قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن» ھەر مىللەت كادىر-ئاممىغا ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاكتىپ ئىشلەشنىڭ يېڭى سىگنالىنى ياڭراتتى

2018-01-31 11:59:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئەمدىلا ئاخىرلاشقان ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن» ھەر مىللەت كادىر-ئاممىغا ئەمەلىيەتچىل بولۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئاكتىپ ئىشلەشنىڭ يېڭى سىگنالىنى ياڭراتتى. بىر قانچە كۈندىن بۇيان، كۆپچىلىك «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»نى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دەۋر يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، فۇكاڭ شەھىرى سانىخان ياشانغانلارنى بېقىش نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى سانىخان ھېيتەم ئۆيگە قايتىپلا، ئۆزىنىڭ ياشانغانلارنى بېقىش نۇقتىسىدا ئاھالىلەرگە ئاپتونوم رايونلۇق «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى تەشۋىق قىلدى. ئۇ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. فۇكاڭ شەھىرى مەدەنىيەت يولى مەھەللىسىدىكى ئاھالە چىن شۇخۇا مۇنداق دېدى:- پارتىيەنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى، مېيىپلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئاڭلاپ بەك خۇشال بولدۇم. ئىككى يىغىندىكى پۇقرالارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن كۆڭلىمىز ئىللىپ كەتتى.
سانىخان ھېيتەم مۇنداق دېدى:- پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت پۇقرالارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، داۋالىنىش، ئوقۇتۇش جەھەتتە نۇرغۇن ئېتىبار سىياسەتلەرنى يولغا قويدى. مەن بىر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەزالىق رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىنى ئىككى يىغىن روھىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىشقا تەشكىللەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يۇرتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئاھالىلەرنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈشىدە تېگىشلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن.
«شى جىنپىڭ: دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومىدا، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. قاراقاش ناھىيەسى مېھمان كۈتۈش مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى مەمەت ئابلا بۇرۇن بىر دېھقان بولۇپ، ئۆيىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، تۇرمۇشى جاپالىق ئىدى. بۇلتۇر بىر قاتار خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، ئۇلار ئائىلە بويىچە يېزىدىن قاراقاش ناھىيە بازىرىغا كۆچۈپ كەلدى. مەھەللە كادىرلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن تەدبىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ كىچىك تىجارەت قىلىشىغا ياردەم قىلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى بارغانسېرى ياخشىلىدى. بۇ مەزگىلدە، مەمەت ئابلا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار خۇش خەۋەرلەرنى ئىگىلەپ، غەيرىتى تېخىمۇ ئاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى:- ھازىر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بەك ياخشى، كېسەل كۆرسىتىشكە ئاساسەن پۇل خەجلىمەيمىز، يەنە ئاتا ـ ئانامنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ھەل قىلدىم. بۇ ياخشى سىياسەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق ئۈچۈن ھەقىقىي ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتۇق. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا، تۇرمۇشىمىزنىڭ بارغانسېرى بەختلىك بولۇشىغا ئىشىنىمىز.
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىلقى «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىمۇ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. قۇمۇل شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى تارماقلىرىنىڭ كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلىرى «ئىككى يىغىن»نىڭ روھىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېشىل تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلىپ، شەھەرنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، شەھەر باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇمۇل شەھىرىنىڭ يېشىل تەرەققىيات ۋە ياشاشقا باب كېلىدىغان شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. قۇمۇل شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىمىر ئىمىن مۇنداق دېدى:- بىز قۇمۇل شەھەر رايونىنىڭ كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىدىغان پار قازانلارنى چېكىندۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىشنى توك ۋە گاز يېقىلغۇ قىلىشقا ئۆزگەرتىش نىشانىنى تەدرىجى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، قۇمۇل شەھەر رايونىنىڭ ھاۋا مۇھىتىنى يەنىمۇ ياخشىلايمىز. قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىنى يىغىش ۋە قايتا پايدىلىنىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شەھەر-يېزا تۇرمۇش ئەخلىتىنى بىر تەرەپ قىلىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كىشىلەرنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلايمىز. شەھەر يول تورى قۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شەھەر يوللىرى ۋە قىسمەن يېزا يوللىرىنى ئۆزگەرتىپ، شەھەر رايونىنىڭ قاتنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تور مەركىزى