قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنى باشلاندى

2018-01-25 13:55:07     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن شىنجاڭ خەلق سارىيىدا باشلاندى.
تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىن كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى 23 مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىنى ئېلىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار ئاتا قىلغان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، كۆتىرەڭگۈ روھ بىلەن شىنجاڭ خەلق سارىيىغا قەدەم قويدى. مىڭ كىشىلىك يىغىن زالى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، دۆلەت گېربى رەئىس سەھنسىىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلدى. يىغىن مەيدانى قىزغىن كەيپىياتقا تولدى.
يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋە ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋىي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، مەنىن زەينەل قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
ئىسمائىل تېلىۋالدى، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئەسقەت كەرىمباي، ليۇ ۋەنلۇڭ، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 548 كىشى بولۇپ، ئەمەلىي قاتناشقان ۋەكىل 528. بۇ-- بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
1-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10 يېرىمدا، يىغىن رىياسەتچىسى ۋاڭ يۇڭمىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرى ئوقۇدى.
يىغىن كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي 3 قىسىمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بىرىنچى قىسمى، ئۆتكەن بەش يىلدا ۋە 2017- يىلدا ئىشلەنگەن خىزمەتلەر؛ ئىككىنچى قىسمى، بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىللىق خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى؛ ئۈچىنچى قىسمى، 2018- يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەر بولدى.
شۆھرەت زاكىر ئۇنىۋېرسال ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقى؛ ئۇل مۇئەسسەسەلەر شارائىتىنىڭ زور دەرىجىدە ياخشىلانغانلىقى؛ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا مۇھىم قەدەم تاشلانغانلىقى؛ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغانلىقى؛ ئىكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلانغانلىقى قاتارلىق 5 جەھەتتىن، ئۆتكەن 5 يىللىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتتى. ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى زور كۈچ بىلەن قوغداش؛ ئىقتىسادنىڭ سىجىل ۋە ساغلام تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش؛ ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشىغا زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دىنلار ئىناقلىقىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىشلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئىكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە دائىر خىزمەتلەرنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق 9 جەھەتتىن، 2017- يىللىق خىزمەتلەرنى سىستېمىلىق خۇلاسىلىدى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئۆتكەن 5 يىل-- شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغان بەش يىل؛ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭ فاڭجىن- سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرغان بەش يىل؛ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بەش يىل بولدى. بولۇپمۇ، ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىر- ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى. ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، تۈرلۈك ئىشلارنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى داۋاملىق ساقلاپ، 12- بەشيىللىق پىلاننى غەلبىلىك ئورۇنداپ، 13- بەشيىللىق پىلاننى ئوڭۇشلۇق باشلاپ، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدىكى نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇندىدى.
دوكلاتتا، بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلغاندا، شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونىمىز دۈچ كېلىدىغان نۇرغۇن پۇرسەتلەر ۋە پايدىلىق شارائىتلارنى ئانالىز قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىللىق خىزمەتلىرىنىڭ ئومۇمىي پىكىر يولى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلىرىنى ئېنىق شەرھىلەپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى پارتىيەمىز جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىپ بېكىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار پىلاننى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يارىتىشىمىزنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورال ۋە ھەركەت نىشانى بىلەن تەمىن ئېتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە كۈچلۈك ئىلھام ۋە مەدەت بەردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستىراتېگىيەسى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىلگىرلەش يۆنىلىشىنى ۋە ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك تۈپ پىرىنسىپىنى كۆرسىتىپ بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستىراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، غەربىي قىسىمنى گۈللەندۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى-- شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا بولغان ئىرادىمىز ۋە ئىشەنچىمىز كامىل!
ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى ئاساسلىق كۆزلىمە نىشاندىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى %7 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش، شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى %8.5 ئەتراپىدا ئۆستۈرۈش، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى %3.5 ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: يۇقارقى كۆزلىمە نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش لازىم:
بىرىنچى، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش؛ ئىككىنچى، ئۆزگىچە، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۈچىنچى، تەمىنلەش تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ تۆتىنچى، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش؛ بەشىنچى، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پائال يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش؛ ئالتىنچى، بازار مېخانىزىمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش؛ يەتتىنچى، زور كۈچ بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزۈكسىز قاندۇرۇش؛ سەككىزىنچى، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، مالىيە، باج پۇل مۇئامىلە ياردىمىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش؛ توققۇزىنچى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ماسلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكچىلىك قىلىش؛ ئونىنچى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش جېڭىنى ياخشى ئېلىپ بېرىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىش؛ ئون بىرىنچى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش؛ ئون ئىككىنچى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۈەننىڭ «مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق، چوڭ پېچلىق، ئۈلگىلىك رايون» لۇق ئالاھىدە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. شۆھرەت زاكىر يەنە دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە قىسىم قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە چۈشەنچە بەردى.
يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 ـ يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانى لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايوننىڭ 2017 ـ يىللىق خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى شۇنداقلا ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق خامچوت لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات بېسىپ تارقىتىلىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا سۇنۇلدى.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ سايلام چارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۇنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرىنىڭ نامزاتلىرىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكى ماقۇللاندى.
سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تەكلىپكە بىنائەن يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون (مەركەز) گە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار، شۇنداقلا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
تەرجىمان: مىھرىئاي، ئامىنە

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى