قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھېكمەتلىك ئۈنچىلەر...

2018-02-07 13:04:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاتا ۋە ئانا ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەردۇر. ئۇلۇغلىرىمىز: «ئاتا ئەڭ تونۇشلۇق ۋە ئۇلۇغ؛ ئانا بولسا ئەڭ تەلەپچان ۋە مېھرىبان» دېگەنكەن. بىزدە يەنە «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەتلىسەڭ، پەرزەنتلىرىڭدىن ھۆرمەت كۆرىسەن» دېگەن گەپ بار. ئەجدادلار: «ئەقىللىق پەرزەنت ئانا مېھرىنى ئەستىن چىقارمايدۇ، كىچىككىنە بىر ئىشقا كىرىشكەندىمۇ ئانىسىنى ۋاقىپلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ رازىلىقىنى ئالىدۇ. ئانىسىنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىپ، مەسلىھەتىگە ئەمەل قىلىدۇ» دېگەنىكەن. بىز بۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپ، مېھرىبان ئانىلىرىمىزنىڭ مۇڭلۇق ئەللەي ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ ئەتىۋارلىشى بىلەن چوڭ بولدۇق. ئۇلارنىڭ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرى، مېھىر - مۇھەببىتى ھۇجۇدىمىزغا سىڭگەن بولغاچقىلا، بىز ھاياتتىن نۇرغۇن خۇشاللىقلارغا ئېرىشەلىدۇق» ئۇلارنىڭ بىزگە بېغىشلىغان مۇھەببىتى دۇنيادىكى ھەر قانداق مۇھەببەتتىن ئۆستۈن بولغان ئۇلۇغ مۇھەببەتتۇر.

كەڭ قورساق بولۇش - كىشىنى ھۆرمەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. باشقىلارغا كۆپرەك خۇشاللىق ئاتا قىلىش ئۆزىگە تېخىمۇ كۆپ خۇشاللىق ئېلىپ كەلگەن بىلەن باراۋەر. بىر ئادەم باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قانچە كۆپ كۆرەلىسە، ئۇنىڭ خۇشاللىققا ئېرىشىشىمۇ تەبىئىي ھالدا شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ناۋادا بىر ئادەم باشقىلارنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرىدىن بەھرە ئالالىسا، ئۇ ھالدا ئۇ  كەڭ قورساق كىشىگە ئايلىنالايدۇ - دە، كېيىن بىرەر مەسىلىگە يولۇققان چاغدىمۇ مەسىلىنى ئاسانلا ھەل قىلىپ كېتەلەيدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا نۇرغۇن گۈزەل نەرسىلەرنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. كەڭ قورساق بولۇش بىر خىل خۇشاللىق ئىش، چۈنكى كەڭ قورساقلىق ئەزەلدىن خۇشاللىققا ئېرىشىشتىكى داغدام يول.

ﺋﯩﻨﺴﺎنلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﮭﺮى - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﭼﯧﮕﺮاسىز، ﺋﻮ ﺋﻮرﺗﺎق ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﺪە كىشىلەرنى بىر - بىرىگە ﺑﺎﻏلاپ تۇرىدۇ. مۇھەببەت ﺋﯚزﺋﺎرا ﺧﺎﻟﯩﺲ ﻧﯩﻴﻪت ۋە ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪت ئارقىلىق ﺳﯘﻧﯘق ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪرﮔﻪ ﺗﻪﺳﻪﻟﻠﯩﻲ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻪﻣﺘﯩﺮﯨﮕﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯜﻣﯩﺪۋارﻟﯩﻖ ۋە ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜچ ﺑﻪﺧﺶ ﺋﯧﺘﯩﺪۇ. ﺋﯘ ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﯧﺮق، ﻣﯩﻠﻠﻪت ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ دﯨﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪ ﺳﯚﻳﯜﻧﯜش ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻴﺎلاﻳﺪۇ. دۇﻧﻴﺎ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﯧﮭﺮى - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﺎراﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﺸﯩﺪۇ. ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﻣﯧﮭﺮى - ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻳﯩﻤﺎﻳﻠﻰ. ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪتنى، ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ ﭼﯩﻦ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯚﻳﯜپ، ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﻳﻠﻰ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى