قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

لى پېڭشىن ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى:

2018-01-26 20:15:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

مۇخبىرىمىز چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن 1- ئاينىڭ 22- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۆزى تۇرۇشلۇق ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى قاراپ چىققاندا لى پېڭشىن مۇنداق دېدى: دوكلاتتا ئۆتكەن بەش يىللىق نەتىجىلەر ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا خۇلاسىلىنىپتۇ، ۋەزىيەت توغرا، چوڭقۇر ئانالىز قىلىنىپتۇ، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىدا نىشان ئايدىڭ، تەسەۋۋۇر ئېنىق، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلىك، تەدبىر كۈچلۈك بوپتۇ، بۇ دوكلات كىشى قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان، جەڭگىۋارلىققا ئىلھام بېرىدىغان، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان ياخشى دوكلات بوپتۇ، مەن ئۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

  لى پېڭشىن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، ئاپتونوم رايون يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىشلىرىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئاپتونوم رايون 2017- يىلى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە، تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى مەركەز قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، خەۋپ- خەتەردىن مۇداپىئەلىنىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. دوكلاتتا ئاپتونوم رايوننىڭ 2018- يىللىق ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئانالىز قىلىنىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەش، جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەت ئۆزگىرىشىنى پۇختا ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق كۆزلىمە نىشانى، 2018- يىلىدىكى 12 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت ۋە كونكرېت تەدبىرلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇ، مەركەزنىڭ روھىغا تامامەن ئۇيغۇن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، قەتئىي تەۋرەنمەي مۇقىملىقنى قوغداپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجرا قىلىشنى تۇتۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلارنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئاچقۇچ.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى