قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرايلى

2018-01-25 17:29:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى

مۇخبىرلىرىمىز جاۋ جىيۈن، جاۋ شىيا، چېن چياڭۋېي، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 1- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىشقا باشلىدى.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، قومۇل شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ شۇجياڭ مۇنداق دېدى: دوكلاتنىڭ نەزەرىيەۋىلىكى، ئەمەلىيەتچانلىقى ۋە قاراتمىلىقى كۈچلۈك، ھەم يۈكسەكلىككە ئىگە، ھەم ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بوپتۇ. دوكلاتتا ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق 12 جەھەتتىن بۇ يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىغا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، ئىشەنچنى ئاشۇرىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، قومۇلنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمىن قومۇل قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمەن، يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىمەن.

  چۆچەك شەھىرىنىڭ ئابدىرا يېزىسى ئوتتۇرا ئابدىرا شىمالىي كەنتىدىن كەلگەن ۋەكىل مىڭ ۋېنجۈن مۇنداق دېدى: دوكلاتتا يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق كەسىپكە، دېھقانچىلىقنى جەلپكار كەسىپكە، يېزىلارنى خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ بايانلار مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆتكەن بەش يىلدا يېزىلاردا يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەردىن چوڭقۇر روھلاندىم، بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالىمىزغا بولغان ئىشەنچىم ئاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ ياشلارنىڭ يېزىلاردا يىلتىز تارتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋەكىل شې رۈييۈەن مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خۇلاسىلەنگەن نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ، چىن بوپتۇ، بېكىتىلگەن نىشان ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇپ، كىشىنى روھلاندۇرىدۇ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. دوكلاتتا ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكەن بەش يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر بەش جەھەتتىن خۇلاسىلىنىپتۇ، بۇ نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك، بىز بۇ نەتىجىلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز زورايتىشىمىز كېرەك. دوكلاتتا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ۋە 2018- يىللىق خىزمەت ئومۇمىي تەسەۋۋۇرى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ، مەركەزنىڭ روھىغا ئۇيغۇن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ. قەشقەر ۋىلايىتى خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مالىيە كىرىمىنىڭ %70ىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىدۇ، بولۇپمۇ يېزا ئېنېرگىيە ئىستېمال قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى كۈچەيتىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچەيدۇ.

  ۋەكىل يوۋ لياڭيىڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلاپ غەيرىتىم تېخىمۇ ئاشتى، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، يېزا خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ. مەن ئاساسىي قاتلامدىن كەلگەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، يەرگە بولغان مۇھەببىتىم چوڭقۇر، بىز چوقۇم دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، ھەر مىللەت ئاممىنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزىلارنى، بىڭتۈەننى ياخشى قۇرۇپ، مىللەتلەرنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭنى تىرىشىپ ياخشى قۇرۇشىمىز كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى