قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋەكىل ۋاڭ جىخۇا ئىككى يىغىندا ...

2018-01-25 19:45:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋەكىل ۋاڭ جىخۇا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ «ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى» دېگەن قىسمىدا ئاقسۇ كۆكيارنىڭ چۆللىشىشنى تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىستېمىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ئۈلگىگە ئايلانغانلىقى مەخسۇس تىلغا ئېلىندى، بۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان چوڭ ئىلھام ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش. ئاقسۇ يېزا ئىگىلىك چوڭ رايونى، ئاقسۇ ئالمىسى ۋەكىللىكىدىكى ئالاھىدە باغۋەنچىلىكنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، بۇ بىزنىڭ مۇھىت ئاسراش خىزمىتىمىزگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. بىز «سۈيى سۈزۈك، تېغى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، قار- مۇزلامۇ بايلىق» دەيدىغان ئىدىيەنى داۋاملىق مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىنى داۋاملىق ياخشى قىلىمىز.ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە باش شىركىتىدىن كەلگەن ۋەكىل باھارگۈل مەمەت ناھايىتى روھلاندى، چوڭقۇر ئىلھاملاندى. ئۇ: «ئۆتكەن بىر يىلدا مەن ئەتراپىمدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم، ھاۋا سۈپىتى ياخشىلاندى، داۋالىنىش تېخىمۇ قولايلاشتى، شەھەر تېخىمۇ پاكىزلاشتى، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار قۇرۇلۇشلار پۇقرالارغا ھەقىقىي ئەمەلىي نەپ ۋە پايدا ئېلىپ كەلدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتىكى تەلەپكە ئاساسەن، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىسىنى چوقۇم ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ ئۆيىنى، قەلبىنى ئىللىتىپلا قالماي، تىرىشىپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىش پەسلىدە ئاسمىنىنىڭ كۈندە كۆك بولۇشى، قارلىرىنىڭ تېخىمۇ ئاق بولۇشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز، دېدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى