قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

2018-01-29 13:33:38     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى دۆلەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن- تېخنىكا سىستېمىسىدىكىلەر باغچىلاشقان كەسپلەر رايونى، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا- كىچىك ۋە مىكرو كارخانىلار  يادرولۇق تېخنىكا ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، پەن- تېخنىكا جەھەتتىكى يېتەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلەتمەكتە.
   يېقىندىن بۇيان، شەرق شامىلى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىدىكى تەتقىقات خادىملىرى پاكىزە ئېنىرگىيە مەنبەلىك قار سۈپۈرۈش ماشىنىسى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا. بۇ ماشىنىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى-- مۇھىت ئاسراشتىن ئىبارەت بولۇپ، شەرق شامىلى ئاپتوموبىل گۇرۇھى شىنجاڭ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ ئېنژىنىرى لى جىچياڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى، كارخانىمىز ئەنئەنىۋى ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدا غەمگە چۈشكەنىدى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازارنى يېتەكچى قىلغان يېشىل تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كارخانىمىز بۇنىڭدىن تەرەققىياتنىڭ يېڭى يولىنى تاپتى. ھازىرقى بۇ مەھسۇلات-- مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان بولۇپ، مەخسۇس ماتور ئىشلىتىلىدۇ ھەمدە قار سۈپۈرۈش، دۆۋىلەش، مۇزلارنى قىرىپ چىقىرىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ھازىرلىيالايدۇ. كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارى ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى ئاپتوموبىلنىڭ يېرىمىچە بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېشىل تەرەققىياتقا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ-- پاكىزە ئېنىرگىيە مەنبەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يۈزلىنىشكە ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بىز بۇ جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىمىز.
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، «يېڭىلىق يارىتىش--تەرەققىياتنى يېتەكلەيدىغان بىرىنچى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ، زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك تىرىكى» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېقىندا، پەن- تېخنىكا مىنىستىرلىقى شىنجاڭدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا شەھەرچىسىگە رەسمىي ۋېۋىسكا تارقىتىپ بەردى. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا شەھەرچىسى جايلاشقان ئورۇن-- سانجىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا باغچىلاشقان رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ليۇ خۈەيراڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى جەمئىيەتنى ئىستىمال ماتىرىياللىرى بىلەن تەمىنلەش ياكى سانائەتنى خام ماتىرىيال بىلەن تەمىنلەش ھالىتىدىن ئىكولوگىيەنى ھىس قىلىش، ئارام ئېلىش، ساياھەت قىلىش، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قاتارلىق تۈرلۈك ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان يېزا ئىگىلىكىگە يۈزلىنىشتە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىكى، تۈجۈپىلىك يېزا ئىگىلىكى ۋە ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ تور بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. باغچىلاشقان رايونىمىز بۇ جەھەتتە نۇرغۇن ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ باردى ۋە يېڭىلىق ياراتتى. بۇ يىل ۋە بۇنىڭدىن كېيىن، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىمىزنى ئۈلگە سۈپىتىدە كېڭەيتىمىز ۋە باشقىلارنى يېتەكلەيمىز.
«يېڭىچە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىختىساس ئىگىلىرىگە تايىنىپ دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈش ئىستىراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇشىمىز؛ يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەشكىللەشنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ پەن- تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتتىكى ئومۇمىي ئورۇنلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇشىمىز كېرەك» نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە تارماقلار «شى جىنپىڭ: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى چۆرىدىگەن ھالدا، تۈرلۈك  سىياسەتلەرنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە. ئاپتونوم رايونلۇق پەن- تېخنىكا نازارىتى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە كەسپلەشتۈرۈش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ خەيتاۋ مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىن كېيىن، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىنى قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋە ئازايتىش، پەن- تەتقىقات راسخوتىنى چىقىرىۋېتىش قاتارلىق سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز؛ تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنى دۆلەتنىڭ ئېتىبارلىق سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن قىلىپ، كارخانىنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىپ، ئۇلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى