قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن» دا، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى

2018-01-30 19:26:06     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
  بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن» دا، كۆپ سانلىق ۋەكىل، ئەزالار دىققەتنى «پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكى» گە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق ساياھەتچىلىككە قاتنىشىش ئارقىلىق، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەتنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
  «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» تا: «شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىكى ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچ ۋە ئىستىقبالغا ئىگە مۇھىم تۈۋرۈكلۈك كەسپ. بىز ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ سىجىل، مۇقىم بولۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇشىمىز كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى. تېكەس ناھىيەسى تارىخىي مەدەنىيەت شەھىرى- سەككىز بۇرجەكلىك شەھەر ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە دۇنيا تەبىئىي مىراس ئورنى- قاراجون مەنزىرەگاھى بار. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، تېكەس ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى جاڭئېرسىن نۇراش مۇنداق دېدى: تىكەس ناھىيەسى بۇ ئىككى ئالتۇن كوزىرغا تايىنىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ساياھەتچىلىككە قاتنىشىشغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. بىز كەڭ چارۋىچىلارنى يېتەكلەپ ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ ساياھەتچىلىككە يۈزلىنىپ، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز. بىز ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، سۇ، توك، جۈملىدىن بۇلغىما چىقىرىش قاتارلىق بۇ ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالايدىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى ياخشى تەربىيەلەپ. ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى، ساپاسىنى ئۆستۈرىمىز. 
  ئاپتونوم رايونىمىز 2017- يىلى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ساياھەتچىلەردىن 107 مىليون ئادەم قېتىم كۈتۈۋالدى. بۇ 2016- يىلىدىكىدىن %32.4 كۆپ بولدى؛ ساياھەتچىلىك ئۇنىۋېرسال ئىستېمالى 182 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2016- يىلىدىكىدىن %30 ئاشتى. ساياھەتچىلىك  ئىناقلىق، مۇقىملىقنىڭ بارومېتىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە بىر قېتىم كىشىلەرگە، شىنجاڭنىڭ ياخشى جايلىقىنى نامايەن قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ساياھەت تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ياڭ جاۋپىڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىيات بوشلۇقى ئىنتايىن چوڭ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك. ئالايلۇق، دېھقانلار مەيلى دېھقانلار شاتلىقى ئارامگاھى ئاچسۇن ياكى ئۈزۈمزارلىق ئاچقانلار بولسۇن ئائىلە ياتاقخانىسى، ئائىلە يېمەك- ئىچمەك ئورنى ئېچىپ، بەزى قوشۇمچە بىۋاستە تېتىپ بېقىش، ئۆز قۇلى بىلەن ئۈزۈپ يەش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويسا ئۇلارنىڭ كىرىمى بىر ھەسسىدىن ئىككى ھەسسىگىچە ئېشىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە بۇ كەسىپلەر سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، جانلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.
  ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت بايلىقى مول. بۇ ۋىلايەت ساياھەت كەسپىنى ئاساسلىق كەسىپ قىلىپ، 1- كەسىپنى كۈچەيتىش، 2- كەسپنى جانلاندۇرۇشتەك تەرەققىيات تەسەۋۇرىنى بېكىتتى. ئالتاي ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى قادېن كەبىن مۇنداق دېدى: پۈتۈن رايۇن ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، مەنزىرە ئالاھىدىلىكى ۋە مىللىي ئۆرپ- ئادەتنى نامايەن قىلىش كېرەك. بىز ئالاھىدە ساياھەت كەنتى، ئورمان بازىرى، ئوتلاق بازىرى قۇرۇلۇشنى تېزلىتىپ، يېزا- قىشلاق ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈستىدە زور كۈچ بىلەن ئىزدىنىمىز، خېيلۇڭجياڭ، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوللىشىدا، مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى يېزا ئۆتەڭ قۇرۇلۇشىنى يولغا قۇيۇپ، ھەر بىر يېزىنى مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورىغا كەلگەن ساياھەتچىلەر بارىدىغان ئۆتەڭ ۋە مۇلازىمەت پونكىتىغا ئايلاندۇرماقچى بولىۋاتىمىز. بىز بۇ يىل 10 ئۆتەڭ قۇرۇپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، مىڭ چاقىرىملىق رەسىم كارىدورى ئارقىلىق، 100 كەنتنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، 10 مىڭ ئۆيلۈكنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىغا يېتىمىز.   ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ياڭ جاۋپىڭ مۇنداق دېدى: پۈتۈن رايون ساياھىتىگە ئومۇمىي خەلق قاتنىشىدۇ. سەۋىيە تۆۋەن، سۈپەت تۆۋەن بۇلۇپ قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. جايلار نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى ۋە قېلىپلاشتۇرۇشى لازىم. بىز يەنىلا بىر قاتار ئۆلچەم تۈزۈشكە ئېھتىياجلىق. ھازىر بەش يۇلتۇزلۇق دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى بار. ئۇلار بىر قاتار ئۆلچەملەر بىلەن قىلىپلاشتۇرۇلدى ۋە يېتەكلەندى. يەنە بىر قاتار نازارەت قىلىش تەدبىرىمۇ بار. بۇلار ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭىدىن خىزمەتكە كىرگەنلەرنى بەزى جەھەتلەردىن تەربىيەلەش، بىر تەرەپتىن، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇش، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش؛ يەنە مۇناسىپ مۇلازىمەت، تېخنىكا ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنىڭ پۈتۈن رايون ساياھەتچىلىكىگە قاتنىشىشغا تۈرتكە بولۇپ، ئۇلارنى پۈتۈن رايون ساياھىتى جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى