قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىنى ئۇزاققىچە مۇقىم داۋاملاشتۇرايلى

2018-01-30 19:28:04     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىزنىڭ «قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىنى ئۇزاققىچە مۇقىم داۋاملاشتۇرايلى» ماۋزۇلۇق ماقالىسى
 قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم قورالى. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش قانۇن ئىدارە قىلىش تايانچىدىن؛ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھاپىزىتىدىن؛ پۇقرالارنىڭ بەخت- سائادىتى قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشتا، ئالدى بىلەن قانۇن چىقىرىشنىڭ يېتەكچىلىك ۋە تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ئېنىق قىلىپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشتا، چوقۇم «ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك يول بىلەن قانۇن چىقىرىش، قانۇن بويىچە قانۇن چىقىرىش» نى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ «توڭزې» ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادۋوكاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شۇۋېي مۇنداق دەپ قارىدى: «ئاپتونوم رايوننىڭ <تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى> نى يولغا قويۇش چارىسى» نى تۈزۈپ ئېلان قىلىش، «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى» نى تۈزۈشتىن تارتىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ كۆمۈر، نېفىت، تەبىئىي گاز ئېچىش مۇھىت ئاسراش نىزامى»، «ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىت ئاسراش نىزامى» قاتارلىق زور بىر تۈركۈم يەرلىك نىزاملارنى تۈزۈش ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈشكىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى نىزام چىقىرىشتا مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى يەرلىك نىزام چىقىرىش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئىجتىمائىي ساھەلەردە نىزام چىقىرىش داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. ۋاڭ شۇۋېي مۇنداق دېدى: بۇ جەھەتتە ئىنتايىن زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى ۋە يېڭىلىق يارىتىلدى. باش نىشاننى چۆرىدەپ، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە نۆۋەتتىكى دەۋرنىڭ تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، بىز زور بىر تۈركۈم يەرلىك نىزاملارنى تۈزۈپ ۋە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مۇقىملىق خىزمىتىنى قانۇن ئاساسى بىلەن تەمىنلىدۇق. بۇندىن كېيىن بىز بۇ روھنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن قانۇن چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، نىزامنىڭ قاراتمىلىقى ۋە مەشغۇلاتچانلىقىنى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىمىز.
قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشتا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەدلىيە ئادىللىقىدا چىڭ تۇرۇش، تەپتىش نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىغا ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى مېڭ شىمىن مۇنداق دەپ قارىدى: سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قاتارلىق قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق جەڭگىۋار قوشۇنى چوقۇم باشلامچى بولۇشى كېرەك. ئۆز پائالىيىتى ئارقىلىق، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە ئادىللىققا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. مەسىلەن، سوت مەھكىمىسى سوت قىلىش ئىجتىمائىي يېتەكلەش رولىنى ئويناپ، قىممەت يۆنىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى، جامائەتچىلىكنى ئىجابىي يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەدلىيە پائالىيىتى ئارقىلىق، كۆپچىلىككە جەمئىيەتنىڭ نېمىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.
قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەت قۇرۇشتا، ئومۇمىي خەلقنىڭ قانۇن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. ئاپتونوم رايونىمىز نۆۋەتتە ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا (بازار)، كەنت (مەھەللە) دىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك قانۇن ياردىمى تورى قۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك قانۇن ئىشلىرى خىزمەتچىلىرى ئاممىغا قانۇن ياردىمى بېرىش پائالىيىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرماقتا؛ جايلاردىكى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە ئەل ئىچى تەشۋىقاتچىلىرى يېزا- مەھەللىلەردە قانۇن- نىزام بىلىملىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇن يىللىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇننى بىلىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى قوللىنىش، قانۇن ئارقىلىق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش ئېڭى تەدرىجىي كۈچەيدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، تولى ناھىيەسى تولى بازىرى قانۇن مۇلازىمىتى ئورنىنىڭ مۇدىرى گاۋ خۇيلىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قانۇن ئېڭى زور دەرىجىدە ئۆستى. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەشۋىقاتى ھەر بىر دېھقان، چارۋىچى، ئاھالە، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىسىگىچە قاراتمىلىق ھالدا تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. باشقىلارغا قانۇن ياردىمى بېرىپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى ناھايىتى ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى