قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى

2018-01-26 19:34:09     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنى تەكلىپ تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى
(2018- يىلى 1- ئاينىڭ 25- كۈنىدىكى سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىدا ماقۇللاندى)
  سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنى مەزگىلىدە، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىن بولغان ئەزالار، دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلار، سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، مۇناسىۋەتلىك خەلق تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭ فاڭجىن- سىياسەتلىرى بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇردى ۋە ئەمەلىيلەشتۈردى. «5 بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، «4 ئومۇميۈزلۈك» ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇمىسىنى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا، دىققەت نۇقتىسىنى باش نىشانغا قارىتىپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈردى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى؛ خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى ۋە ياخشىلىدى؛ يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىش قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاممىسى يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا تەكلىپ- پىكىرلەرنى بېرىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدى.
 ▲ بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ- پىكىرلەرنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، مەزمۇنى مول بولدى. كۆپ ساندىكى تەكلىپلەردە ئەستايىدىل مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپ، كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە ئەمەلىي مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە بولدى. ئەزالارنىڭ ئەقىل- پاراسىتى مۇجەسسەملىنىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ، خەلق ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى شۇنىڭدەك يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.  
  مۇشۇ ئاينىڭ 23- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 16:00 گىچە جەمئىي 733 پارچە تەكلىپ تاپشۇرۇۋېلىندى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ «تەكلىپ خىزمىتى لايىھەسى» گە ئاساسەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق 650 پارچە تەكلىپ تەكشۈرۈپ ئەنگە ئېلىندى. بۇ ئومۇمىي تەكلىپ سانىنىڭ %88.7 نى ئىگىلىدى. ئەزالاردىن كەلگەن خەت- ئالاقە سۈپىتىدە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پايدىلىنىشىغا 65 پارچىسى يوللاپ بېرىلدى. بۇ ئومۇمىي تەكلىپ سانىنىڭ %8.8 نى ئىگىلىدى. قالدۇرۇلغان ۋە قوشۇۋېتىلگەن تەكلىپ 18 پارچە بولۇپ، ئومۇمىي تەكلىپ سانىنىڭ %2.5 نى ئىگىلىدى. ئەنگە ئېلىنغان تەكلىپلەر ئىچىدە، ئەزالار تەكلىپى 528 پارچە، پارتىيە- گۇرۇھلار تەكلىپى 122 پارچە بولدى.
 ▲ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىغا دائىر 108 پارچە تەكلىپتە، ئاساسلىقى-- مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى تۈزۈلمىسى ۋە مىخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ دائىرىنى كېڭەيتىپ، مەزمۇننى بېيىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەش؛ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ «3 تارىخى» تەربىيەسى جەھەتتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكتىكى تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى شۇنىڭدەك ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ چېگرا باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش؛ ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەش ۋە باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق پىكىر- تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
 ▲ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتقا مۇناسىۋەتلىك 301 پارچە تەكلىپتە، ئاساسلىقى-- تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش؛ جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئىكولوگىيە ۋە ساغلاملىق جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمە تەدبىرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھوجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ ئۆزگىچە ئەۋزەللىككە ئىگە كەسپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى زورايتىپ، ئوتتۇرا- كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى يۆلەش ۋە ئىلھام بېرىش ئارقىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش؛ قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، باغ- ئورمان كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ ئوتتۇرا- كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىناۋەت سانلىق مەلۇماتلىرى سۇپىسى قۇرۇلۇشىنى تۇتقۇ قىلىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق قاتناش مۇلازىمىتى ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش؛ تولۇق دائىرىلىك ساياھەتچىلىك تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش؛ ئىجتىمائىي سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ مۇھىت ئاسراش بويىچە قانۇننى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبىغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشىكنى ئومۇمىي دائىرىلىك ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق پىكىر- تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
 ▲ خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا چېتىلىدىغان 241 پارچە تەكلىپتە، ئاساسلىقى-- يېزا- مەھەللىلەردىكى كەسپىي مائارىپ ۋە ئىجتىمائىيلاشقان تەربىيەلەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى بويىچە تەربىيەلەش ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى قوش تىللىق يەسلى مائارىپىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش؛ نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يىمەكلىك ۋە سەھىيە بىخەتەرلىك سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش؛ ئاساسىي قاتلام مەدەنىيەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئىجتىمائىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش مىخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئائىلىدە كۈتۈنۈشكە دائىر سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ شەھەر- يېزىلاردىكى «ھاجەتخانا ئىنقىلابى» نى ئىلگىرى سۈرۈش؛ شەھەرلەردىكى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش؛ خوجىلىق باشقۇرۇشنى ياخشىلاش قاتارلىق پىكىر- تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.  

▲ يىغىن يېپىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە تاپشۇرۇش يىغىنى ئېچىپ، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بېجىرىشىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپلەرنى تاپشۇرۇۋېلىش مۆھلىتىدىن كېيىن تاپشۇرۇۋېلىنغان تەكلىپلەرنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تەكلىپ كومىتېتى ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئەنگە ئالىدۇ ھەمدە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بېجىرىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى