قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بىڭتۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى

2018-01-26 20:15:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېڭى دەۋردە بىڭتۈەن خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى نەتىجە يارىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك

مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىڭتۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكى 1- ئاينىڭ 22- كۈنى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. بىڭتۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسار سۈن جىنلۇڭ، بىڭتۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ قوماندانى پېڭ جيارۈي قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

  سۈن جىنلۇڭ قاراپ چىقىشتا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9- قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت» تەدبىرى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى مەركەزلىك گەۋدىلەندۈرۈلۈپتۇ، ئۆتكەن بەش يىللىق ۋە بۇلتۇرقى خىزمەتلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا خۇلاسىلىنىپ، قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي تەھلىل قىلىنىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ۋەزىپىلەر نۇقتىلىق، گەۋدىلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ، بۇ يىللىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدىغان يېڭى كەيپىيات، يېڭى ئىرادە نامايان قىلىنىپتۇ، دوكلات ئوبيېكتىپ، ئەمەلىي، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ.

  سۈن جىنلۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بەش يىلدا، بولۇپمۇ 2017- يىلى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، يېڭى دەۋردە شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «بىڭتۈەن تەرەققىي قىلسا، شىنجاڭ تەرەققىي قىلىدۇ، بىڭتۈەن كۈچەيسە، شىنجاڭ كۈچىيىدۇ» دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى گۈللەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىغا ناھايىتى ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەردى.

  سۈن جىنلۇڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىڭتۈەندىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە بىڭتۈەننىڭ ئورنى توغرىسىدىكى تەلىپىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى بىڭتۈەننىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، 2018- يىللىق خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى پىلانلىشى، بولۇپمۇ بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشى، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۈەننىڭ ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

  بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن شاۋ فېڭ، ليۇ جيەنمىڭ قاراپ چىقىشقا قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى