قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋەكىل پاڭ زىجيەن ئىككى يىغىندا...

2018-01-25 19:45:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋەكىل پاڭ زىجيەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ كۆپ يېرىگە بەلگە قويدى، ئۇ: دوكلات ناھايىتى ياخشى تەييارلىنىپتۇ، دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپتۇ، دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى ئىلھاملاندىم، قالتىس روھلاندىم. مېنىڭ ھەممىدىن بەك كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم «ئەلراينى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، بۇلتۇر يېزىمىزنىڭ ھەرقايسى كەنتلىرىدە كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەلراينى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە زور ئۆزگىرىش بولدى، كەنت يوللىرى كېڭەيدى، يول چىراغلىرى ئورنىتىلدى، كەنت ئاھالىلىرى ھويلا- ئاران ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلاشقانلار كۆپەيدى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر پۇقرالارنىڭ ئىشىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، مەن بۇ يىلقى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىدە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، دېدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى