قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ۋە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئېلىپ باردى

2018-01-25 13:01:42     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇشۇ ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 24-كۈنىگىچە، ئومۇمىي يىغىن ۋە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئېلىپ بېرىپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى»، «ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى»، «ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى» غا قاراپ چىقتى. پىلان دوكلاتى، خام چوت دوكلاتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى ۋىي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن قاتارلىقلار ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.
لى ۋىي ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ھەم سىياسىي ئومۇمىيلىققا، ھەم ئىدىيەۋى يېتەكچىلىككە، ئەمەلىي مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە. دوكلاتتا، خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈلۈپ، خەلق ئاممىسى ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاستە ۋە ئەڭ ئەمەلىي بولغان مەنپەئەت مەسىلىسى چىڭ تۇتۇلۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ-- ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقچىللىق ھىسسىياتى ۋە سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملار دوكلات روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بىرىنچىدىن، خەلق ئارمىيەسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىدىكى باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى؛ ئىككىنچىدىن، جەڭگىۋار ئەترەت، خىزمەت ئەترىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتى بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا پائال ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشى؛ ئۈچىنچىدىن، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەت، ئارمىيە بىلەن خەلق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشتەك ئارمىيە- خەلق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى قوغداش ۋە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
 شاۋكەت ئىمىن تارباغاتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، شىنجاڭنىڭ ئۆتكەن 5 يىلدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي خاراكتىرلىك نەتىجىلىرى 5 جەھەتتىن توغرا خۇلاسىلىنىپ، «9 جەھەتتىكى تىرىشىش» ئارقىلىق، 2017- يىلىدىكى ھۆكۈمەت خىزمىتى ئوبىيكتىپ خۇلاسىلاندى. بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىللىق ئومۇمىي تەسەۋۋۇر ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2018- يىلدىكى كۆزلىمە نىشانلاردا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت تۈپ تەلەپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات تەسەۋۋۇرى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش تولۇق ئىپادىلەندى. بۇ-- ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېىتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان گۈزەل ئارزۇلارنى قەتئىي ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىش لازىم.
 شۈ خەيرۇڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ  ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ۋە ئوبىيكتىپ بولغان، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىگەن، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، كىشىنى ئالغا ئىلگىرلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بولدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرىشىمىز ھەمدە ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىشىمىز لازىم. باشتىن- ئاخىر خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۆرەش نىشانى قىلىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئىھتىياجىنى ئۈزۈكسىز قاندۇرۇپ، تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، يەرلىك ئۈچۈن نەپ يەتكۈزۈش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئەمەلىيلەشتۈرىشىمىز كېرەك.
لى شۆجۈن قۇمۇل شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ باش تېمىسى روشەن، مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە قاتلاملىرى ئېنىق. ئۇ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن، ئەمەلىي بولغان، كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان دوكلات بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسى ئارقىلىق مېڭىنى قوراللاندۇرۇشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىقىنى قەتئىي قوغداپ، «4 ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «4 ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، بۇ يىللىق خىزمەت نىشانى ۋە تەلەپلەرنى توغرا ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇشىمىز لازىم.
ئەركىن تۇنىياز بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ۋە ئوبىيكتىپ ھالدا خۇلاسىلەندى. ئۇنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر، سانلىق مەلۇماتلار ئەمەلىي بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىللىق خىزمەتلەر-- ئومۇمىي تەسەۋۋۇر نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى سۈرەتلەپ بېرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2018- يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەمدە 12 جەھەتتىكى خىزمەت تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ-- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە تامامەن ئۇيغۇن، سىياسىي ئورنى يۇقىرى، كىشىگە ئىلھام بېرىدىغان، كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان، خەلقنى مەركەز قىلىش، ئاممىغا يېقىن بولۇشتا چىڭ تۇرىدىغان، دېققەتنى باش نىشانغا قارىتىپ، باش نىشاننى ئىلگىرى سۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ياخشى دوكلات بولدى. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆزۈم مەسئۇل بولغان خىزمەتلەرگە بىرلەشتۈرگەن ھالدا، تۈرلۈك مەسئۇلىيەتلەرنى قەتئىي ۋە ياخشى ئادا قىلىمەن.
 ما شۆجۈن بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتلەردىكى ئۆزگىرىشنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئېلىپ كەلگەن يېڭى رىقابىتى ۋە يېڭى پۇرسىتى توغرا ئىگىلەندى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە خەلقنى مەركەز قىلىش تەرەققىيات ئىدىيەسى پۇختا تۇرغۇزۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان «7 چوڭ ئىستىراتېگىيە»، «3 چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى» قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلار ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلغان ھالدا، نىشان، تەسەۋۋۇر ۋە تەدبىرلەر ئەمەلىي ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتىكى سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەركەت ئاڭلىقلىقى گەۋدىلەندۈرۈلدى. دوكلاتتا، دېققەت نۇقتىسى باش نىشانغا قارىتىلىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە قارىتا، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئېنىق پوزىتسىيە ۋە قەتئىي ئىرادە كۆرسىتىپ بېرىلدى. دوكلاتتا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت گۈزەل ئارزۇ سۈرەتلەپ بېرىلدى. نىشان ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىلدى، ئىشەنچ چىڭىتىلدى، روھ ئۇرغۇتۇلدى، كۈچ قوشۇلدى.
تيەن ۋېن قاراماي شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، ئۆتكەن 5 يىللىق خىزمەتلەر 5 نۇقتىدىن خۇلاسىلەندى؛ 2017- يىللىق خىزمەتلەر 9 نۇقتىدىن خۇلاسىلاندى؛ دۈچ كېلىۋاتقان مۇھىم پۇرسەت ۋە رىقابەتلەر ئانالىز قىلىندى؛ كەلگۈسى 5 يىللىق ۋە بۇ يىللىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلات-- ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدىغان، باش تېمىسى روشەن ياخشى دوكلات بولدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرىشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىشىمىز؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرىشىمىز ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىشىمىز؛ «5 بىر گەۋدىلەشكەن» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، «4 ئومۇميۈزلۈك» ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ھالدا ئىلگىرى سۈرىشىمىز كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «3 چوڭ ئۆتكەلگە ھوجۇم قىلىش جېڭى »نى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىشىمىز لازىم.
 لو دۇڭچۈەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرى ئىپادىلەندى. چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئەستايىدىل ئىگىلەش ئارقىلىق، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرنى خىزمەت ئەمەلىيىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، دېققەتنى باش نىشانغا قارىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى؛ دوكلاتتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلارغا ئاساسەن، ئاممىۋى خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىدە ئۆز رولىنى تولۇق ئادا قىلىشى لازىم. ئاساسىي قاتلامدىكى مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ كەسكىن ۋە مۇرەككەپلىكىنى تولۇق تونۇپ، مىخ قېقىش روھى ئارقىلىق، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى لازىم. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى داۋاملىق ھالدا چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە روياپقا چىقىرىشىنىڭ ئۇلۇغۋار كۈچىنى مۇجەسسەملىشى كېرەك.
 سارقىت ئاقان سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ئەمەلىي، باش تېمىسى روشەن، نىشانى ئېنىق، تەدبىرلەر كونكرېت بولۇپ، كىشىگە زور ئىلھام ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلدى. دوكلاتتا، ئۆتكەن 5 يىللىق خىزمەتلەر ۋە 2017- يىللىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ۋە ئەمەلىي خۇلاسىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت چوڭقۇر ئانالىز قىلىندى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەر ئىلمىي، پائال ۋە مۇقىم ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇنى ناھايىتى ياخشى دوكلات دېيىشكە بولىدۇ. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ۋە چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىرى ۋە مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭ فاڭجىن- سىياسەتلىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرشىمىز لازىم. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى تۈپ ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ تۈپ تەلىپى، خەلقنىڭ كۈندىن- كۈنگە ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشتىكى تۈپ مەقسەد قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۆرەش قىلىشىمىز كېرەك.
 جاڭ چۈنلىن تۇرپان شەھىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭ فاڭجېن- سىياسەتلىرى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9- نۆۋەتلىك كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى ئەكس ئەتتۈرۈلدى. دېققەتنى باش نىشانغا قارىتىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى خىزمەت ئورنى ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەر ئەكس ئەتتۈرۈلدى. دوكلاتتا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، دېققەت مۇھىم نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتىلارغا قارىتىلىپ، زور خەۋپ- خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەل قىلىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشتىن ئىبارەت «3 چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى» نى ياخشى ئېلىپ بېرىش گەۋدىلەندۈرۈلدى. دېققەت باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە قارىتىلىپ، 12 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ۋەزىپە ئېنىق، تەدبىرلەر كۈچلۈك بولدى. دېققەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشقا قارىتىلىپ، «4 ئاڭ» كۈچەيتىلدى. مەركەزنىڭ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، «4 خىل كەيپىيات» ۋە «4 خىل خاھىش» نى قەتئىي تۈزەش؛ پاك- دىيانەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، خەلق رازى بولغان مۇلازىمەت تىپىدىكى ھۆكۈمەت بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى