قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن

2018-01-25 17:49:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئاقسۇ دەرياسى سۇچىلىق باشقارمىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۇلايمان سەمەت

مەن ئۇزاق يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە ئەزا بولۇپ كىرىش قەسىمىمنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمەن، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەيمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن تەشۋىق قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىش ۋە مەيداننى مۇستەھكەملەيمەن، قەتئىي ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيە تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىنى ئورۇندايمەن.

  سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى ئاڭلىق كۈچەيتىمەن. باشتىن- ئاخىر بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيەنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، سىياسىي ئىقتىدارىمنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ئېڭىمنى ئاشۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيىتىمنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، ئىدىيەدە يادرونى ھىمايە قىلىپ، سىياسىيدا يادرونى قوغداپ، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىپ، ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا تۆھپە قوشىمەن.

  دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن. مۇقىملىقنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بۇرچىنى باشتىن- ئاخىر قەلبىمگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئالىمەن، ۋەزىپىنى چىڭ تۇتىمەن، بايرىقىم روشەن ھالدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى قەتئىي ياخشى ئېتىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي يوقىتىپ، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە تونۇشتا مۈجمەللىك، پوزىتسىيەدە سۇسلۇق قىلماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، تىرىشىپ پارتىيەگە سادىق بولۇش نەمۇنىچىسى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش نەمۇنىچىسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش نەمۇنىچىسى، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەمۇنىچىسى بولىمەن، ئاچقۇچلۇق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن. ئەتراپىمدىكى كادىرلار، ئاممىنى ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا پائال يېتەكلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش تەشۋىق- تەربىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، «بەشنى تونۇش» تۇيغۇسىنى ئاشۇرىمەن. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، «بەشنى تونۇش» تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسئۇلىيىتىنى دائىم ئادا قىلىشقا پائال يېتەكلەيمەن.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى