قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، مىخ قېقىش روھىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

2018-01-25 13:25:18     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىزنىڭ «قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، مىخ قېقىش روھىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك» ماۋزۇلۇق خەۋىرى
نامرات نوپۇسنى پۈتۈن مەملىكەت بىلەن تەڭ قەدەمدە ھاللىق جەمئىيەتكە يۈزلەندۈرۈش-- پارتىيەمىزنىڭ ۋەدىسى. بۇنىڭدىن كېيىنكى 3 يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتە، تولىمۇ ئېغىر ۋەزىپىگە دۈچ كېلىدۇ.ئېشىپ قالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى-- شارائىتى بىر قەدەر ناچار، ئاساسىي بىر قەدەر ئاجىز، نامراتلىق دەرىجىسى بىر قەدەر ئېغىر بولغان جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامراتلار. بۇ يىللىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن نازىرى سالامەت مەمتىمىن مۇنداق دېدى: قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، مىخ قېقىش روھىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون سىياسەتلەرنى دەل جايىدا يولغا قويۇش جەھەتتە بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى 3 يىلدا، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. ياخشى سىياسەت، ياخشى قارارلارنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە، ئىستىلنىڭ دۇرۇس بولماسلىقى-- كۆز ئالدىمىزدىكى ئەڭ چوڭ دۈشمەن. مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىي ئىشلىشىمىز لازىم. مۇشۇنداق بولغاندىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات گۇروھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى دۇ بىيۋىي مۇنداق دەپ قارىدى: تۈپ سەۋەپنى توغرا تېپىپ، كېسەلگە ئاساسەن دورا بەرگەندىلا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئائىلە ۋە ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىش؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە كۈچەش كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ئوبىيكتلىرىنىڭ شارائىتى پەرقلىق بولغاچقا، بىر تاياقتا ھەيدەشكە بولمايدۇ. ھازىر بار بولغان بايلىق مەنبەسىگە تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ چارىسىنى تېپىپ چىقىش؛ ئىچكى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچنى شەكىللەندۈرۈش جەھەتتە، ئەقلىي جەھەتتىكى يۆلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىجادچانلىقنى ئاشۇرۇش لازىم.
ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا، ئەمەلىي ئىش قىلغاندىلا، غەلبە قازانغىلى؛ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ئەمەلىي ئىشلىگەندىلا، بۆسۈش ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى ساۋ جىۋېن مۇنداق دەپ قارىدى: تۈزۈلمە ۋە مىخانىزىمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىخ قېقىش روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دېققەتنى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا قارىتىپ، ئۆلچەم يېتەكچىلىكى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈم يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش لازىم. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزىمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىش ۋە ھەركەتلىك باشقۇرۇشنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ بايلىق مەنبەلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە بىرلەشتۈرۈپ، دېققەتنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جەھەتتىكى كۈچنى دەل جايىدا ئىشلىتىشكە  قارىتىش لازىم. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ساھەسىدىكى ئىستىل قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەملەر بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەتچىلىك قىلىش، مەخسۇس تۈزەش، تەكشۈرۈپ باھالاشنى كۈچەيتىش كېرەك. ياخشى ئىستىل ئارقىلىق، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ توغرا يۈزلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئېغىر نامرات رايونلاردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىگە كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى ئېلىپ بېرىش لازىم.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى