قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا ــ ئادەم

2018-01-26 19:47:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىزنىڭ «يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا ــ ئادەم» ماۋزۇلۇق خەۋىرى
  يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتىگىيەسىنى يولغا قۇيۇش ــ شەھەر- يېزىلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىيلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، «يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنى بىيىتىش» تىكى مۇھىم تەدبىر. يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ھالقا ئىختىساسلىقلاردا. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ما سۈنشيا ماناس ناھىيەسى لەنجۇۋەن بازىرى گۈمبەز كەنتىدىكى دېھقان. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ يېزىسىدا ھازىر ئەڭ كەمچىل بۇلىۋاتقىنى ئىختىساسلىقلار. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر يېزىمىزدا ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا كەمچىل بۇلىۋاتىدۇ. كەنتىمىزدە ئىختىساسلىقلارنى قىزىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققاندىلا كەنتنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بۇلالايمىز. ئەڭ ئاخىرى، گۈزەل يۇرتىمىزنى قۇرۇپ چىقىمىز، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئۆز تىرىشچانلىقىمىزغا تايىنىشقا توغرا كىلىدۇ.
  دېھقانلار «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» نىڭ ئاساسى، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئاساسىي كۈچ. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا،«يېزا ئىگىلىكىنى چۈشىنىدىغان، يېزىنى ياخشى كۆرىدىغان، دېھقانلارنى سۆيىدىغان» «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمەت ئەترىتى يېتىشتۈرۈپ چىقىش، ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. بۇ يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تۈپ ئاساسى، يېڭى دەۋردە يېزا ئىگىلىكى، يېزا كادىرلىرى ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ يۆنىلىشى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىكرو ئورگانىزم تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى گو ۋېنچاۋ، يېزىدا بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئىلغار ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ تەسىرى چوڭ، ئۈنۈمى تېز بولدى، دېدى. گو ۋېنچاۋ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتى بىلەن ئۇزاق مۇددەت شۇغۇللانغان بولۇپ، ئىلگىرى كەنتتە مەركەزلىك دەرس ئۆتۈش، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش قاتارلىق خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. ئەمما، ئۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىغان. بۇلتۇردىن باشلاپ ئۇ خىزمەتداشلىرى بىلەن خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:«ھەر بىر كەنتتە بىز بىر، ئىككى ئائىلىنى تاللاپ، ئۇلارنى كونكرېت تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكلەپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇپ، ئۇلار تۇرۇشلۇق كەنتتىكى باشقا دېھقانلارغا تەسىر كۆرسەتتۇق. بىز تاللىغان ھەر بىر دېھقاننى تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىپ، ئاندىن قەرەللىك پىكىر ئالماشتۇردۇق. جۈملىدىن نەق مەيدانغا بېرىپ، يۈز تۇرانە مۇلازىمەت قىلدۇق. ئەسلىدە بىز بىر كەنتنى تاللاپ تەربىيەلەپ بولغاندىن كېيىن كېتىمىز دەپ ئويلىغان. ھازىر بىز ئېتىز- ئېرىق باشلىرىغا بېرىپ، دېھقانلارنى ئۆز ئەمەلىيىتىنى سۆزلەتكۈزۈپ، ئەتراپىدىكىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تېخنىكىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىۋاتىمىز.»
  يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ـــ يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، بىر تۈركۈم مۇلازىمەت قىلىشنى بىلىدىغان، باشقۇرۇشقا ماھىر يېزا ئاساسىي قاتلاملىرىدىكى باشقۇرغۇچى ئىختىساسلىقلارغا مۇھتاج. گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسى تۆۋەن قۇمكۆل كەنتىدە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىلىرى نۆۋەت بىلەن دىجورنىلىك قىلىدىغان بىرلەشمە ئىش بىجىرىش زالى ئەڭ ئالدىراش جاي ھىسابلىنىدۇ. بۇ يەردە تەسىس قىلىنغان «ئەرزىيەت ئىشلىرى بويىچە كۈتۈۋېلىش»، «ئىجتىمائىي كاپالەت»، «ئونۋېرسال تەرتىپكە سېلىش مۇلازىمىتى» دىن ئىبارەت ئۈچ كۆزنەك كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەرز- شىكايەتلىرىنى قۇبۇل قىلىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا  قاتارلىق كەسپلەرنى بىجىرىدۇ ھەمدە سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى ئېلىپ بارىدۇ. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن كەنت كادىرلىرى بىرگە بىر ياردەم بېرىپ، يۈز تۇرانە ئىش بىجىرىپ، ھەر ۋاقىت پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ياردەم بېرىش- يۆلەشتىن مەسلىھەت بېرىدۇ. كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەكبەر مامۇت مۇنداق دېدى: بىرلەشمە ئىش بىجىرىش زالى كەنت ئاھالىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىپلا قالماستىن، يەنە كەنت كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈردى. يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ــ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، كەنتتىكى «ئىككى كومىتېت» بەنزە باشلامچىلىرىنىڭ ئىقتىدارلىق بولۇشى ۋە ئەمەلىي ئىشلىشىگە مۇھتاج. بىز خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، خىزمەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتۇق. كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز يېقىنلاشتى. 50 كەنت ئاھالىسى پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى. ئەل قەلبى مۇجەسسەملەنگەندىلا گۈزەل يېزا قۇرۇپ، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ.
  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە تۆۋەن قۇمكۆل كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى ئايشەم يۇنۇس مۇنداق دېدى: ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش جەھەتتە بىز بەنزە قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، «يەتكۈزۈش، ياردەم بېرىش، يېتەكلەش» ئارقىلىق كەنتتىكى «ئىككى كومىتېت» بەنزىسىنىڭ ئاساسىي مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ قايتماس قوشۇن قۇرۇپ چىقىمىز.
  جەنۇبىي شىنجاڭ ـــ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ مۇھىم نوقتىسى. تەبىئىي مۇھىت قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلى، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى باشقا رايونلارنىڭكىدىن ئارقىدا قالغان. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاكادېمىك چېن توڭ مۇنداق دېدى: جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىنى گۈللەندۈرۈشتە بىرىنچىدىن، دېھقانلارنىڭ ساپا سەۋىيەسىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئۆستۈرۈش؛ ئىككىنچىدىن، دېھقانلارنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۈملىدىن دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كەسپىي مائارىپ جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ ئۈچىنچىدىن، دېھقانلارنىڭ پەن- تېخنىكىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى ۋە ئىلىم- پەن بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۈچەيتىش؛ تۆتىنچىدىن، دېھقانلارنىڭ سىرىت بىلەن ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى ۋە بازار ئېچىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مېنىڭچە يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتىگىيەسىدىكى مۇھىم ھالقا ئادەمدە، دېھقانلاردا، دېھقانلارنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە. دېھقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگەندە، جەنۇبىي شىنجاڭنى بىيىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ.

  تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى