قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 2- قېتىملىق يىغىن ئاچتى

2018-01-26 19:54:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن كېيىن 2- قېتىملىق يىغىن ئاچتى.

  قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلىرى چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، دۇڭ شىنگۇاڭ، مانەن زەينەل يىغىنغا قاتناشتى. ۋاڭ يۇڭمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما شۆجۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىنىڭ سايلىشى ۋە ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇلىدىغان تۈرلۈك نامزاتلارنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى توغرىسىدا بەرگەن ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، تۈرلۈك نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، تۈرلۈك نامزاتلارنىڭ ئىسىملىكىنى ھەيئەت رىياسىتى كۆرسەتكەن نامزات سۈپىتىدە ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىغا قويۇش قارار قىلىندى؛ ۋەكىللەرنىڭ بىرلىشىپ نامزات كۆرسىتىش ۋاقىت چېكى توغرىسىدىكى قارار ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، يىغىندىن كېيىن، قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسى ئۇنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىگە بېسىپ تارقاتتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى