قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەلق تۇرمۇشى ھىساباتى ئارقىلىق خەلق قەلبىنى ئىللىتىش

2018-01-26 19:47:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىزنىڭ «تولۇق قىزغىنلىق بىلەن ئىش باشلاپ، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش» دىگەن ماۋزۇدىكى يۈرۈشلۈك ماقالىسىنىڭ «خەلق تۇرمۇشى ھىساباتى ئارقىلىق خەلق قەلبىنى ئىللىتىش›» دىگەن 5- قىسمى
  پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا، خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر ئىشقا يەنە بىر ئىشنى، بىر يىلغا يەنە بىر يىلنى ئۇلاپ ئىشلەپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزۈكسىز قاندۇرۇش، ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۆتكەنكى بەش يىلدا، ئاپتونوم رايونىمىز نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى سىجىل قانات يايدۇردى. ئۇدا نەچچە يىل خەلق تۇرمۇشى چىقىمى ئادەتتىكى جامائەت خامچوت چىقىمىنىڭ %70 تىدىن كۆپرەكنى ئىگىلەپ، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قوستىق بازىرى قوستىق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق ما گوچىڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش جەھەتتىكى ياردەم پۇلى، دېھقانلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، يەنە ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تۇرۇبا سۈيى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، كەنتتىكى تار كوچىلارنىڭ ھەممىسى ئاسفالىتلاشتۇرۇلدى، يول چىراقلىرى ئورنىتىلدى. بۇ يىل ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. يەنە نۇرغۇن سىياسەتلەر ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىش تۈرلىرى كەنتىمىزدە يولغا قۇيۇلىدۇ، بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بىيىش يۇلىدا مېڭىشقا ئىشەنچىمىز بار.
  «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بۇلتۇر خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رازى بولغۇدەك «جاۋاب» قايتۇرغان. ئاپتونوم رايونىمىز شەھەر- بازارلاردا 470 مىڭ ئادەمنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلار 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن. تۈرلۈك كونا ئۆيدىن 368 مىڭ يۈرۈش ئۆزگەرتىلگەن، يېزىلاردا 300 مىڭ يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىنغان. ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ توك ئىشلىتىشىدە ئوخشاش توردا ئوخشاش باھا ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەر بىر كىلۋات توك بىر تۇتاش 3 مو 9 پۇڭ غا چۈشۈرۈلگەن. يېڭىدىن ياسالغان ۋە ئۆزگەرتىلگەن يېزا تاشيولى 28 مىڭ كىلومېتىرغا يىتىپ، 200 يېزا- بازار، 1 مىڭ 900 مەمۇرىي كەنتنىڭ يول يۈرۈش شارائىتى ياخشىلانغان. 
  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 16- ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتۇش ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فېلورە يېنېكېيېۋ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى كىشىلەر قەلبىگە ياقىدۇ. دۆلەتنىڭ مائارىپ سېلىنمىسى ناھايىتى زور بولدى. مەكتىپىمىزنى ئالساق قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىنى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. ھەممە ئەسلىھە ناھايىتى تەل. مەجبۇرىيەت مائارىپى 12 يىل، بارلىق دەرسلىك، ئوقۇش پۇلى ھەقسىز. بالىلار بىر تىيىنمۇ خەجلىمەيدۇ. بارلىق قوش تىل يەسلىلىرىنىڭ ئەسلىھە قۇرۇلۇشىمۇ ناھايىتى ياخشى. مېنىڭچە بۇنداق ئەۋزەل سىياسەت خەلققە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى.
  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپتونوم رايونىمىز قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى قۇتقۇزۇش سالمىقىنى ئۈزۈكسىز زورايتتى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، مەكىت ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسنىڭ خىزمەتچى خادىمى مەرىگۈل ياسىن مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىم شەھەر- يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بۇلىدىغانلارنىڭ قۇتقۇزۇش دائىرىسىنى ئۈزۈكسىز كېڭەيتىپ، قۇتقۇزۇش ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈردۇق. داۋالاش قۇتقۇزۇش جەھەتتە، بىر پونكىت شەكلىدىكى قۇتقۇزۇشنى يولغا قويدۇق. يەنى ئاۋال دوختۇرخانىغا بېرىپ دىئاگنۇز ئىسپاتىنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، بىز ئۇنىڭغا تالون چىقىرىپ بېرىمىز، ئاندىن دوختۇرخانىدا راسچوت قىلىدۇ، تۇغما يۈرەك كېسىلى، مىڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى دوختۇرخانىلارغا ئېلىپ بېرىپ، ئوپىراتسىيە قىلىشقا تەشكىللىدۇق.
  بۇ يىلقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، مائارىپ ئىشلىرىنى ئاۋۋال تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، داۋالاش مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، جامائەت مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىخەتەرلىك ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. قورغاس شەھىرىنىڭ باشلىقى جىڭىس خادىس مۇنداق دېدى: بۇ جەھەتتە بىز ئاممىنىڭ تەلىپىنى يەنىلا بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشىمىز؛ خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، توققۇز تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىشلىشىمىز كېرەك. مەسىلەن، ئىشقا ئورۇنلىشىش، سودىگەر ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش جەھەتتە، بىر قىسىم ئىقتىسادىي كۈچى زور، ئەمەلىي گەۋدىلىك كارخانىلارنى قورغاس ناھىيەسىگە جەلپ قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، مائارىپ ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلق قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش جۈملىدىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكى ئارقىلىق، قورغاسنىڭ ئاجىز ھالقىلىرى مەسىلەن داۋالاش جەھەتتە ئاساسىنى پۇختىلاش لازىم. بۇ ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.
تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى