قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنى 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2018-01-26 20:15:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يىغىنغا نۇرلان ئەبىلمەجىن، لى پېڭشىن قاتناشتى

          13 ئەزا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ چوڭ يىغىندا سۆز قىلدى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنى 1- ئاينىڭ 23- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 2- قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، 13 ئەزا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىدېئولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا چوڭ يىغىندا سۆز قىلدى.

  سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، مۇتەللىپ قاسىم، ماغاۋ سېيتقامزا، جاۋ چۇڭجيۇ، جاۋ چىڭ، كۇڭ شىڭلۇڭ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىدى.

  بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، جاڭ بو، مۇتەللىپ ئوبۇل، دوۋ ۋەنگۇي، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا جاڭ بو رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ئەزا بۇھەجەر ئابلا مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرى تاراتقۇلىرىنى بىرىكتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاراتقۇ ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساسىي ئېقىم جامائەت پىكرى تاراتقۇلىرىنىڭ تارقىتىش كۈچىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش كېرەك.

  ئەزا جيا ديەنزېڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشى ۋە نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق نۇقتىلىرىنى تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى چوڭ سانلىق مەلۇمات كەسپى توپى مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئەزا شېڭ چۈنشوۋ مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، دائىملاشتۇرۇپ، تۈزۈملەشتۈرۈپ، بوشاشماي تىرىشىپ، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

  ئەزا باۋ ئەنمىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: شەھەر- بازارلارنىڭ يەسلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، يەسلىنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بالىلارنى دەسلەپكى تەربىيەلەش ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئەزا ليۇ چۈەنشىن مۇنداق دېدى: بازار ئېھتىياجىنى يېتەكچى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى يادرو قىلىپ، خاس باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ۋە يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئەزا ئورازبېك راسۇلقان مۇنداق كۆرسەتتى: كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش- دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە ئىقتىدارىنى قوغداپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  ئەزا ما خۇادۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئىلغار تېخنىكىنى ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىشنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردا بېيىش باشلامچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نامرات ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئەزا تۇرغان پىدا مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، دىنلارنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئەزا يوۋ جياڭبىن مۇنداق تەكلىپ بەردى: جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدا كەسپىي مائارىپنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى كەسپىي مائارىپ مەكتەپلىرىنى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئەزا ياۋ شىنكۇي مۇنداق تەكلىپ بەردى: زامانىۋى ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنى تېزلىتىپ، نەسىللىك ئاتلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئەسلىي نەسىللىك ئاتلارنى قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئات مەدەنىيىتىنى تارقىتىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىگىلەپ، ئاتچىلىق كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئەزا مېڭ چىڭسەي مۇنداق دېدى: كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق نامرات رايونلاردىكى خەلقنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىشى، قايتا نامراتلىشىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى