قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋەكىل، ئەزالارنىڭ ساداسى

2018-01-25 17:36:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىزدەشكەنسېرى تۇغقاندارچىلىقىمىز كۈچەيدى، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» رىشتىمىزنى چىڭىتتى

مۇخبىرلىرىمىز جاۋ جىيۈن، سۈي يۈنيەن، چېن چياڭۋېي

 باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىشى ۋە ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2017- يىلى 12- ئايدا، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ھەممە ئائىلىلەرگىچە تەشۋىق قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بويىچە «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇردى. تۇغقانلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ- قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ قايتىپ كەلگىنىگە ئۇزاق بولمىغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى ھېلىھەم تۇغقانلىرى بىلەن ئورناتقان قويۇق دوستلۇق مېھرىدىن ھاياجانلانماقتا ئىدى.


    «مەن تۇغقىنىمنىڭ ئوغلىدەكلا بولۇپ قالدىم، چاقىرغان ھامان بارىمەن»
    مەمەتمۇسا ساۋۇت: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاتۇش شەھىرى تۈگۈرمىتى يېزىسى ئىدىراڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى

  مەن ئاتۇش شەھىرى تۈگۈرمىتى يېزىسى قۇرۇمدۇق كەنتىدىكى بىر بوۋاي بىلەن تۇغقانلاشتىم. بوۋاينىڭ ئائىلىسى نامرات بولۇپ، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسىلا ماڭا تېلېفون قىلىدۇ، مەن بوۋاينىڭ ئوغلىدەكلا چاقىرغان ھامان بارىمەن ھەم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياردەم قىلىمەن. يېقىندا قانات يايدۇرۇلغان «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى مەزگىلىدە، مەن بوۋاينىڭ ئۆيىدە سەككىز كۈن تۇردۇم. بوۋاينىڭ قاتتىق خۇرۇم ئاياغ كىيىشنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئاتايىن بىر جۈپ يۇمشاق راھەت ئۆتۈك سېتىۋېلىپ بوۋايغا كىيدۈرۈپ قويدۇم؛ بوۋاينىڭ يېشى چوڭىيىپ قالغاچقا، قۇلىقىمۇ تازا ياخشى ئاڭلىمايتتى، مەن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئۇنىڭغا ئوقۇپ بەردىم. بوۋاي ناھايىتى خۇشال بولۇپ: يەنە بىر ئوغلۇم كۆپەيدى،... دېدى.

    «تۇغقىنىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز»
    خاۋ جيەنلىڭ: سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، دېھقان- ئىشچىلار پارتىيەسى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپ

  «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىگە قاتناشقان شۇ كۈنلەردە، مەن ئۈچ خىزمەتدىشىم بىلەن بىللە، كەلپىن ناھىيەسىنىڭ ئاچال بازىرى بەخت كەنتىدىكى تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇق. مېنىڭ تۇغقىنىم مەمەت دانىش ناھايىتى تىرىشچان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى ئون قويى كۆپىيىپ، ھازىر 20دىن ئېشىپتۇ، ئۇنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېيڭەيتىش ئارزۇسى بولسىمۇ، لېكىن مەبلىغى، تېخنىكىسى كەمچىل ئىكەن. بىللە بولغان بۇ بىر نەچچە كۈندە بىز تۇغقانلىرىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئارزۇسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈكلىكىنى ھېس قىلدۇق، ئۇلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۆرۈپ يەتتۇق. تۇغقىنىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز، ھازىر ئەتراپىمدىكىلەرنى تۇغقىنىمنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە سەپەرۋەر قىلىۋاتىمەن.

    «قەلبلەر تۇتاشقان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان چوڭقۇر رىشتە»
    لىسا: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چۆچەك شەھەرلىك رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇھەررىرى

  مېنىڭ تۇغقىنىم چۆچەك شەھىرى ئېمىل يېزىسى ئاقتام كەنتىدىكى قازاق ئاكاش، ئۇ ھازىر چۆچەك شەھىرىدە ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئىككىمىز بىر شەھەردە بولغاچقا، دائىم ئاكامنى، يەڭگەمنى يوقلاپ بېرىپ، بىللە تاماق ئېتىپ، مۇڭدىشىپ كېلىمەن. بىر قېتىم يەڭگەم ماڭا قازاقلارنىڭ ئەنئەنىۋى تامىقىنى ئېتىپ بەردى. مەن: ناھايىتى مەززىلىك ئىكەن، كىچىك ۋاقتىمدا يېگەن تەمگە ئوخشايدىكەن، دېدىم، يەڭگەم ماڭا: كېلەر قېتىم ئۆيىڭىزگە بېرىپ ئېتىپ بېرەي،- دېدى. بايرامدا يەڭگەم راستىنلا ئۆيۈمگە كېلىپ بىر كۈن پايپېتەك بولدى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ماڭا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ قەلبلەر تۇتاشقان، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان رىشتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى