قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېزىلاردىكى ئامما ئۈچۈن بەخت يولى ياساش

2018-02-06 18:20:53     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

− توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا

 ئىلاۋە:

  پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېزا تاشيوللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يېزا تاشيوللىرىنى ياخشى ياساش، ياخشى باشقۇرۇش، ياخشى ئاسراش، تىرانسپورت تىجارىتىنى ياخشى قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، يېزا تاشيوللىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇشنى سەمىمىي ئۈمىد قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى ھەم كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىپ، ھاللىق سەۋىيەگە يۈزلىنىش يولىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. يېقىندا مۇخبىرلىرىمىز كېرىيە ناھىيەسى، توقسۇ ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسى، سانجى شەھىرى قاتارلىق جايلاردا «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنىڭ ئەھۋالىنى نەق مەيدانغا بېرىپ زىيارەت قىلىپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنىڭ «ئادەم ۋە بايلىق توپلاش»، «ئاساسىي قاتلامدىكى ئەلرايىنى مۇجەسسەملەش»، «يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزىلارنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» جەھەتلەردىكى تىپىك ئۆرنەكلىرىگە مەركەزلەشتۈردى. بۈگۈندىن باشلاپ، گېزىتىمىز مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنى كەينى- كەينىدىن بېرىدۇ، دىققىتىڭلار گېزىتىمىزدە بولغاي.

    «تۆت ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشى

  توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ قاتناش يىرىك پىلان خەرىتىسىنى ئېچىپ قارىساق، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان گۈزەل مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.

  بۇ گۈزەل مەنزىرىگە تايانچ بولغىنى توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە ئېكولوگىيەلىك كىلىماتى ۋە مۇھىتى بولۇپلا قالماي، يەنە ھەممە تەرەپكە تۇتاشقان قاتناش يول تورىدۇر. G578، S242 قاتارلىق مۇھىم دۆلەت ۋە ئۆلكە غول لىنىيەسى توققۇزتارا ناھىيەسىدىن كېسىپ ئۆتكەچكە، توققۇزتارا ناھىيەسى ئاساسىي تايانچ سۈپىتىدە، ھەرقانداق بوران- چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كۈچىنى نامايان قىلدى.

  2017- يىلى توققۇزتارا ناھىيەسى مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدىكى «تۆت ياخشى يېزا يولى» بويىچە ئۈلگىلىك ناھىيە دېگەن نامغا ئېرىشتى. شەرەپنىڭ كەينىگە توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا تاشيول قۇرۇلۇشى، يول ئاسراش، باشقۇرۇش، تىرانسپورتنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يول تىرانسپورت مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۈرلۈك تىرىشچانلىقى ھەم توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ قاتناش قۇرۇلۇشى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات بوغما ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىكى ۋە ئۇنى دادىل سىنىغانلىقى يوشۇرۇنغان.

  كۆپ يىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىش نەتىجىسىدە، توققۇزتارا ناھىيەسى دۆلەت ۋە ئۆلكە تاشيول غول لىنىيەسىنى مەركەز، مۇھىم يېزا تاشيوللىرىنى رامكا، ئادەتتىكى يېزا تاشيوللىرىنى تارماق قىلغان تاشيول قاتناش تورىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى، قاتناش قۇرۇلۇشىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى يېتەكلەيدىغان بەخت يولىنى ئاچتى.

    يېڭى يول ئىچىش

  توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ شەرقى كۈنەس ناھىيەسى بىلەن، شىمالى ۋە جەنۇبى ئايرىم- ئايرىم نىلقا ناھىيەسى ۋە تېكەس ناھىيەسى بىلەن، غەربى چاپچال ناھىيەسى بىلەن قوشنا، جۇغراپىيەلىك ئورنى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ مەركىزىدە، لېكىن رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ئانچە كۆرۈنەرلىك ئەمەس.

  توققۇزتارا ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىم چياۋ شۆگاڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى مەركەز قورشاۋدا قالدى، توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز، تاشيول قۇرۇلۇشى نىسبەتەن ئارقىدا بولغاچقا، تەرەققىيات مۇھىم ئامىلىنىڭ توققۇزتارا ناھىيەسىدە توپلىنىشىغا توسالغۇ بولۇپ، جۇغراپىيەلىك مەركەز تەرەققىياتتا ئالدىدا ماڭالمايدىغان چەت رايونغا ئايلىنىپ قالغانىدى.

  توققۇزتارا ناھىيەسى بۇنداق پايدىسىز ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، قاتناش قۇرۇلۇشى قىلىپ، گۈزەل توققۇزتارا ناھىيەسىنى چەكلەپ تۇرغان ھەممە توسالغۇنى تۈگەتمەكچى بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن توققۇزتارا ناھىيەسى پۈتۈن ناھىيەنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، تاشيول ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى. 2015- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە، ناھىيە بويىچە 113 تاشيول قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلىنىپ، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 953 مىليون يۈەنگە، ئومۇمىي مۇساپىسى 765.6 كىلومېتىرغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېزا تاشيوللىرىدا پۈتۈن كۈچ بىلەن «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» يول ياسىلىپ، ناھىيە «ياساش ۋە ئاسراشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، راۋان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش»نى پىرىنسىپ قىلىپ، يول ئاسراش ئەترەتلىرىنى كۈچەيتىپ، يول ئاسراش ئاپتوموبىلىنى كۆپەيتتى. ھازىر ناھىيە بويىچە ھەممە يېزا- بازاردا 3- دەرىجىلىك يول ياسىلىپ، 98.76% مەمۇرىي كەنتنىڭ يولىغا ئاسفالت ياتقۇزۇلۇپ، يېزا تاشيوللىرىنى ئاسفالتلاشتۇرۇش نىسبىتى 2010- يىلىدىكى %42 تىن ھازىرقى %95كە يېتىپ، يېزا تاشيول ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈپتىن ياخشىلاندى.

    بېيىش يولى ياخشى ياسالدى

  2- ئاينىڭ بېشىدا توققۇزتارا ناھىيەسىدە تېمپېراتۇرا خېلىلا تۆۋەن ئىدى. توققۇزتارا ناھىيەسىدىن ئاپتوموبىل بىلەن ئون مىنۇتتا بارغىلى بولىدىغان توققۇزتارا بازىرىنىڭ تاشكەن باي ساز كەنتىنىڭ كوچىلىرى ئىنتايىن پاكىز بولۇپ، كەنتتىن ناھىيەگە بېرىپ- كېلىدىغان ئاپتوموبىللار تۈز يولدا تەرتىپلىك قاتناۋاتاتتى.

  توققۇزتارا بازىرى تاشكەن باي ساز كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى جاۋ شۆرۇڭ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە بۇ يول يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ماڭىدىغان يول بولۇپ، شەھەرنىڭ ئاپتوموبىللىرى قەتئىي كىرەلمەيتتى. ئىلگىرى بۇ كەنتتە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولغاچقا، ناھىيەنى ساقلاپ ئولتۇرغان بىلەن بېيىغىلى بولمايتتى، يول ئەڭ چوڭ توسالغۇ ئىدى.

  جاۋ شۆرۇڭ مۇنداق دېدى: 2017- يىلى كەنت بويىچە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىم 13 مىڭ يۈەندىن ئاشتى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يۈزلىنىش ئىشەنچىسى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتقا قارىغاندا تېخىمۇ ئاشتى. يول راۋانلاشقاندىن كېيىن، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچى بولدى، بەزىلىرى ھەتتا ئۇششاق تىجارەت قىلىپ، ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى، تاشكەن باي ساز كەنتىمۇ كىشىلەر كېلىشنى خالىمايدىغان نامرات كەنت ھالىتىنى ئۆزگەرتتى.

  يوللار تۇتاشتۇرۇلۇپ يەرلىكتىكىلەرنىڭ سىرتقا چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپلا قالماي، يەنە سىرتتىكىلەرنى بۇ يەرگە كېلىشكە جەلپ قىلدى. توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ تاشتۆپە يېزىسى باقباي كەنتى ئىلگىرى نامرات كەنت ئىدى، يېزا يوللىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بۇ يەردە خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىش بولدى. باقباي كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى شيا خۇا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر بىز تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، بۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى، مۇھىت ئەۋزەللىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ياغلىق ئاق چوغلۇق تېرىدى ھەم جاڭجياگاڭ شەھىرىدىن ياغلىق ئاق چوغلۇقنى پىششىقلاش كارخانىسىنى كىرگۈزۈپ، كەنتنىڭ دېھقانچىلىق سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق.

    بەخت يولى تىرانسپورت تىجارىتىنى ياخشى قىلىش

  توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ يېزا- كەنتلىرىدە ئاپتوموبىللىق ماڭسىڭىز ئۆزگىچە تۇيغۇغا كېلىسىز، يېزا تاشيوللىرىنى ياساش، ئاسراش سەۋىيەسى شەھەرنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.

  توققۇزتارا ناھىيەلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇنەۋۋەر راشىدىن مۇنداق دېدى: توققۇزتارا ناھىيەسى يېزا تاشيوللىرىنى ئاسراش خىزمىتىدە ئاممىنى «ئىشىك ئالدىدىكى قارنى تازىلاش»قا سەپەرۋەر قىلىپلا قالماي، ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ئۆستەڭلەرنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق كۈندىلىك ئاسراش خىزمەتلىرىنىمۇ ياخشى ئىشلىدى، يەنە كەسىپلەشكەن، قاتتىق جەڭ قىلالايدىغان يېزا يوللىرىنى ئاسراش ئەترىتى پۈتۈن ناھىيەدىكى يېزا تاشيوللىرىنى ئاسراشنى زور كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  توققۇزتارا ناھىيەلىك يېزا تاشيوللىرىنى ئاسراش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇ شەن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر بۇ جايدىكى 100دىن ئارتۇق ئاممىنى ئەتىيازلىق تاشيول ئاسراش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ۋاقىتلىق تەكلىپ قىلدۇق، ھەر بىر كىشىنىڭ ئايلىق كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 5000 يۈەنگە يېقىنلاشتى، 1975- يىلى قۇرۇلغان توققۇزتارا ناھىيەلىك يېزا تاشيوللىرىنى ئاسراش ئەترىتى باشقۇرىدىغان ۋە ئاسرايدىغان يېزا تاشيوللىرى دەسلەپكى 30 كىلومېتىردىن ھازىرقى 881 كىلومېتىرغا كۆپەيدى، ئىلگىرى ئات ھارۋىسىغا تايىنىپ ماتېرىيال توشۇپ قۇرۇلۇش قىلىناتتى، ھازىر تۈرلۈك تاشيول ئاسراش ئاپتوموبىل- ئۈسكۈنىلىرى 55 كە يەتتى، تاشيول ئاسراش ئەترىتىنىڭ تۇراقلىق مۈلكى ئىلگىرىكى 170 نەچچە مىڭ يۈەندىن 48 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى.

  تاشيول قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش، ئاسراش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى يېزا تاشيوللىرىنىڭ تىرانسپورت تىجارىتىنى پۇختا ئاساسقا ئىگە قىلدى. مۇنەۋۋەر راشىدىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسى يېزا- بازار(مەركىزىي) يولۇچىلار تىرانسپورت بېكىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا يولۇچىلار تىرانسپورت بازىرىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، «ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ھۆكۈمەت ئىشىغا ئىشلىتىش» ئەندىزىسى قاتارلىق چارىلەرنى يولغا قويۇپ، يېزا يولۇچىلار تىرانسپورتىنى تورلاشتۇرۇش، ئاممىۋى قاتناش قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى، يېڭىدىن بەش يېزا- بازار يولۇچىلار تىرانسپورت بېكىتى ۋە كەنت دەرىجىلىك 50 قىسقا توختاش بېكىتى قۇرۇلدى، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 51 يولۇچىلار تىرانسپورت لىنىيەسى قۇرۇلدى، يولۇچى توشۇش لىنىيەسىگە 302 ئاپتوموبىل سەپلەندى، قاتناش باشلانغان مۇساپە 1798 كىلومېتىرغا يەتتى، يېزا يولۇچىلار تىرانسپورتى 13 يېزا- بازار ۋە 53 مەمۇرىي كەنتنى قاپلىدى، يېزىلارنىڭ يولۇچى توشۇش قاتناش نىسبىتى %100كە يەتتى. ھازىر توققۇزتارا ناھىيەسىدىكى يېزا- بازارلاردا چىرايلىق يولۇچى بېكەتلىرى ۋە كەنتلەردە قىسقا توختاش بېكەتلىرى بارلىققا كەلدى، يولۇچىلار نۆۋەتچى لىنىيەسى تىرانسپورتى، شەھەر كىرا يولۇچىلار تىرانسپورتى، شەھەر- يېزا ئاممىۋى قاتنىشىنى ئاساس قىلغان ئۈچ مەنبەلىك يولۇچىلار تىرانسپورت سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللىنىپ، شەھەر بىلەن بازارلار تۇتاشتۇرۇلدى، قولايلىق ھەم تېز بولۇپ، كۆپ خىل تاللاش ئىمكانىيىتى بارلىققا كەلدى، پۇقرالارنىڭ ماڭىمىز دەپلا ماڭالايدىغان يېزا يولى يولۇچىلار تىرانسپورتى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى