قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەيمىز

2018-01-25 17:34:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالار 1- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى مۇزاكىرە قىلدى.
    سۈرەتتە: ئەزا ئورازبېك رۇسۇلقان (ئوڭدىن 1- كىشى) ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا توختالماقتا

 (مۇخبىرىمىز ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم فوتوسى)

مۇخبىرلىرىمىز يۈەن لېي، سۈي يۈنيەن، چاۋ جىن، ما يىنىڭ، ۋاڭ يۇڭفېي خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى 1- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، پىلان لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات ۋە خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا خىزمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا خۇلاسىلىنىپتۇ، ۋەزىيەت چوڭقۇر، ئەتراپلىق ئانالىز قىلىنىپتۇ، خىزمەتلەر ئېنىق، كۈچلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، ئۇنىڭدا ھەم ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۆتكەن بەش يىلدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ خۇلاسىلىنىپتۇ، ھەم ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ئوبيېكتىپ ئانالىز قىلىنىپتۇ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى، 2018- يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە نىشان- ۋەزىپىلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئارزۇسى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپتۇ، دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر ئىلھاملاندۇق، ئىشەنچىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، باش نىشانغا يېتىشكە ئەقىل- پاراسىتىمىز ۋە كۈچىمىزنى قوشىمىز.

  ئەزا شېڭ يەنجياڭ مۇنداق قارىدى: دوكلاتتا «يېڭى»لىق نامايان قىلىنىپتۇ، يېڭى دەۋرگە ماسلىشىپ، دىققەت يېڭى تەلەپكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يېڭى ئىدىيە گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، يېڭى نىشان ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى پىلان تۈزۈلۈپتۇ. دىققەت «مۇقىم»لىققا مەركەزلەشتۈرۈلۈپتۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى پۇختا ئىگىلىنىپ، دىققەت ھەر ۋاقىت باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، باش نىشان ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ؛ «خەلق» گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرغانلىقى نامايان قىلىنىپتۇ؛ «ئەمەلىي بولۇش» نامايان قىلىنىپتۇ، دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلار ئەمەلىي ۋە ئىشەنچلىك بولۇپ، مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرماي، راست سۆزلەش، ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپتۇ، بۇ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، كىشىنى روھلاندۇرىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ.

  ئەزا بايىنكىشىك مۇنداق دېدى: دوكلاتقا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپ، بىزگە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىلىپتۇ، دوكلات ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى، ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىدى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى − ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشىنىڭ ئاساسىي ئۇل تېشى، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئەزا دوۋ گاڭگۈي مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ئاپتونوم رايون باش نىشاننى چۆرىدەپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى. قانۇن خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن؛ كەسپىي ساپايىمنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى چۆرىدەپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشىمەن.

  ئەزا مىجىت بارلىقباي مۇنداق دېدى: دوكلاتتىكى ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنى پائال يولغا قويۇش، شەھەر، يېزا ئاھالىسىنىڭ ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈشىنى پۇختا، ياخشى قانات يايدۇرۇش، ئېغىر كېسەللەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش توغرىسىدىكى بايانلارنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بۇ، بىزنىڭ خىزمەتلەرنى تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ، ئاممىنى كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان، كېسىلىنى داۋالىتالايدىغان، ياخشى داۋالىنالايدىغان قىلىش − تېببىي خادىملارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىمىزنىڭ كۈرەش نىشانى.

  ئەزا جېڭ چامېي مۇنداق دېدى: دوكلاتتا كەلگۈسى بەش يىللىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، ۋەزىپە ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپتۇ، تەسەۋۋۇر ئېنىق بوپتۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تىلغا ئېلىنغان نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىشتا، مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇق. مەن باشلامچىلىق رولۇمنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، مۇنەۋۋەر كارخانىلارنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەپ، يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ ئىشىك ئالدىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىمەن ھەم كارخانىلارنى سودا ئارقىلىق خېرىدار چاقىرىشقا يېتەكلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشىمەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى