قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

<بىر بەلباغ، بىر يول> شىنجاڭنى دۇنيا سەھنىسىدە جۇلالاندۇردى

2018-01-25 13:28:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىزنىڭ «تولۇق قىزغىنلىق بىلەن ئىش باشلاپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش» دىگەن ماۋزۇدىكى يۈرۈشلۈك ماقالىسىنىڭ «<بىر بەلباغ، بىر يول> شىنجاڭنى دۇنيا سەھنىسىدە جۇلالاندۇردى» دىگەن 4- قىسمى
 قەھرىتان سوغۇق كۈنلەر ئىلگىرى دېھقانلارنىڭ قىشلىق بوش مەزگىلى ئىدى. لېكىن، قورغاس شەھىرى مۇخۇر چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى دېھقان ساۋ گويىن ۋە بىر نەچچە تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ھازىر ھەر كۈنى دەل ۋاقتىدا قورغاس «جىنيى» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ ئىشلەيدۇ. ئۇلار يازدا كۆكتات تېرىپ سېتىپ، قىشتا ئىشلەپ پۇل تاپىدۇ. ساۋ گويىن مۇنداق دېدى: بىز «ئالاقە تورى، شىركەت، بازا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى، دېھقان ئائىلىلىرى» ئۆزئارا بىرىككەن ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، جىنيى شىركىتى بىلەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق. بىزنىڭ مېۋە- كۆكتاتلىرىمىزنىڭ سېتىلىشى كاپالەتكە ئىگە بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسىمۇ بەك ياخشى. يەنە قىشلىق بوش ۋاقىتتا، جىنيى شىركىتىدە ئىشلەپ، ھەر كۈنى 300 يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلىمىز، بەك خۇش بولدۇق.
قورغاس «جىنيى» خەلقئارا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىلى ئوبلاستىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىدىغان باشلامچى كارخانا بولۇپ، ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت ۋە روسىيەگە مېۋە- چېۋە، كۆكتات ئېكسپورت قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، قورغاس «جىنيى» خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى يۈ چېڭجۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىلقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ كارخانىلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. بىزنىڭ ھەر يىللىق ئېكىسپورت سودا سوممىمىز 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. بۇنىڭ 60 پىرسەنتى شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتىن كېلىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى لىنىيە بويىدىكى دۆلەت ۋە شەھەرلەرگە ناھايىتى زور ئەۋزەللىك ئېلىپ كەلدى. مەسىلەن: تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش سۈرئىتى جەھەتتە، ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە 3- 4 كۈندە يەتكۈزىدىغان ماللارنى ھازىر قورغاس تاموژنىسىدىن چىقىپ، شۇ كۈنىلا قازاقىستان بازىرىغا يەتكۈزەلەيمىز. بولۇپمۇ روسىيەگە ئىلگىرى 8 كۈندە يەتكۈزەتتۇق، ھازىر 4 كۈنگە قىسقاردى. دېمەك، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ شىنجاڭغا، كارخانىلىرىمىزغا ئىنتايىن زور ياردىمى بولدى.
بۇ يىلقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا، يىپەك يولى ئىقتىسادى بەلبىغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتى بەرپا قىلىش؛ بەش چوڭ مەركەز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ياخشى قۇرۇپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش كۆزنىكى ۋە سۇپىلىق رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات- سودا بىرلەشمە كوپىراتىپى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، كېڭەش مۇدىرى لىيۇ  چۈەنشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، خەلقئارا بازارنى كېڭەيتىشىگە يېڭى سەھنە ھازىرلاپ بەردى. يادرولۇق رايوننىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش كېرەك؟ بۇ ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە. داۋالاش، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت، پۇل مۇئامىلە، قاتناش قاتارلىق جەھەتلەردىن قۇرۇش كېرەك. بۇ بىر تېپىلغۇسىز ياخشى پۇرسەت. تەمىنات- سودا جەھەتتە، بىز شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە كەسپلىرىنى، بولۇپمۇ باغۋەنچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مېۋە مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە چىقىرىمىز. مېنىڭچە بۇ بازار ئىنتايىن چوڭ. بىزنىڭ بىر ئىمپورت- ئېكسپورت شىركىتىمىز ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بۇ جەھەتتە چوڭقۇر ھەمكارلاشتى. ئىشىنىمەنكى «بىر بەلباغ، بىر يول» نىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بازارلىرىغا كىرىش ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق، بىزنىڭمۇ تولۇق ئىشەنچىمىز بار.
ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ھەر قايسى ھالقىلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ راۋان، قولايلىق، تۆۋەن تەننەرخ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» غا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى جاۋ گې مۇنداق دېدى: 2018- يىلى تاموژنىمىز بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دوكلاتتا، تاموژنا كۆپ خىل ئۇسۇلدا بىرلەشمە توشۇش مەركىزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىز ھازىر تاموژنا باش مەھكىمىسى ۋە جايلاردىكى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغان ئالاقىدار ئۆلكە- شەھەرلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچى كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە ترانسپورت مەركىزىدە ئىچكى- تاشقى سودا ماللىرىنى مەركەزلىك توپلاپ مەركەزلىك توشۇپ، جۇڭگو- ياۋرۇپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تىرانسپورت تەننەرخىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايوندا ئىچكى- تاشقى سودا ماللىرىنى توپلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ ئىقتىدار خاراكتېرلىك رولىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز. ئىشىنىمەنكى، دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشنى ئۈزۈكسىز كېڭەيتىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ پۈتكۈل دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا بولغان تۈرتكىلىك ۋە ئىلگىرى سۈرۈش رولى بارغانسېرى چوڭ بولىدۇ. 

 تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى