قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«ئىككى يىغىن» دا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىمۇ «ياشانغاندا كۈتۈنۈش» نى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىسىگە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلدى

2018-01-26 19:47:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئىستانسىمىز خەۋىرى:
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ياشانغاندا كۈتۈش، ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش سىياسەت سىستېمىسى ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىش، ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. بۇ يىلقى «ئىككى يىغىن» دا، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىمۇ «ياشانغاندا كۈتۈنۈش» نى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىسىگە نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلدى.
  مۇشۇ ئاينىڭ 24- كۈنى چۈشتە، سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دېڭ خۇڭ بىلەن شياۋ خۇ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تۇرۇشلۇق كوئىنلۇن مېھمانخانىسىنىڭ زالىدا، ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن تەكلىپ توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ئەزا دېڭ خۇڭ يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى. 2016- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدىكى 60 ياش شۇنداقلا ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى نوپۇس 230 مىليونغا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە %30 تىدىن كۆپرەكى يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا- ئانىلار. بۇنىڭغا قارىتا دېڭ خۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ھۆكۈمەت يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەر بولۇپمۇ يالغۇز پەرزەنتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئائىلىلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈشىگە ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «مەھەللىلەردە كۈندۈزى خەۋەر ئېلىش مەركىزى» قۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ياشانغاندا كۈتۈنۈش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. ھۆكۈمەت «يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەر ياشانغاندا كۈتۈنۈش مەخسۇس پىلانى» تۈزۈشى ھەمدە ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىشقا تۇلۇقلىما بېرىشى، كۆپ مەنبەلىك جۇڭگوچە ياشانغاندا كۈتۈنۈشنى يولغا قۇيۇش لازىم. ئەگەر ياشانغانلار ئۆيدە كۈتۈنۈشنى خالىسا ئۇنداقتا مەھەللىلەرنى ياشانغاندا كۈتۈنۈشكە قاتناشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بىز ئىجتىمائىي كۈچلەرنى جەلىپ قىلساق بۇلىدۇ. مەسىلەن، پىدائىيلار مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ياشانغانلارغا كۆيۈنۈش، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشتەك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنى تەشەببۇس قىلىپ، بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق يالغۇز پەرزەنتلىك ئائىلىلەردىكى ياشانغانلارنى ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشىمىز لازىم.
  سىياسىي كېڭەش ئەزاسى شاۋ خۇ «شەھەر تاللاپ سىناق تەرەققىسىدە‹تەقلىدىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش ساناتۇرىيەسى› قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ» ئېلىپ كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تەقلىدىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش ساناتۇرىيەسى» دە، پىنسىيىگە چىققان، سالامەتلىكى نىسبەتەن ياخشى كىشىلەر ئازراق ۋاقتىنى ئاجىرىتىپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈشكە ئېھتىياجلىق كىشىلەر ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت ۋاقتى خاتىرلىنىپ جەملىنىدۇ. بۇ سالامەتلىكى ياخشى ئادەممۇ باشقىلارنىڭ كۈتۈشىگە مۇھتاج بولغاندا، كېيىنكىلەر ئۇنى ئۆزىگە ئوخشاش ياشانغاندا كۈتۈنۈش ۋاقىتلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئائىلىسىدە ياشانغاندا كۈتۈنۈش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تۇلۇقلايدۇ.
  شاۋ خۇ مۇنداق دېدى: «تەقلىدىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش ساناتۇرىيەسى» تىجارەت باشقۇرۇش، مۇلازىمەتنى تورلاشتۇرۇش، تۆۋەن تەننەرخ قاتارلىق جەھەتلەردە ئەۋزەللىككە ئىگە. نۆۋەتتە، شىنجاڭدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سۇپىسى رەسمىي يولغا قۇيۇلدى. ئەمما، ياشانغاندا كۈتۈنۈشتىكى بۇ خىل يېڭى ئەندىزە يەنىلا سىياسەت جەھەتتىكى يېتەكلەشكە مۇھتاج بۇلماقتا. ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى زور كۈچ بىلەن يېتەكلەپ، زۆرۈر ياردەم بىلەن تەمىنلىشى، ئېھتىياجلىق تەربىيەلەشلەرنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. 

 تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى