قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

نۇرلان ئەبىلمەجىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

2018-01-26 20:15:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يىلتىز تارتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن 1- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق خىزمەتتە دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يىلتىز تارتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا ئۆتكەن بەش يىللىق ۋە 2017- يىللىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ۋە 2018- يىللىق خىزمەت تەسەۋۋۇرى، نىشان- ۋەزىپە ۋە ئاساسلىق تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باشتىن- ئاخىر ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىنىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپتۇ، دوكلات كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئۆگىنىش، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يۈرۈشلۈك «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرىنى قەتئىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئەڭ مۇھىم بىلىپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى نامرات ئاھالىلەرنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنى چىڭ تۇتۇپ، «ئۈچ يۇقىرى» تۈرلەرنىڭ ئىلى ئوبلاستىغا كىرىشىنى قەتئىي چەكلەپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل ئىلىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ئېتىقادتا، سىياسىيدا، مەسئۇلىيەتچانلىقتا، ئىقتىداردا ۋە ئىستىلدا قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات»نى قەتئىي تۈزەپ، «ئوننى ياخشىلاش»، «ئوننى قىلماسلىق» كېرەك. ئەمەلىيەتكە، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى