قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چېن چۈەنگو ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2018-01-25 12:31:41     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو 1-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى؛ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىغا قاتناشقان دىن ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسى، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.
نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، شۈ خەيرۇڭ، غانىبات سابىكەي، جاڭ بو، ئىنام نەسىردىن، چېڭ جېنشەن قاتارلىقلار قاراپ چىقىشقا ياكى مۇزاكىرە قىلىشقا قاتناشتى.
ئۈرۈمچى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر دادىل پىكىر بايان قىلدى، كەيپىيات ئىنتايىن قىزغىن بولدى. چېن چۈەنگو ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى. ئۇ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىغا پۈتۈنلەي قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۆتكەن بىر يىلدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.
چېن چۈەنگو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۇنجى يىلى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، «13- بەش يىللىق پىلان»نى يولغا قويۇشتا يۇقىرى- تۆۋەننى باغلاشتىكى ھالقىلىق بىر يىل. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش لازىم. «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئىقتىسادىي- ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
چېن چۈەنگو ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئۈزۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتىلىدى: بىرىنچى، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىناق، مۇقىم مەركىزىي شەھەر قۇرۇپ چىقىش كېرەك. دېققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىش لازىم.
ئىككىنچى، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىدىغان مەركىزى شەھەر قۇرۇپ چىقىش كېرەك. سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
ئۈچىنچى، پارتىيەنىڭ مىللەت-دىن سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار ئىناق مەركىزىي شەھەر قۇرۇپ چىقىش كېرەك. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» نى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىر- ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا يېتەكلەش؛ قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى توسۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئىتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دىنىي ئېھتىياجىغا قانۇن بويىچە كاپالەتلىك قىلىپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ماسلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش لازىم.
تۆتىنچى، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەھەر- يېزىلار ماس تەرەققىي قىلغان مەركىزىي شەھەر قۇرۇپ چىقىش كېرەك. سانائەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى تولۇقلاش، شەھەرلەر ئارقىلىق يېزىلارنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» نى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر- بازارلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىكى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان، شەھەر- يېزا بىر- بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئومۇميۈزلۈك بىرىكىپ، ئورتاق گۈللىنىدىغان يېڭىچە سانائەت- يېزا ئىگىلىكى شەھەر- يېزا مۇناسىۋىتىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈش لازىم.
بەشىنچى، 3 چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىت سۈپىتى ياخشى بولغان مەركىزىي شەھەر قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تۆۋەن چەكنى قەتئىي ساقلاپ، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ھەقىقىي ئالدىنى ئېلىش لازىم. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، بىرمۇ نامرات ئاممىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قەتئىي قوغداپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاتموسفېرا مۇھىتىنى كۈچەپ ياخشىلاش لازىم.
ئالتىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئېكولوگىيەسى ياخشى مەركىزىي شەھەر قۇرۇپ چىقىش كېرەك. مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسى بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى ياخشى تۇرغۇزۇپ، «ئىككى يۈزلىمىچىلەر»، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» نى قەتئىي جازالاپ، ئىستىلى توغرا، كەيپىياتى دۇرۇس بولغان ياخشى سىياسى ئېكولوگىيە يارىتىش لازىم.
سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىدا دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇزاكىرە مەيدانىدا، چېن چۈەنگو كۆپچىلىك بىلەن بىرمۇ- بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى. ئابدۇرەقىپ تۆمۈرنىياز، خەن مىڭيۈەن، لو چى قاتارلىق ئەزالار ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. چېن چۈەنگو كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇزاكىرە قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىن خىزمىتى سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، دىن خىزمىتىدە تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ دىنىي ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىرىنچى، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر ۋەتەنپەرۋەرلىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى، سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن دىننى سۆيۈشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. ئىككىنچى، قانۇن- قائىدىگە رىئايە قىلىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، دۆلەت ئېڭى، قانۇن ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت قانۇنى بىلەن دىنىي قائىدىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا تونۇپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن- بەلگىلىمىلىرىگە ئاڭلىق بويسۇنۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇشىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، نورمال دىنىي تەرتىپنى ئاڭلىق قوغداش لازىم. ئۈچىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «بەشنى تونۇش» نى كۈچەيتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» قاتارلىق تۈرلۈك بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيەتلىرىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىشىپ، ئاكتىپ قاتنىشىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقە، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى بىر تۇغقاندەك يېقىن بولۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشكە يېتەكلەش لازىم. تۆتىنچى، ئالغا بېسىشقا، ياخشىلىققا ئىنتىلىش ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، دىنىي ئەقىدىلەرگە ھازىرقى زامان جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن، جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇن چۈشەنچە بېرىپ، دىننى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ پايدىلىق قىلىش لازىم. بەشىنچى، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئۆزىنىڭ تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ساپانى ئۈزۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ۋەز ئېيتىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى توغرا ئېتىقاد، توغرا ھەرىكەتتە چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش لازىم. ئالتىنچى، ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئىسلام دىنىدا تەشەببۇس قىلىنىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك، تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، ئوتتۇرا يول تۇتۇش، كەڭ قورساقلىق، ياخشى ئىش قىلىش قاتارلىق ئەقىدىلەرنى ۋەز ئېيتىشنىڭ جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى ئىناقلىقنى قەدىرلەپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي دۆلەت بىخەتەرلىكى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا يېتەكلەپ، «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش لازىم.تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى