قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلدى

2018-01-28 20:50:23     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە يېڭى تۆھپە قوشايلى

مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى 1- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قارالمىسى، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئىچكى ئاپپارات لايىھەسى ۋە ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى ماقۇللاندى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق دېدى: يېڭى دەۋردە يېڭى بىر نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىنىڭ سىياسىي قارارىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشنى ئۆز قۇرۇلۇشىمىزنى تۇتۇشتىن باشلاپ، ئاڭلىق توغرىلىنىپ، تىرىشىپ بۇ نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنى ئېتىقاد جەھەتتە، سىياسىي جەھەتتە، مەسئۇلىيەت جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە كۈچلۈك كوللېكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا، بىر نىيەتتە بولغان كۈچلۈك كوللېكتىپ قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچى، بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: بايرىقىمىز روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، «تۆت ئاڭ»نى قەتئىي پۇختا تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تېخىمۇ قەتئىي ھالدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلىپىنى سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. ئۆگىنىشنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ماھارىتىمىزنى ھەقىقىي ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، تەتبىقلاشنى بىر- بىرىگە باغلىشىمىز، بىلىش، ئېتىقاد قىلىش، ھەرىكەت قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە ۋە خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتى توغرىسىدىكى يېڭى بايانى، يېڭى تەلىپى، يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. باشتىن- ئاخىر باش نىشاننى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، باش نىشاننى زىممىمىزگە ئېلىپ، باش نىشاننى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى ھەر ۋاقىت باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئەمەلىي ئىشلەش، ئىستىلنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. «تۆت كەيپىيات»، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي تۈگىتىپ، «ئوننى ياخشىلاش»، «ئونغا يول قويماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئوبرازىنى ئاڭلىق ھالدا ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك. ئەمەلىي ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، قۇرۇق گەپ سېتىشتىن ساقلىنىپ، دەل جايىدا كۈچەپ، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە ئەلرايىنى پائال ئىنكاس قىلىپ، كېڭىشىش، مۇزاكىرە قىلىشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۈردە ياخشى، سالمىقى بار پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى بېرىشىمىز كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەستىقلىغان كېڭىشىش پىلانىنى چۆرىدەپ، «ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش»، «ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش» قاتارلىق تېمىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى پىلانلىشىمىز، ياخشى قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە، ئىقتىدار جەھەتتە، ئىستىل جەھەتتە كۈچلۈك، ساداقەتمەن، پاك، مەسئۇلىيەتچان ياخشى سىياسىي كېڭەش كادىرى بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەشنى، ئەزالارنى، خەلق ئاممىسىنى رازى قىلىشىمىز كېرەك.

  سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى