قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى نەتىجە يارىتىش كېرەك

2018-01-25 17:56:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

(ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، باۋگاڭ پولات- تۆمۈر گۇرۇھى شىنجاڭ «1- ئاۋغۇست» پولات- تۆمۈر چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىر)شياۋ گودۇڭ

ئىككى يىغىن سۆھبىتى
    رىياسەتچى: مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي، چېن چياڭۋېي
    زىيارەت قىلىنغۇچى: ئەزا شياۋ گودۇڭ، ئەزا تيەن لىۋېن، ۋەكىل جېڭ مىن

  تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئامىللارنى ئەڭ ئەلا سۈپەتتە تەقسىملەپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ سۈپىتى ۋە سانىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان، نەچچە يىللىق تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئارقىلىق دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا ئۆزگەردى. يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشتەك چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قەيەردە؟ قانداق قىلغاندا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟ «ئىككى يىغىن»غا قاتناشقان ۋەكىللەر، ئەزالار ئۆزلىرىنىڭ ئويلىغانلىرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.


      يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە يېتىلدۈرۈش

  رىياسەتچى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان 1- ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئوخشاشلا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتىن ئايرىلالمايدۇ. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، قانداق قىلغاندا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرگىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسەڭلار.

  شياۋ گودۇڭ: تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، بىز ئاشۇرما قىممىتى يۇقىرى، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان پولات، ئاپتوموبىل تاختىسىمان پۇرژىنىسىغا ئىشلىتىلىدىغان پولات قاتارلىق يېڭىچە مەھسۇلاتلارنى سىجىل ئاچىمىز، 2018- يىلى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى 200 مىڭ توننىغا يەتكۈزىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، گۈللەنمە كەسىپ ھالىتىنى نىشانلاپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى- سودىسى، سانائەتنىڭ يۈرۈشىشى، شەھەر مۇلازىمىتى قاتارلىق كەسىپ ھالىتىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىمىز. 2017- يىلى شىركىتىمىزنىڭ گۈللەنمە كەسىپ ھالىتى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى شىركەت ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ %20ىنى ئىگىلىدى، 2021- يىلى %50كە يەتكۈزۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپ بىلەن گۈللەنمە كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قوش تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  تيەن لىۋېن: يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پاختىنى مىسالغا ئالساق، شىنجاڭنىڭ پاختىسى چىداملىق دەرىجىسى تۆۋەنرەك بولۇش، تالاسى تومراق بولۇش، ئۇزۇنلۇقى يېتەرلىك بولماسلىق، غەيرىي تالا بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ. بىرىنچىدىن، سورتنى تاللاشتا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك، ئەلا سۈپەتلىك پاختا سورتىنى، بولۇپمۇ «قوش 30» سورتى، يەنى تالانىڭ ئۇزۇنلۇقى 30 مىللىمېتىردىن ئۇزۇن، تالانىڭ چىداملىقلىقى 30 cN/tex تىن يۇقىرى سورتنى كېڭەيتىش؛ ئىككىنچىدىن، تېرىش تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك، تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، جۈملىدىن سۇ، ئوغۇت قاتارلىق ئاچقۇچلۇق باشقۇرۇش تېخنىكا كۆرسەتكۈچلىرىنى رەقەملەشتۈرۈش، غەيرىي تالا سۈپىتىنى كونترول قىلىش تېخنىكىسىنى يولغا قويۇش، يەنە كېۋەزنى ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىلگىرى، ئىشلەپچىقىرىش داۋامىدا، ئىشلەپچىقىرىشتىن كېيىن كەسىپلەشتۈرۈش، ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى قۇرۇشقا ئىلھام بېرىش؛ ئۈچىنچىدىن، پىششىقلاش، ئوبوروت قىلىش ھالقىسىدىمۇ يېڭىلىق يارىتىش كېرەك، پاختا زاۋۇتلىرىنىڭ پاختا سېتىۋېلىشى ۋە پىششىقلىشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، دەرىجىسى بويىچە باھا قويۇشنى چىڭىتىش، دەرىجىسى بويىچە سېتىۋېلىش، دەرىجىسى بويىچە دۆۋىلەش، دەرىجىسى بويىچە چىگىت ئايرىش، دەرىجىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش، پىششىقلاش تەرتىپىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈش ۋە مەھسۇلاتلارنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  جېڭ مىن: سانجى شەھىرى 2017- يىلى يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، سانائەتتە تىپنى ئۆزگەرتىشنى تېزلەتتى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا، ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا كۆلەملەشكەن سانائەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتىنىڭ %38.1، %33.4 ىنى ئىگىلىدى. ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇلترا يۇقىرى بېسىملىق 800±كىلوۋولتلۇق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى دۆلەت پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتى بويىچە ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  يېڭى ئېنېرگىيەنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن، باش ئىشتابنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولغا قويۇش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاپ، مۇلازىمەتنى ياخشىلىدۇق. بىز بۇ يىل يېڭى ئېنېرگىيەنى يېتىلدۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالاقە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ۋە سانائەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئۇچۇر كەسىپلەر رايونىدا توپلانما ئۈنۈم شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

      ئەمەلىي ئىقتىساد تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش

  رىياسەتچى: ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا كارخانىنىڭ تۈزۈملەشكەن سودا تەننەرخى، باج تەننەرخى ۋە ئامىل تەننەرخىنى كۈچەپ تۆۋەنلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. ساھەلەرنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ قانداق قىلغاندا ئەمەلىي ئىقتىساد تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسەڭلار.

  شياۋ گودۇڭ: شەك- شۈبھىسىزكى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بايلىقنى ئايلاندۇرۇش جەريانىدا، مەيلى ئېنېرگىيە ياكى يېزا ئىگىلىكى ساھەسى بولسۇن، شىنجاڭ كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، كەسىپ زەنجىرى قانچە ئۇزارغانسېرى كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ ئاشۇرما قىممىتى، ئۈنۈمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا بارغانسېرى ئېنېرگىيە سەرپىياتى، بۇلغىما چىقىرىش شۇنچە ئاز بولىدۇ.

  ئالايلۇق، پولات- تۆمۈر كەسپىدە پەقەت رۇدا قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قىلىپ پىششىقلانسا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 3800 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ؛ ئەگەر كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، رەڭلىك پولات قىلىپ پىششىقلانسا، ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 6000 يۈەن بولۇپ، ئاشۇرما قىممىتى بىر ھەسسە قاتلىنىدۇ. ئاشۇرما قىممىتى يۇقىرى بولسا، تىرانسپورت تەننەرخى تۆۋەنلەيدۇ. «1- ئاۋغۇست» پولات- تۆمۈر چەكلىك شىركىتى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە پولات ماتېرىياللىرىنى ساتسا، بىر توننا پولات ماتېرىيالىنى لەنجۇ، چۇڭچىڭ، شىئەنگە توشۇغاندا توشۇش ھەققى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر توننىسىنىڭ 300 يۈەن بولىدۇ. ئەگەر دەسلەپكى مەھسۇلاتلىق قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى توشۇسا، توشۇش ھەققى تەننەرخى ئومۇمىي باھانىڭ ئوندىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ؛ ئەگەر رەڭلىك پولاتنى توشۇسا، توشۇش ھەققى تەننەرخى يىگىرمىدىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئەگەر ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە توشۇلغان پولات ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسى ئاشۇرما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلار بولسا، توشۇش تەننەرخى تۆۋەنلەيدۇ.

  تيەن لىۋېن: ئوخشاش سۈپەتلىك پاختىنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى باھاسى خەلقئارادىكى باھادىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغاچقا، بەزى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى چەت ئەللەرنىڭ پاختىسىنى ئىشلەتسە ئىشلىتىدۇكى، دۆلىتىمىزنىڭ پاختىلىرىنى ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويدى.

  دۆلىتىمىزنىڭ پاختا باھاسىنىڭ چەت ئەللەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب مەملىكەت ئىچىدە پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەننەرخى يۇقىرى. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا، بىرىنچىدىن، ئومۇمىي مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش، بولۇپمۇ كېۋەز تېرىش ھالقىسىدا ماشىنىلاشتۇرۇپ تېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئادەم كۈچى تەننەرخىنى زور كۆلەمدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، قىسمەن كېۋەزلىكنىڭ خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، ئۇرۇقلۇق قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى سېلىنمىسىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، پاختا ئىشلەپچىقىرىش، پىشىشقلاشتىن خېرىدارلارغا يەتكۈزۈشكىچە بولغان ھالقىنى ئازايتىپ، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنىڭ پاختا زاۋۇتلىرىغا پاي قوشۇشىغا ياكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ پاختا زاۋۇتلىرىنىڭ پېيىنى كونترول قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ ئەڭ ئاز بولغان ئوتتۇرا ھالقا ئارقىلىق توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىغا كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئوبوروت تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك؛ تۆتىنچىدىن، توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭدىكى توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭ پاختىسىنى ئىشلىتىشىگە مەدەت بېرىپ، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ كۇرسلۇق مەھسۇلاتىنى يارىتىش كېرەك؛ بەشىنچىدىن، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ پاختا باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك سەرخىللاشتۇرۇشنى پايدىلانما بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  جېڭ مىن: سانجى شەھىرى 2017- يىلى «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، بىز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 300 مىڭ توننىدىن تۆۋەن 14 كىچىك كۆمۈركاننى تاقاپ، 1 مىليون 280 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاپ چېكىندۈرۈپ، 9 مىليون 520 مىڭ يۈەنلىك توك ئىشلىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتۇق. بىز 2018- يىلى «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش»نى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز.

      بازار سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش

  رىياسەتچى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا: تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، قانداق قىلغاندا بازار سۇبيېكتىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسەڭلار.

  شياۋ گودۇڭ: بازار ئىقتىسادىي مۇھىتىدا كارخانا سۇبيېكت بولۇشى كېرەك. مېنىڭچە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ۋە شىنجاڭدىكى كارخانىلارغا نىسبەتەن، بازار پۇرسىتى ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىدە ئانچە كۆپ پەرق يوق؛ ھۆكۈمەت ئوتتۇرىغا قويغان سىياسەت ۋە مېخانىزمدا بارلىق كارخانىلار باراۋەر پۇرسەتكە ئىگە، بۇنىڭدىكى ئاچقۇچ كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەشكە ماھىر بولۇشىدا. شۇڭا، كارخانىلار يېڭى پۇرسەت، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىگىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىش ياساشقا ئىنتىلىشى كېرەك.

  تيەن لىۋېن: پاختىنى ئېلىپ ئېيتساق، يەر ئوبوروتى ياكى ھەمكارلىق كوپىراتىپى (ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ تىجارەت باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق كېۋەز تېرىقچىلىقى ۋە پاختا ئىشلەپچىقىرىشىنى كۆلەملەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئومۇمىي مۇساپىلىك ماشىنىلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىش ۋە تەننەرخنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، باھاسى ئەرزان، سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىشقا شارائىت يارىتىپ بەرگىلى بولىدۇ.

  جېڭ مىن: سانجى شەھىرى تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش ئۈچۈن، «ھوقۇق بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى قەدىمىنى يەنىمۇ تېزلەتتى. 2017- يىلى شۇ دەرىجىلىك مەمۇرىي ئىجازەتكە دائىر 14 تۈرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، مەمۇرىي ئىجازەتنى ئۆلچەملەشتۈرۈش سىستېمىسى ۋە «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش»تەك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، مەمۇرىي تەستىقلاش ۋاقتىنى %35 تېزلەتتى.

  بىز 2018- يىلى «ھوقۇق بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، سانجى شەھەرلىك مەمۇرىي تەستىقلاش ئىدارىسىنى قۇرۇپ، 11 تەستىقلاش تارمىقىنىڭ 108 تۈرلۈك تەسىتىقلاش ھوقۇقىنىڭ ھەممىسىنى بىر تارماققا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرلا تامغا ئىشلىتىشنى پىلانلىدۇق. بۇنداق قىلغاندا كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشىگە كېتىدىغان ۋاقتى ۋە زېھنىنى زور دەرىجىدە تېجىگىلى، مەمۇرىيەتنى يەنىمۇ ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىپ، مەمۇرىي مۇلازىمەتنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سانجى شەھىرى ئەقلىي شەھەر قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ مەمۇرىي تەستىقلاش رەسىمىيىتىنى توردا قوبۇل قىلىپ، كارخانا ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالاقىدار كەسىپلەرنى سىرتقا چىقماي تۇرۇپلا بېجىرىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.

تيەن لىۋېن (ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادىي زىرائەتلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى)

جېڭ مىن (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، سانجى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شەھەر باشلىقى) ( شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ يۇڭفېي، چېن چياڭۋېي، جوۋ پېڭ تارتقان)

مەنبە: شنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى