قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 4- قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

2018-01-26 19:29:33     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن 4- قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.
يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرىدىن چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋىي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، مەنىن زەينەل قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ۋاڭ يۇڭمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 
  يىغىن، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، يىللىق پىلان، يىللىق خامچوت، دائىمىي كومىتېتنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇرى سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى قاتارلىق 6 قارار لاھىيەسىنى چوڭ يىغىننىڭ ئومومى ۋەكىللەر يىغىنىدا قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش؛ ھەرقايسى نامزاتلارنى چوڭ يىغىندا سايلامغا قۇيۇش؛ باش بىلەت نازارەتچىسى، بىلەت نازارەتچىلىرى ئىسىملىكى لاھىيەسنى چوڭ يىغىننىڭ ئومومى ۋەكىللەر يىغىنىدا ماقۇللاشقا سۇنۇش قارار قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاساسىي قانۇنغا قەسەم بىرىش ئىشى بىكىتىلدى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى