قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى:

2018-01-26 20:15:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇش كېرەك

مۇخبىرىمىز دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 1- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان، ئۆزى تۇرۇشلۇق قەشقەر ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ۋەكىللەر بىلەن بىرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىز قولغا كەلتۈرگەن تۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، دىققىتىنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرگەنلىكى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى بىزگە ئىدىيە يېتەكچىسى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى بولىدۇ، تېخىمۇ ئېغىر، مۈشكۈل بولغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەربىر خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، بەجانىدىل كۈچەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلغا، بولۇپمۇ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر سالساق، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا 2018- يىللىق خىزمەتلەر 12 جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يىغىن روھىنى ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: قەشقەر ۋىلايىتى شىنجاڭدىكى مۇھىم رايون، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مۇھىم بازار. قەشقەر ۋىلايىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دىققەتنى باش نىشانغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدا باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىم بولۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشتى، پۈتۈن شىنجاڭدا مۇھىم رول ئوينىدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، «تۆت ئاڭ»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشكە، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشقا بەجانىدىل كۈچىشىمىز؛ دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا بەجانىدىل كۈچىشىمىز؛ دىققەتنى ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشكە قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بەجانىدىل كۈچىشىمىز؛ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت «ئۈچ چوڭ جەڭ»نى ياخشى قىلىشنى كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن «ئون جەھەتتىكى يېڭى ۋەزىيەت»، «توققۇز تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت»نى چۆرىدەپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بەجانىدىل كۈچىشىمىز؛ خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشكە بەجانىدىل كۈچىشىمىز؛ پارتىيەنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاشقا بەجانىدىل كۈچىشىمىز كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن نازارىتىنى، خەلق ۋەكىللىرىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىغا رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىدۇ.

  ۋاڭ يۇڭمىڭ، نىجات سۇلتان، جەرۇللا ھېسامىدىن، گۈلشات ئابدۇقادىر قاتارلىق ۋەكىللەر قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى