قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى

2018-01-28 20:50:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 1- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئېچىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى(لايىھە) ۋە قارالمىسى(لايىھە) قاراپ چىقىلدى؛ سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئىچكى ئاپپارات لايىھەسى ۋە كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش قارارى(لايىھە) قاراپ چىقىلدى، يۇقىرىقى ئىشلارنى سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى چېڭ جېنشەن، جۈرئەت ئىمىن، ماغاۋ سېيتقامزا، جاڭ بو، مۇتەللىپ ئوبۇل، كۇڭ شىڭلۇڭ، دوۋ ۋەنگۈي، چيۇ شۇخۇا، ياڭ يۇڭ، ئىلھام سابىر، ما شيۇڭچېڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى