى تۆھپىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ. يېڭى دەۋردە دۆلەتنىڭ يېڭى مۇساپىسى باشلىنىپ، بىزگە يېڭى ۋەزىپىلەر تاپشۇرۇلدى. پەقەت ھالقىلىق ئاز سانلىقلار ئىستىل جەھەتتە قاتتىق بولغاندىلا، ئاندىن قوشۇننى ياخشى يېتەكلەپ، ئىشلارنى ياخشى قىلالايدۇ. ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى. بۇ دەل بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى مۇساپىدە خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ئەستايىدىل بولۇپ، كۈچنى ئايىماي، پۈتۈن كۈچ بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. شۇنداق بولغاندا باش نىشان پۇختا قەدەم بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ.
بۇ يىلقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت پارتىيەلىك كادىرلارغا قايتىدىن قوراللىنىپ ئاتلىنىش چاقىرىقى بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جىخۇا مۇنداق دەپ قارىدى: كادىرلار چوقۇم باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاساسىي تۈۋرۈككە ئايلىنىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئالدى بىلەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ياخشى ئۆگىنىشى، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشى لازىم. ئاندىن ياخشى پايدىلانغانغىلى، ياخشى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ. كادىرلار ئىستىلى ئەمەلىي بولماسلىقنى ئەڭ چوڭ دۈشمەن دەپ قاراپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات» نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. باش نىشان بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزنىڭ يادروسى. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشتى» نى ياخشى ئېتىپ، بارلىق سىياسەت-تەدبىرلەردە شەكىلۋازلىق قىلماي، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
كادىرلار ئىستىلى ياخشى بولسا، ئەل قەلبى مۇجەسسەملىنىدۇ، ئەل قەلبى مۇجەسسەملەنسە غەيرەت ئاشىدۇ. كادىرلار ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇختىلىغاندىلا، ھەقىقىي مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل- قىزلىرى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى يېزىپ چىققىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جۈن مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. بۇ بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش- ئاشۇرالماسلىقىمىزنى بەلگىلەيدۇ. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ھالقىلىق ئاز سانلىقلار بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخىمۇ بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رولىنى جارى قىلدۇرغاندا، ئاندىن خەلق ئاممىسىنى يېتەكلەپ، ئۇلۇغ جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
  تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى