قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، «ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، پۇقرالار ساغلاملىقى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى ھەر تەرەپلىمە ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2018-01-25 13:28:44     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، «ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، پۇقرالار ساغلاملىقى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى ھەر تەرەپلىمە ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىلقى «ئىككى يىغىن» دا سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى ئېلىپ كەلدى.
بۇ يىلقى «ئىككى يىغىن» دا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى دېڭ خۇڭ «ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەكلىپ» ئېلىپ كەلدى. دېڭ خۇڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ئاساسىي قاتلام ئاممىسىنىڭ سالامەتلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم ئاممىنىڭ ساغلاملىق بىلىملىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ئاشكارىلاندى. ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق سالامەتلىك تەكشۈرتۈشتە، قان بېسىمى 120-190 بولغان بەزى كىشىلەر بىر قاپ دورا يەپلا بولدى قىلدى. ئۇلار خۇددى زۇكامغا ئوخشاش دورا يەپلا ساقىيىپ قالىمىز دەپ ئويلاپ، ئۇزاققىچە دورا يېيىش كېرەكلىكىنى بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە كەنت شىپاخانىلىرى مۇكەممەللىشىپ بولدى. لېكىن، ئۇلارنىڭ ئۆزىدە بۇ خىل ئاڭ يوق. بولۇپمۇ يۇقىرى قان بېسىم، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى قاتارلىق نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت دورا بىلەن كونترول قىلىش، ئالدىنى ئېلىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خىل ساغلاملىق تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش تېخى يېتەرلىك ئەمەس.
دېڭ خۇڭ ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ دائىملاشقان، كەسىپلەشكەن ساغلاملىق تەربىيەسى تەشۋىقات خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە تەكلىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تەربىيەسىنى كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇپ، بۇ خىل ساغلاملىق تەربىيەسىنى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشلاپ تەسىس قىلغاندا، ئۇلارغا بىر ئۆمۈر پايدىسى تېگىدۇ. ئىككىنچىدىن، مەھەللە ساغلاملىق تەربىيەسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ساغلاملىق تەربىيەسى ئېلىپ بېرىشتا ئېنىق كۆرسەتكۈچ، ئۆلچەم تەسىس قىلىپ، قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىش لازىم. ھازىر بىزدە مەخسۇس ساغلاملىق تەربىيەسى ئېلىپ بارىدىغان ئوقۇتقۇچى يوق، پەقەت بىزدەك دوختۇرلار كېسەللەرگە سۆزلەيمىز. ئەگەر مەخسۇس تەربىيەلەش بولۇپ، تېخىمۇ ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىلدا پۇقرالارغا چۈشەندۈرىدىغان ساغلاملىق ئوقۇتقۇچىلىرى بولسا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.
بۇ يىلقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا مۇنداق دېيىلدى: «نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر- يېزا ئاھالىلىرى ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشنى تولۇق قاپلاش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق ۋە داۋالاش-سەھىيە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى». ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى كادىرلار ساغلاملىقى مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شاۋجيې مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش- كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى. ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭ قىممىتىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، يەنىلا ياخشىلاشقا تېگىشلىك تەرەپلىرى بار. دوكلاتتا ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى 88 پىرسەنت ۋە 84 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى، يېزا- بازار شىپاخانىلىرىدا B تىپلىق ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتى، رەڭلىك ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئاپپاراتى، رېنتېگېن، ئېلېكتىرو كاردىئوگراف، بىئوخىمىيەلىك ئەسۋابلارنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. لېكىن، بۇ ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىشنى پىششىق ئىگىلەپ، مۇلازىمەت قىلالايدىغان ئىختىساسلىقلار تېخى يېتەرلىك ئەمەس. مېنىڭچە، بۇ جەھەتتىكى سېلىنمىنى زورايتىش كېرەك. يېزا- كەنت دوختۇرلىرى، يېزا- بازار شىپاخانىسى ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش لازىم. بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا تېخىمۇ شۇنداق قىلىش زۆرۈر.
تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى