قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەڭرىتاغ ئوغۇل- قىزلىرى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى

2018-01-25 17:39:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرلىرىمىز يۈەن لېي، شى شىن، چېن چياڭۋېي، سۈي يۈنيەن، ما يىنىڭ، چاۋ جىن، جاۋ شىيا

 ئىككى يىغىنغا نەزەر
  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ چوڭ ئىشى بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يىراقنى، ئاساسنى پۇختىلاشنى، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى، ئۇزاققىچە ئىدارە قىلىشنى كۆزلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات- تەرەققىياتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش جەھەتتە تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى توغرا بولۇپ، چوقۇم ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاش كېرەك.

  «چېگرا قوغدىغۇچىلارنىڭ ياردەم پۇلى بارغانسېرى كۆپىيىپ، كۈنىمىز بارغانسېرى ئۈمىدكە تولدى!» «ھەقسىز سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى ئىشلەتكەن بالىلار ئاخىرى دۇنيانىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىيالىدى»، «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ياردىمىدە قارلىق ئېگىزلىكنىڭ قوتاز گۆشى شىنجېنلىقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدىن ئورۇن ئالدى»... بۇ يىللىق «ئىككى يىغىن»غا قاتناشقان ئەزالارنىڭ بايانلىرىدىن كۆز ئالدىمىزدا تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىۋاتقان، چەكسىز بەختىيارلىققا چۆمگەن شىنجاڭ نامايان بولدى.

  ۋەكىل، ئەزالار ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختالدى، تەرەققىياتلار توغرىسىدا سۆزلىدى، تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى، كەلگۈسىنى تەسۋىرلىدى... ۋەكىل، ئەزالار مۇنداق قارىدى: ھازىر شىنجاڭ قولغا كەلتۈرگەن ھەر بىر ئىلگىرىلەش ۋە نەتىجە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدىكى ھەر بىر خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مەدىتىنىڭ ناماياندىسى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمى مۇجەسسەملەنگەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىزچىل سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىشى ۋە قوللىشى بولمىغان بولسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمۇ بولمىغان بولاتتى.

  ۋەكىل، ئەزالار بەس- بەستە مۇنداق بىلدۈرۈشتى: «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمىز، شىنجاڭ گەرچە پايتەختىمىز بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، قەلبىمىز ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا باشتىن- ئاخىر چەمبەرچاس باغلانغان.

    تۇرمۇشتىكى ھەر بىر خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە مەدىتىنىڭ نامايەندىسىدۇر

  ھەر بىر زور ئۆزگىرىش ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىنىڭ شاھىتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخۇرلۇقى ۋە قوللىشى نەتىجىسىدە، خەلققە نەپ يەتكۈزۈدىغان بىر تۈركۈم تەدبىرلەر شىنجاڭدا ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ يىلتىز تارتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

  ئەزا، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ناھىيەلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر گۆھەر غېرىپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ھەر مىللەت ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخۇرلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ياردىمىدە، قارلىق ئېگىزلىكنىڭ قوتاز گۆشى شېنجېنلىقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە چىقتى، تاجىكلارنىڭ ئەنئەنىۋى كەشتە بۇيۇملىرى نەپىس ساياھەت مەھسۇلاتىغا ئايلىنىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى.

  ۋەكىل، پوسكام ناھىيەلىك سۇچىلىق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ئەخمەت ئەخەت ئىزچىل يېزا ئىگىلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاچقا، يېزا كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تەڭشەلگەنلىكى، يېزا يوللىرىنىڭ ياسالغانلىقى، دېھقانلارنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنىڭ ياخشىلانغانلىقى، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئاشقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى، بۇلتۇر ئاپتونوم رايون يەنە يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكىنى ئەمەلدىن قالدۇردى، دېھقانلار تېخىمۇ كۆپ ۋاقتى ۋە زېھنىنى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ياكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە قارىتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. «پارتىيەنىڭ شەپقىتىدە چوڭ بولغان بىر ئەۋلاد كىشىلەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇق».

  − شىركىتىمىز ئەڭ دەسلەپكى 50، 60 خادىمى بار شىركەتتىن ھازىر 500دىن ئارتۇق خادىمى بار شىركەتكە تەرەققىي قىلدى، زامانىۋىلاشقان كان قۇدۇقى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىكى مەدىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، − دېدى ۋەكىل، ئىلى شىنكۇاڭ كۆمۈرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى ئاينۇر ئاسىقبېك. ئۇنىڭ چېھرىدە مىننەتدارلىق ۋە خۇشاللىق ھېسسىياتى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى نەچچە يىلدا، يەرلىك ھۆكۈمەت تۈر قۇرۇلۇشى، رەسمىيەت بېجىرىش، ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش جەھەتلەردە كارخانىلارغا يېشىل يول ئېچىپ بەردى، ئىشچى قوبۇل قىلىش جەھەتتە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى بېرىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.

  ئەزا، نىلقا ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى مائارىپ تەپتىشلىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۇلسىيا توختىھايات مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسى يەسلى مائارىپى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، يېڭىدىن 19 «قوش تىل» يەسلىسى سالدى، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئاساسى ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، قوشۇمچە ئەسلىھەلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇتۇش سايمانلىرىنى سەپلەپ، شەھەر، يېزا، كەنت مەكتەپلىرىنىڭ پەرقىنى يەنىمۇ كىچىكلەتتى.

  ۋەكىل، دۆربىلجىن ناھىيەسى دۆربىلجىن بازىرى شەرقىي كۆۋرۈك مەھەللىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رەشىدە ئابلىز ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر مەھەللە يوللىرى ئاھالىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە قاتتىقلاشتۇرۇلۇپ، يول چىراغلىرى ئورنىتىلدى. يامغۇرلۇق كۈنلەردە پاتقاق كېچىپ ماڭمايدىغان بولدۇق. مەھەللە 19- قۇرۇلتاي روھىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللىگەندە، ئاھالىلەر ناھايىتى ئاكتىپ قاتناشتى، ئۇلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قولىمىزنى چىڭ تۇتقىنىچە ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي: «باش شۇجىغا رەھمەت، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا رەھمەت، ياخشى سىياسەتكە رەھمەت!» دېدى.

    بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەر شىنجاڭ زېمىنىنى پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمدۈردى

  تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ رازى بولغۇدەك كىرىم، تېخىمۇ ئازادە تۇرالغۇ شارائىتى، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدىكى مائارىپ ۋە داۋالىنىش مۇلازىمىتى... ئارقا- ئارقىدىن چىقىرىلىپ يولغا قويۇلغان بىر قاتار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى شىنجاڭ زېمىنىنى پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىغا چۆمدۈردى.

  ئەزا، ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى خۇ جىبىن مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، ھازىر شىنجاڭدىكى ئالتە ياشتىن تۆۋەن بولغان سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى ئورنىتىشقا ماس كېلىدىغان بالىلارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى ئورنىتالايدىغان، جۈملىدىن كېيىنكى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش داۋالىشىدىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى. ھازىر شىنجاڭ بويىچە يىلدا 100 دىن ئارتۇق بالا بۇ ئوپېراتسىيەنى قىلدۇرالايدۇ، بۇ، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەقىقەتەنمۇ ۋاقتىدا قىلىنغان ياردەم.

  ۋەكىل ئەخمەت ئەخەت مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە يىلدا، مەركەزدىن تارتىپ ئاپتونوم رايونىمىزغىچە مالىيە، سېلىنما، پۇل مۇئامىلە، ئىختىساسلىقلار جەھەتلەردە ئالاھىدە سىياسەتلەر قوللىنىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش سالمىقى ئاشۇرۇلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى نەتىجىسىدە، دۆلەت يەكەن دەرياسى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويدى، 2017- يىلى قۇرۇلۇش ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ، يەكەن دەرياسى ۋادىسىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى تۈزەش، مۇداپىئە دامبىسى ياساش قاتارلىق مەڭگۈلۈك كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يەكەن دەرياسى بويىدا ياشاۋاتقان پوسكام ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا چوڭقۇر مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ.

  ئەزا، ئاۋات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن مەيلى يېزىدا ياكى ناھىيەدە خىزمەت قىلغاندا بولسۇن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئىنچىكە جەھەتلەردىن مەدەت بېرىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى چوڭقۇر ھېس قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ غەمخورلۇق ۋە قوللاش ھەرگىزمۇ شوئار ۋە قۇرۇق گەپ ئەمەس، ئۇ، ئاممىنىڭ ئۆي- ۋارانلىرى، ئېتىز- ئېرىقلىرى، ھەر بىر ۋاق غىزالىرىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ھەقىقىي مەبلەغ سېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ھەقىقىي ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى. ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن يەنە مۇنداق دېدى: ھازىر ئاۋات ناھىيەسىدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمى بارغانسېرى ئاشماقتا، داۋالىنىش- ساقلىقنى ساقلاش، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە شارائىت بارغانسېرى ياخشىلانماقتا، تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، نۇرغۇن ياۋايى ھايۋانلار بۇ يەرگە كېلىپ كۆڭۈللۈك ياشىماقتا...

  ئەزا گۇلسىيا توختىھايات مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىنىڭ نەپ يەتكۈزۈشى بىلەن نىلقا ناھىيەسى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، نىلقىدىكى كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ھەر يىلى 2000 يۈەندىن ياردەم پۇلى بەردى ھەم ئاشپەزلىك، ئاپتوموبىل رېمونتچىلىقى، ئاپتوموبىل شوپۇرلىقى قاتارلىق يېڭى دەرسلەرنى كۆپەيتىپ، جەمئىيەت ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يىتىشتۈردى. بۇ قېتىمقى يىغىندا مەن چوقۇم پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە بولغان مىننەتدارلىقىمنى ئىپادىلەيمەن!

  ئەزا، ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دوختۇرخانا باشلىقى يۈسۈپ مەتنۇر مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنى يۆلەش ياخشى سىياسىتى بولغاچقىلا، ئاپتونوم رايون، ھەتتا مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان بۇ ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىمىز ۋۇجۇدقا كەلدى، 2017- يىلى دوختۇرخانىمىز دۆلەتنىڭ 2- تۈركۈمدىكى كېسەلخانا ۋىراچلىرىنى ئۆلچەملىك تەربىيەلەش بازىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، دېمەك، بۇ يىلدىن باشلاپ بىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي قاتلام ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ كېسەلخانا ۋىراچلىرى، تېببىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئوقۇشتىن كېيىنكى ئۆلچەملىك تەربىيەلەش بىلەن تەمىنلەپ، ئۇيغۇر تېبابىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.

    مىننەتدارلىقىمىز چەكسىز، مېھىر- مۇھەببىتىمىز چوڭقۇر، يېڭى دەۋرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، قەلب ۋە كۈچىمىزنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى نەتىجە يارىتىمىز

  قاينام- تاشقىنلىققا تولغان يېڭى دەۋردە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يىتىش ئۈچۈن تەڭرىتاغ ئوغۇل- قىزلىرى بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە بولۇشىمىز كېرەك.

  ئەزا، ئالتاي شەھىرى بالباغاي يېزىسى بالىۋانتاش كەنتى «شېبېر» چارۋىچىلار قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، كەشتىچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى باقىتگۈل سۇلتاننىياز شۇ يەردىكى بېيىش «باشلامچىسى»، ئۇنىڭ باشلامچىلىقىدا 57 ئايال كوپىراتىپقا كىرىپ، ئۆزىنىڭ چېۋەر قولىغا تايىنىپ بېيىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېزىلاردىمۇ نى- نى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىكەن، يۇرتىمىز ۋە ئامما ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىرادەم تېخىمۇ چىڭىدى. كەلگۈسىدە تىرىشىپ، يېزا، كەنتتىكى ئاياللارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  ۋەكىل ئاينۇر ئاسىقبېك مۇنداق دېدى: دۆلەت تەرەققىي قىلمىسا، يۈكسەلمىسە، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، كۆمۈر كارخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، «تۆت ئاڭ»نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، «سىياسەت پايدىسى»دىن جانلىق، ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىنىڭ راۋاجلىنىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ يەردىكى ئەمگەكچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ قوشىمىز.

  ئەزا يۈسۈپ مەتنۇر مۇنداق دېدى: جۇڭگو تىېبابىتى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى مىسلىسىز پۇرسەت، ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك شارائىت، ياخشى ئاممىۋى مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت ياخشى پەيتنى كۈتۈۋالماقتا، بىز پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ئۇيغۇر تېبابىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ ھەم يوشۇرۇن كۈچلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، دوختۇرخانىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ھەم ئۇيغۇر تېبابىتىدىن ئىبارەت ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك بايلىقنى ياخشى ئىشلىتىشىمىز، ھەم ئەسلىي مەنبەنى جانلاندۇرىشىمىز كېرەك.

  ئەزا ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىشىمىزگە ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىمىزغا، قەتئىي ھالدا باش نىشاننى شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىگە يېتەكچى قىلىشىمىزغا، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلىشىمىزگە، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر- بىرلەپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە، مەسىلىلەرنى بىر- بىرلەپ ھەل قىلىشىمىزغا، تۈرلۈك ئىشلارنى بىر- بىرلەپ ياخشى قىلىشىمىزغا، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

  ئەزا ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە ئەزاسى، بولۇپمۇ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كىشىلىك ھاياتىمدىكى ھەربىر تەشۋىقات مۇنبىرى، ھەر بىر پۇرسەتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقىنى ئاساسىي قاتلامغا تارقىتىپ، ھەممە ئائىلىلەرگىچە، ھەر بىر ئادەمگىچە بىلدۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ئاڭلىقلىق بىلەن پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملەشكە يېتەكلەيمەن. 

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى