قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

2018-01-30 11:15:50     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 1-ئاينىڭ 29-كۈنى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 27- كۈنىدىكى كېڭەيتىلگەن يىغىنى بىلەن ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، 12- نۆۋەتلىك سىياسىي كېڭەش رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرىنىڭ ئىش تەقسىماتىنى ئېلان قىلدى. سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆز ئىش تەقسىماتىغا بىرلەشتۈرۈپ ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى. يىغىندا يەنە يېقىنقى مەزگىلدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى،  رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
 يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، باشلامچىلىق بىلەن «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي، جاسارەت بىلەن تۇلۇق ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، سىياسىي مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشى، سىياسىي ئىقتىدارنى بولۇپمۇ يۆنىلىشنى، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى، ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانىنى ئومۇمىيۈزلۈك ئىجرا قىلىشى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىدە دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشى، باش نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا چارە- تەدبىر ئويلاپ، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. بىلىمىم، قابىلىيىتىم، ئىقتىدارىم يېتەرلىك ئەمەس دېگەن تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى، ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى كۈچەيتىپ، مەڭگۈ بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىق، بىپەرۋالىق قىلماسلىق، ئىقتىدارنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرۇش، ئىستىلنى يەنىمۇ ياخشىلاش، پاك- تەلەپچان بولۇش مىزانى، ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش، مەسئولىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياخشى روھىي ھالەت ۋە خىزمەت ئىستىلى بىلەن سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنى پۇختا، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇشى كېرەك.
 يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: نۆۋەتتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، ئورگاننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش، 1- شۇجى ئەۋەتىش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، پائالىيەتنى ئۈنۈملۈك قىلىش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ زور تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. ئىككىنچى، 2018- يىللىق پارتگۇرۇپپا خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ۋەزىپىسى ۋە نىشان، تەلەپلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى باش نىشاننى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى زىچ چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئەمەلىي نامايەن قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىنىڭ مۇلازىمەت كاپالەت خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرۇشلۇق مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پائال ئىنكاس قىلىپ، مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىشى ۋە مەدەت بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلىش ۋە قولغا كەلتۈرۈش لازىم.   

 تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى