قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

2018-01-31 11:26:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
1-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى «تۆت ئاڭ» ۋە «تۆت ئىشەنچ»نى ئۈزۈكسىز كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى، داھىيلىق نوپۇزىنى قوغداشنى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى ئېنىق سىياسىي مىزان ۋە تۈپ سىياسىي تەلەپ قىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا ھەقىقىي سىڭدۈرۈپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
 يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھەممىدىن مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە ۋە خىزمەت ئاساسىي تېمىسى قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق چۈشىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. دېققەتنى باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. باش نىشان ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاش، قانات يايدۇرۇش، ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىستىل ئۆزگەرتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. شىنجاڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى ۋە ئاساسىي جەڭ مەيدانى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى ساقلاش ۋەزىپىسى ئېغىر بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى مەسىلىسىدە ھېچقانداق ئالاھىدە ئىدىيە بولماسلىقى كېرەك دېگەن قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «ئىستىل دۇرۇس بولماسلىق ئەڭ چوڭ دۈشمەن» ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى